ھازىرقى ئورنىڭىز: باشبەتتەۋسىيەلەر>تەپسىلىي مەزمۇن
بەدىنىمىز بىر جەلىپكار كىتاب
2012-يىلى03-ئاينىڭ10-كۈنى / تەۋسىيەلەر / ھازىرچە ئىنكاس يوق / كۆرۈلۈشى : 1 قېتىم+

تۈك: ھەركۈنى تەخمىنەن100-150تالغىچە چاچ ئۆزلۈكىدىن زەخمىلىنىپ چۈشۈپ كېتىدۇ. چاچنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى يىلىغا تەخمىنەن 12.7سانتېمېتىر بولۇپ، باش تېرىنىڭ ھەركۇۋادىرات سانتېمېتىر يېرىدە تەخمىنەن 600تالچە چاچ بولىدۇ. تېرە: تېرە-ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ چوڭ ئەزا. بىر قۇرامىغا يەتكەن كىشىنىڭ بەدىنىنىڭ سىرتقى يۈز تېرىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن تەخمىنەن 1.3~1.6كۇۋادىرات مېتىرغىچە بولىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئاياللارنىڭ تېرىسىنىڭ قېلىنلىقى ئەرلەرنىڭكىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىچىلىك بولىدۇ. كۆز: دۇنيادا تامامەن ئوخشاش ئىككى دانە كۆز بولمايدۇ. باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا، سىز كۆزىڭىزنى ھەربىر مىنۇتتا تەخمىنەن 15قېتم چىمچىقلىتىسىز؛ ھالبۇكى، بىرەر نەرسە ئوقۇغاندا بولسا پەقەت ئالتە قېتىملا چىمچىقلىتىسىز. قۇلاق: ئەگەر سىزنىڭ قۇلىقىڭىز ئادەتتىكى كىشىلەردىن چوڭ بولسا، ئۇ ھالدا كىشىلەر سىزنى كەڭ قورساق، ئەپۇچان كىشى، دەپ قارايدۇ. چىش: چىشنىڭ ئېمال قەۋىتى ئادەم بەدىنىدىن پۈتۈپ چىققان ئەڭ قاتتىق ماددا، چىش دوختۇرىنىڭ ئۈشكىسىنى مىنۇتىغا 1مىليۇن قېتىم ئايلاندۇرغاندىلا ئاندىن ئۇنى تەشكىلى بولىدۇ. پۇت: ئەگەر پۇتىڭىزنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى نورمال بولسا، ئۇنداقتا پۇتىڭىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەدەن ئېگىزلىكىڭىزنىڭ %15 ىگە باراۋەر كېلىدۇ. سۆڭەك: بىر ئادەتتىكى قۇرامىغا يەتكەن ئادەمنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى سۆڭەكنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 4.5كىلوگىرام بولۇپ، بوي ئېگىزلىكى1.80سانتېمېتىر بولغان بىر ئادەمنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرگەندىن كېيىن قېلىپ قالغان جەسەت كۈلىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 400گىرام ئەتراپىدا بولىدۇ. مۇسكۇل: ئادەم بەدىنىدە جەمئىي639پارچىدىن كۆپرەك مۇسكۇل بار بولۇپ، مۇسكۇل توقۇلمىسى سائىتىگە قويۇپ بېرىدىغان ئىسسىقلىقىنىڭ مىقدارى بىر لېتىر سۇ قاينىتىشقا يېتىدۇ. چوڭ مېڭە: ئىنسانلار چوڭ مېڭىسىنىڭ ئېغىرلىقى 1.4 كىلوگىرام بولۇپ، چوڭ مېڭە خىزمەت قىلۋاتقاندا ھاسىل قىلغان ئېلىكتىر ئېقىمى 20ۋاتلىق بىر دانە لامپۇچكىنىڭ خىزمەت قىلىشىغا كەتكەن ئېلېكترون ئېقىمىغا باراۋەر كېلىدۇ. قان: قان يۈرەكنىڭ بىر تەرىپىدىن يۈرەكنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە يېتىپ بېرىش ئۈچۈن چوقۇم پۈتۈن بەدەننى بىر ئايلىنىپ چىقىشى كېرەك. يىغىنچاقلىغاندا، ئادەم بەدىنىدىكى قاننىڭ كۈندىلىك ئېقىش مۇساپىسى تەخمىنەن 270مىڭ 370كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بۆرەك: ئەگەر سىزنىڭ ئىككى بۆرىكىڭىزنىڭ چوڭ –كىچىكلىكى نورمال بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ مىنۇتىغا سۈزىدىغان قاننىڭ مىقدارى 95مىللىلىتىر بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ بۆرىكىدە يەنە 1مىليۇن دانىدىن كۆپرەك بۆرەك كانالچىلىرى بولىدۇ. تال: تال نورمال ئەھۋال ئاستىدا تۆت ئايغىچىلا ياشىيالايدىغانن قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنى تازىلاش ۋە قايتا پايدىلانغىلى بولىدىغان ماددىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش رولىنى ئۆتەيدۇ. شۆلگەي: ئوتتۇرىچە ئۆمۈر بويىچە ھېساپلىغاندا، بىر ئادەم پۈتۈن ئۆمرىدە تەخمىنەن 38000لىتىر شۆلگەي ئىشلەپ چىقىرىدۇ. ئارتېرىيە تومۇرى: ئارتېرىيە تومۇرىدىكى ھاۋا كۆپۈكچىلىرى ئادەتتە ‹‹ ھاۋا ئېمبولىزمى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەگەر بىرپەس كۈچلۈكرەك ھاۋا كۆپۈكچىلىرىنىڭ ئادەم تېنىگە كىرىشىدىن ھاۋا ئېمبولىزمى شەكىللىنىپ قالسا، شۈبھىسىزكى جاننى ئالىدۇ. كۆڭۈللۈك خاتىمە ھامىلە بالىياتقۇدىكى چېغىدىلا كۈلۈشنى بېلىدىكەن. شۇغىنىسى، قاپاق تۈرۈشنى بولسا تۇغۇلۇپ ئالتە ئايدىن كېيىن ئاندىن ئۆگىنەلەيدىكەن. كۈلۈمسىرەش كۈچ تېجەيدىغان بىر خىل ئىپادە بولۇپ، ئۇ پەقەت 17 تال مۇسكۇلىنىڭ ھەرىكىتىدىن پۈتىدۇ. ئەمما، قاپاق تۈرۈش بولسا 43دانە مۇسكۇلنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشىغا تايىنىدۇ. نوقۇل كۈلۈمسىرەش چوڭ مېڭىنىڭ ئېندورفىن ناملىق خىمىيىلىك ماددىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ماددا يېنىك دەرىجىدىكى روھىي ھوزۇرلىنىش تۇيغۇسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەلۇم بىر ئالىمنىڭ قارىشىچە، ھەرقانداق بىر ئىپادە كۈلۈمسىرەشكە ئوخشاش ھەممە ئادەم بىلىدىغان، يەنى دۇنياۋىلاشقان بولمايدىكەن، ھەتتا قاپاق تۈرۈشىمۇ ئۇنداق بولمايدىكەن. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر ئادەمنىڭ 100قېتىم كۈلگەندە خوراتقان ئېنىرگىيە مىقدارى قولۋاقنى ئون مىنۇت ھەيدىگەندە خۇراتقان ئېنىرگىيە مىقدارىغا تەڭ بولىدۇ. قاقاقلاپ كۈلۈش كىشىنى راھەتلەندۈرىدۇ. شۇڭىلاشقا، بەزى روھىي كىسەل مۇتەخەسسىسلىرى قاقاقلاپ كۈلۈشنى جىددىيلىك ياكى باشقا بەزى روھىي كېسەللەرنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ھېساپلايدۇ. ئەگەر ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى ئارقىغا ياندۇرۇپ ئاڭلىسىڭىز، كۈلكە ئاۋازىدىن باشقا بارلىق ئاۋازلار ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئەگەر سىز ئۆيدە بىر كۈن يالغۇز ئولتۇرسىڭىز، ئۆيدە ئادەم بولغاندىكىگە قارىغاندا 30قېتىم ئاز كۈلىسىز.

مەنبە: ‹‹ئادەم بەدىنى ھەققىدە ھېكايە››ناملىق كىتاب

قېنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يېزىڭ

باش سۈرەت؟