ھازىرقى ئورنىڭىز: باشبەتيازمىلىرىم>تەپسىلىي مەزمۇن
ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىش كىرەك؟
2012-يىلى02-ئاينىڭ28-كۈنى / يازمىلىرىم / ھازىرچە ئىنكاس يوق / كۆرۈلۈشى : 1 قېتىم+

يىڭىچە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى، يىڭىچە رىقابەت، يىڭى دەۋرنىڭ ئىھتىياجى، تەلىپى، ھەيدەكچىلىگى بىلەن مائارىپ سىپىمىزدە بولۇپمۇ ئوقۇتۇش خىزمىتىدە يىڭى - يىڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كىلىپ، بۇرۇنقى مائارىپىمىزنىڭ بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ، يىتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، جەمئىيەت ۋە بالىلار ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان تەربىيلەش ئۇسۇلىلىرىنى بەرپا قىلىپ، بىزنى ئاجايىپ خۇشاللاندۇردى، شۇنداقلا ئوقۇتۇشنىڭ باشلامچىلىرى بولغان بىز ئوقۇتقۇچىلارنى ھەم ئالدىرىتىپ ، ھەم گاڭگىرىتىپ قويدى.

جۈملىدىن مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يىڭى دەرسخانا تەلىپىگە لايىقلىشىىش ئۈچۈن ئالدىراش ئۆگىنىش، سىناق قىلىش بىلەن بىرگە، قانداق ماسلىشىش، قانداق ئۇسۇل قوللىنىش، يەنە نىمىلەرنى ھازىرلاش توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىپ تۆۋەندىكىدەك يەكۇن چىقاردىم.

مائارىپ مەسلىسىدە، مەيلى قانداقلا دەۋر، قانداقلا ئوقۇتۇش ۋە ئىسلاھات بولىشىدىن قەتئنەزەر، ھەممىسىدە چوقوم سۇپەت مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنداقتا، ئوقۇتۇش سۇپىتىنى قانداق قىلغاندا تىخىمۇ يۇقىرى كوتەرگىلى بولىدۇ؟

1.ئەڭ ئالدى بىلەن مەكتەپ مۇدىرلىرى ئوقۇتۇشقا چوڭقۇر چۆكۈشى لازىم .

چۈنكى مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپتىن ئىبارەت بىر چوڭ ئائىلىنىڭ ئاتىسى ، يول باشچىسى . مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيىسى مەكتەپ ئوقۇتۇش ، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ .

ئوقۇتۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش دېگەندە ؛ دەرسىخانىغا كىرىپ شەكىلگە 3-4سائەت دەرس ئۆتۈپ قويۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن :

(1) ھەپتىدىكى 40سائەتلىك خىزمەت ۋاقتىدىن بىر سائەت ۋاقىت ئاجرىتىپ ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈش ئەھۋالى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە قاتنىشىش ئەھۋالى ، كانسىپىك يېزىش ، تاپشۇرۇق ئىشلەش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈپ ، ئوقۇتۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشى ، كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ئۇستىدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىشى ، ئوقۇتۇشقا ئىلمىي يىتەكچىلىك قىلىشى لازىم .

(2)بىر سائەت ۋاقىت ئاجرىتىپ ، بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى ئاڭلاپ ، باھا بىرىشى ۋە بۇ ئارقىلىق يىڭى ، ياش ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىگە يىقىندىن ئاكتىپ كۈچ چىقىرىشى لازىم .

(3)بىر سائەت ۋاقىت چىقىرىپ ، ئوقۇتۇش گۇرۇپپىلىرىنىڭ پائالىيىتىگە قاتىنىشىش ئارقىلىق ، ئوقۇتۇش-تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ، ھەقىقى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بىرىلىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم .

(4)مەكتەپلەر ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشقا ئوقۇتقۇچىلارنى پائال يىتەكلەش لازىم ، چۈنكى ھەر بىر مەكتەپنىڭ ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرى بار بولۇپ ، بۇ ئارقىلىق ئىلغار تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلىپ ، مەكتەپ ئوقۇتۇش ، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يېيىشىغا يىتەكچىلىك قىلىشى لازىم .

(5)ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى لازىم ، بولۇپمۇ ئۆزئارا چۈشىنىش پائالىيتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشنى مۇھىم نوقتا قىلىپ ، مەكتەپ مۇدىرى ۋە رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى چۈشىنىشىگە ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشىگە ، ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوقۇتقۇچى ، مەكتەپ ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرى ، مەكتەپ ئوقۇتۇش ، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى چۈشىنىشىگە شارائىت ھازىرلاپ ، بۇ ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش قىزغىنلىقى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ، ئاتا-ئانىلارنىڭ مائارىپنى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى پەيدىن-پەي يېتىلدۈرۈش لازىم .

قىسقىسى ؛ ئوقۇتۇشنى تەشكىللەش ، تەكشۈرۈپ باھا بىرىش يالغۇز ئىلمىي مۇدىرنىڭلا ۋەزىپىسى بولۇپ قالماستىن بەلكى مەكتەپ مۇدىرنىڭمۇ بىرىنچى ۋەزىپىسى . چۈنكى ، ئوقۇتۇش مەكتەپ خىزمىتىنىڭ مەركىزى ھالقىسى . بۇ ھالقا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئەتراپلىق يىتەكچىلىكى ئاستىدا ئاندىن ئۆز ئىپادىنىسى تاپىدۇ . مەكتەپ مۇدىرى ئۆزىنىڭ يۇكسەك دەرىجىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى ، ئۇزاق مۇددەت ئوقۇتۇش ، تەلىم-تەربىيە سىپىدە ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتقانلىقى ، ئوقۇتۇشنى چۈشەنگەنلىكى سەۋەبىدىن بۇ ئورۇنغا ئولتۇرغان ، خالاس.....

2. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىم تەربىيەلەشكە كۆڭۈل بۆلۈشى كىرەك .

چۇنكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش سېپىدىكى باش يىتەكچى، تەربىيەلىگۈچىنىڭ ساپاسى-تەربىيەلەنگۈچىنىڭ ساپاسىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . بىر مەكتەپتە ياراملىق ، بىلىملىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ بولۇشى-شۇ مەكتەپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.... بىر ياراملىق ئۇستاز بولۇش ئۇچۇن، نۇرغۇن شەرتلەرنى ھازىرلاش زورۇر.

جۇملىدىن ئاساسلىق توۋەندىكى جەھەتلەردە ئوزىنى كۇچەيتىشى كىرەك دەپ قارايمەن.

(1)ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش ساپاسىنى ئوستۇرۇش ئۇچۇن ھەر دائىم ئىزدىنىش، تىرىشىش كىرەك. ئوزىنىڭ ئوقۇتۇش جەريانىدا مۇۋەپىقىيەت قازانغان تەرەپلىرىنى، باشقىلارنىڭ ئىلغار تەجىرىبىللىرىنى توپلاپ، ئۇنى ئۆز خىزمىتىنىڭ ھەركەتلەندۇرگۇچ كۇچى قىلىش، سىناق قىلىش، مەغلۇپ بولىشىدىن قوروقماسلىق كىرەك.

(2)بىلىم، ئەخلاق ۋە ئادىمىيلىك ئاساسىي مىزان قىلىشتا چىڭ تۈرۈش كىرەك .

ئىلگىرى«ئوقۇغۇچىغا بىر تېمىم سۇ بېرىش ئۇچۇن، ئوقۇتقۇچىدا بىر چىلەك سۇ بولۇشى كىرەك» دىيىلەتتى . ئەمما بىر چىلەك سۇنىڭ سۇپىتىنى ئويلىشىپ باقمىغان. ئۇ سۇ كونىراپ سۇپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسا، چوقۇم ئۇنى ئىچكەن كىشىگە زىيان قىلىدۇ. بۇ يەردە ئىيتىلىۋاتقان سۇ دەل ئوقوتقۇچىنىڭ بىلىمىگە قارتىلغان. شۇڭلاشقا، ئوقۇتقۇچى كونا بىلىم بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، ئۆز بىلىمىنى داۋاملىق يىڭىلاپ تۇرۇشى، تۇرلۈك ماتىرياللارنى كۆپلەپ كۆرۇپ، ئۆزلۈكسىز ئۆگنىشى، ئۆمۈرۋايەت ئۆگۈنۈش ئېستىلىنى تىرىشىپ تۇرغۇزۇشى كىرەك ، ھەرگىزمۇ «بىر يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، 30 يىل تەكرارلىماسلىقى كىرەك ».

بىلىم، قۇشنىڭ بىرقانىتى بولسا، ئەخلاق ۋە ئادىمىيلىك يەنە بىر قانىتى ھىساپلىنىدۇ. ئككى قانات تولۇق بولغاندا ئاندىن رىقابەت دۇنياسىدا ئەركىن پەرۋاز قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاق قۇرلىشى تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە، بۇجەھەتتە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى، ئوقۇغۇچىلاردا گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەت يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئادىمىيىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇشى زۆرۆر .

3. ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۇرۇش ئۈچۈن، تەنتەربىيە ئوقۇتۇشىنىى كۇچەيتىش كىرەك .

ئوقۇغۇچىلاردا ساپ ئەقىل بولۇش ئۇچۇن، ساغلام بەدەن بۇلۇشى كىرەك . مەكتەپ ئوقۇتۇشىدىكى جانلىقلىق، تەنتەربىيە ھەركىتىدىكى جەڭگىۋارلىقتىن كىلىدۇ. بۇ جەھەتتە تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك .

(1)ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۇچۇن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزوقلىنىشىغا، ( بۇ ئاتا-ئانىلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ ) تەنتەربىيە دەرسىنىڭ سېستىمىلىق ئۆتىلىشىگە، دەرستىن سىرىتقى پائالىيەتلەرنىڭ ئىزچىل ھەرخىل بولىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك.

(2) ئىنتىزام ۋە تەشكىلچانلىق-تەنتەربىيەنىڭ جىنى. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردا توغرا ئىنتىزام قاراشى، مۇستەھكەم ئۇيۇيۇشچانلىق، تەشكىلچانلىق روھىنى يىتىلدۇرۇشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كىرەك .

4. زامانىۋى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ، تەجرىبە ئەسىلىھەلىرىنى زور كۈچ بىلەن تولۇقلاش ، ئۇلارنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىش ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زامانىۋى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىشىغا ئىلھام بىرىش ، شارائىت يارىتىپ بىرىش كىرەك .

5.مەكتەپ خاراكتىرلىك ئاممىۋى پائالىيەتلەر ، جۈملىدىن ئەدەبىې-سەنئەت پائالىيەتلىرى ، ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيەتلىرىنى كۆپلەپ ئۆتكۈزۈپ ، مەكتەپ كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش كىرەك ، مەكتەپ كەيپىياتى جانلانسا ، مەيلى ئوقۇتقۇچىدا ياكى ئوقۇغۇچىدا بولسۇن مەكتەپتىن زىرىكىش كەيپىياتى بولمايدۇ ، مەكتەپتىن قاچىدىغان ئىشلار بارا-بارا ئازلايدۇ ياكى تۈگەيدۇ . جانلىق ، جۇشقۇن كەيپىياتنىڭ ئوقۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىسى بولسا بولىدۇكى ھەرگىز زىيىنى بولمايدۇ .

قېنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يېزىڭ

باش سۈرەت؟