ھازىرقى ئورنىڭىز: باشبەتتەۋسىيەلەر>تەپسىلىي مەزمۇن
بىزنى ئارزۇ-ئارماندىن مەھرۇم قىلىدىغان ئىشلار
2012-يىلى03-ئاينىڭ04-كۈنى / تەۋسىيەلەر / ئىنكاس سانى 3 / كۆرۈلۈشى : 1 قېتىم+

بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى يۈز ئوقۇغۇچىنىڭ.«مېنىڭ ئارزۇيۇم»تېمىسىدىكى ماقالىسىنى يىغىپتۇ.بۇ يۈز ئوقۇغۇچىنىڭ ئارزۇسى يۈز خىل ئىكەن.بىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچىسىنى كۆرۈپ باقايلى:

كۆزەينەك تاقايدىغان بىر بالا مۇنداق يېزىپتۇ«مېنىڭ كۆزۈم ياخشى بولمىغاچقا،ھەر قېتىم ۋاسكىتبول ئوينىغاندا،ھېچكىم مېنى ئالغىلى ئۇنىمايدۇ.مەن چوڭ بولغاندا،كۆزى ناچار ئادەملەر قاراپ قويسىلا ساقىيىپ كېتىدىغان بىر ئەسۋاب ئىجاد قىلىمەن.ئۇ چاغدا ھېچكىم كۆزەينەك تاقىمايدىغان بولىدۇ».

بىر قىز ئوقۇغۇچى مۇنداق دەپ يېزىپتۇ«مەن چوڭ بولغاندا،كىيىم لاھىيەلىگۈچى بولۇپ،ھەممە ئادەمنى كېپىنەكتەك چىرايلىق ياسىۋەتسەم دەيمەن» .

يەنە بىر ئوقۇغۇچى مۇنداق دەپ يېزىپتۇ:«مەن كەلگۈسىدە ھايۋانات باغچىسىنىڭ باشلىقى بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.چۈنكى مەن ھايۋانلارغا بەك ئامراق،ئۇ چاغدا مەن مايمۇن،تاغىل ئات،زىراپىلەرنى كۈندە كۆرۈپ تۇرالايمەن».

يېڭىدىن بالنىستىن چىققان بىر ئوقۇغۇچى مۇنداق دەپ يېزىپتۇ:«ئۇكۇل سالسا بەك ئاغرىيدىكەن،مەن كەلگۈسىدە ئاغرىتمايدىغان ئۇكۇل سېلىش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلىمەن.ئۇ چاغدا ھېچكىم ئۇكۇلدىن قورقمايدىغان بولىدۇ».

ئارىدىن 30 يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ.كاللىسى سەبىي خىياللار بىلەن تولغان ئاشۇ بالىلارمۇ ئوتتۇرا ياشقا بېرىپ قاپتۇ.ھېلىقى مۇئەللىممۇ پېنسىيىگە چىقىپتۇ.بۇ يۈز بالىنىڭ تەقدىرى زادى قانداق بولغاندۇ؟مۇئەللىم ئىزدەپ-سوراپ يۈرۈپ ھېلىقى يۈز ئوقۇغۇچىنى تېپىپتۇ.

ئەپسۇسلىنارلىقى،بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت بىرىلا،يەنى ھېلىقى كىيىم لاھىيەلىگۈچى بولۇشنى ئويلايدىغان قىزچاقلا ئارزۇسىغا يىتىپتۇ.ئۇ كىيىم لاھىيەلىگۈچى بولغاندىمۇ،خېلى داڭلىق لاھىيەلىگۈچى بوپتۇ.ئۇ مۇئەللىمدىن كەلگەن تېلىفۇننى ئېلىپ ھاياجان بىلەن:«شۇنداق مۇئەللىم،مېنىڭ خىياللىرىم ئاخىرى رىئاللىققا ئايلاندى.مېنىڭ ئارزۇيۇم سىز تاپشۇرغان ماقالىنى يېزىشتىن باشلانغان.شۇ كۈندىن باشلاپ،ئاشۇ ئىستەك مېنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىمنى باشقۇرۇپ كەلدى.مېنى بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشتۈردى»دەپتۇ.

ئۇنداقتا، قالغان 99 ئوقۇغۇچىچۇ؟

ئۇلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۆزىنىڭ يازغان ماقالىسىنى ئەسلىيەلمەپتۇ.بەزىلىرى:«كىچىك ۋاقتىمدىكى ئارزۇيۇم نېمە بولغىيتتى؟تازا ئېسىمدە يوق.سىز ئۇ ماقالىنى ھازىرغىچە ساقلىدىڭىزما؟رەھمەت سىزگە.مېنىڭ كىچىك ۋاقتىمدىكى ئارزۇلىرىمنى بەكمۇ بىلگۈم بار»دەپتۇ.

بەزىلەر:«ئۇ ئارزۇيۇمنىڭ قاچاندىن باشلاپ تۇرمۇشۇمدىن يوقالغىنىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.ھازىر كاللامدا پەقەت ئۇنىڭ غۇۋا ئىزناسىلا بار»دەپتۇ.

ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك:«ئەگەر ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولسىدى،چوقۇم ئۆمرۈمنى ئىلگىركىدەك ئىسراپ قىلىۋەتمىگەن،ھەممىنى قايتىدىن باشلىغان بولاتتىم»دىيىشىپتۇ.

شۇنىڭ بىلەن بۇ مۇئەللىم بۇ توقسان توققۇز ئوقۇغۇچىغا: سىلەر ئېغىر كۆرمەي بۇ قېتىم«مېنى ئارزۇ-ئارمىنىمدىن مەھرۇم قىلغان ئىشلار»دېگەن تېمىدا بىردىن ماقالە يازساڭلار دەپتۇ.

ئۇزۇن ئۆتمەي 99 پارچە ماقالە مۇئەلللىمنىڭ قولىغا تولۇق تىگىپتۇ.ئۆكۈنۈش ۋە پۇشايمانغا تولغان بۇ ماقالىلەر كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان«ئارزۇ-ئارماننى قانىتىدىن ئايرىغان،ئارزۇ-ئارمان گۈللىرىنى توزۇتقان نەرسە زادى نېمە؟»دېگەن سۇئالغا جاۋاپ بېرىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىپتۇ.

ھازىرغا قەدەر جەمئىي 3 پارچە ئىنكاس قالدۇرۇلدى. ئۇنىڭ ئارىسىدا زىيارەتچىلەر 2 پارچە، بىكەت باشلىقى 1 پارچە ئىنكاس قالدۇردى.

  1. ئىقبال : 2012-يىلى03-ئاينىڭ16-كۈنى02:52:48  1-قەۋەت جاۋاب

    سىزگىمۇ رەھمەت دوستۇم ، پات-پات كىرىپ تۇرۇڭ…..

  2. خاپىلىق : 2012-يىلى03-ئاينىڭ14-كۈنى20:20:27  2-قەۋەت جاۋاب

    ياخشى ئەسەرلەر يوللىنىدىكەن،مەن بىر-بىرلەپ ئوقۇپ چىقتىم. مۇئەللىم كەڭ خېرىدارلار بېكىتىگە رەھمەت .

  3. ئەلپىدا : 2012-يىلى03-ئاينىڭ05-كۈنى10:40:42  3-قەۋەت جاۋاب

    ھەي ، تۈنۈگۈندىن بۇيان بلوگىم ئېچىلماي ئەجەب بىر قىسىملا بولۇپ قالدىم دېسە . ئۆيۈم تۇرۇپ كىرەلمەي ئۇ ، بۇ دوستلارنىڭ كەپىسىنى تاۋاپ قىلىپ يۈردۈم مۇشۇنداق …

قېنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يېزىڭ

باش سۈرەت؟