دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

1948-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ب د ت قۇرۇلتىيىدا 217A)Ⅲ) نومۇرلۇق قارار ماقۇللانغان ھەمدە «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغان. تارىخي ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ خىتابنامە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، قۇرۇلتاي ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەردىن ئۇنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىشنى ھەمدە دۆلەت ۋە تىرىتورىيىسىنىڭ سىياسىي ئورنىغا قارىماي، ئاساسلىقى، ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدا تارقىتىش، ئوقۇش-چۈشەندۈرۈش، ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان. خىتابنامىنىڭ تولۇق تېكستى تۆۋەندىكىچە:

سۆز بېشى

ئىنسانلار ئائىلىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىززەت-ھۆرمىتىنى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ باراۋەر ۋە تەۋرەنمەس ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ دۇنياۋى ئەركىنلىك، ھەققانىيەت ۋە تىنچلىقنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكى، كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېتىبارسىز قاراش ۋە ھاقارەت كەلتۈرۈش ئەۋج ئېلىپ كىشىلەرنىڭ ۋىجدانىنى بۇلغايدىغان ياۋۇز زوراۋانغا ئايلانغانلىقى، ھەممە ئادەم سۆز ئەركىنلىكى ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولىدىغان، ھەمدە ۋەھىمە ۋە نامراتلىقتىن خالىي بولىدىغان دۇنيانىڭ يېتىپ كېلىشى ئاددىي خەلقنىڭ ئالىي ئارزۇسى دەپ ئېلان قىلىنغانلىقى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاجىسىزلىقتىن زوراۋانلىق ۋە زۇلۇم ئۈستىدە ئىسيان كۆتۈرىمىز دەپ تەۋەككۈلگە ھەرىكەت قىلىپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇقىنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش يولى بىلەن قوغداش زۆرۈر بولغانلىقى، دۆلەتلەر ئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر خەلقىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر خارتىيىسىدە ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى، ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە قەدىر-قىممىتى، شۇنىڭدەك ئەر-ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقى توغرىسىدىكى ئەقىدىسىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكى ھەمدە بىر قەدەر چوڭ ئەركىنلىك ئاساسىدا جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىشى ۋە تۇرمۇش دەرىجىسىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئالغا سۈرۈشكە بەل باغلىغانلىقى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكنىڭ ئومۇميۈزلىك ھۆرمەتلىنىشى ۋە ئەمەلگە قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا قەتئىي ئىرادىگە كەلگەنلىكى، ئاشۇ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشنىڭ شۇ قەتئىي ئىرادىنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىلىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغاچقا، يىغىن ھازىر بارلىق خەلق ۋە بارلىق دۆلەت تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئورتاق ئۆلچەم سۈپىتىدە مۇشۇ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنى ئېلان قىلىدۇ، ھەر بىر ئادەم ۋە ئىجتىمائىي ئاپپاراتنىڭ مۇشۇ خىتابنامىنى ھەر دائىم ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەلىم ۋە تەربىيە ئارقىلىق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ ھۆرمەتلىنىشىنى تىرىشىپ ئالغا سۈرۈشى ھەمدە دۆلەتلەرنىڭ ۋە خەلقارانىڭ تەدرىجىي ئىلگىرىلەش تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئاشۇ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىدىكى خەلق ئارىسىدا، شۇنىڭدەك شۇ دۆلەتلەرنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى زېمىنىدا ياشايدىغان خەلق ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك ۋە ئۈنۈملۈك ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە ئەمەلگە قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

1-ماددا
ھەممە ئادەم زاتىدىنلا ئەركىن، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ھوقۇقتا باپباراۋەر بولۇپ تۇغۇلغان. ئۇلار ئەقىلغە ۋە ۋىجدانغا ئىگە ھەمدە بىر-بىرىگە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە خاس روھ بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.

2-ماددا
ھەممە ئادەم مۇشۇ خىتابنامىدە قەيت قىلىنغان بارلىق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە، ئۇلار ئىرقى، رەڭگى، جىنسى، تىلى، دىنى، سىياسىي قارىشى ياكى باشقا قارىشى، دۆلەت تەۋەلىكى ياكى ئىجتىمائىي كېلىپ چىقىشى، مۈلكى، تۇغۇلۇشى ياكى باشقا سالاھىيىتى جەھەتتىن قىلچە پەرقلەنمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە ئادەم ئۆزى تەۋە دۆلەت ياكى زېمىننىڭ سىياسىي، مەمۇرىي ياكى خەلقئارا ئورنىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بىلەن پەرقلەنمەيدۇ، بۇ زېمىننىڭ مۇستەقىل زېمىن، ۋەكالىتەن باشقۇرۇلۇۋاتقان زېمىن، ئاپتونومىيەسىز زېمىن ياكى باشقا ھەر قانداق ئىگىلىك ھوقۇقىغا چەك قويۇلغان ھالەتتىكى زېمىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر.

3-ماددا
ھەممە ئادەم ھاياتلىقتىن، ئەركىنلىكتىن ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.

4-ماددا
ھەر قانداق ئادەمنى قۇل قىلىشقا ياكى قۇل قاتارىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ھەر قانداق شەكىلدىكى قۇللۇق تۈزۈمنىمۇ، قۇللارنى ئېلىپ-سېتىشنىمۇ مەنئىي قىلىش كېرەك.

5-ماددا
ھەر قانداق ئادەمنى رەھىمسىزلىك بىلەن قىيناشقا ياكى ۋەھشىي، رەھىمسىز ياكى ھاقارەت خاراكتېرلىك مۇئامىلىگە ياكى جازاغا دۇچار قىلىشقا بولمايدۇ.

6-ماددا
ھەممە ئادەم ھەر قانداق جايدا قانۇن ئالدىدىكى كىشىلىك ئىززىتىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.

7-ماددا
ھەممە ئادەم قانۇن ئالدىدا باپباراۋەر ھەمدە قىلچە كەمسىتىلمەي، قانۇننىڭ باراۋەر قوغدىشىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق. ھەممە ئادەم مۇشۇ خىتابنامىگە خىلاپ ھەر قانداق كەمسىتىشتىن ۋە مۇشۇنداق كەمسىتىشكە تۈرتكە بولىدىغان ھەر قانداق قىلمىشنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، باراۋەر قوغداشتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.

8-ماددا
ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇن ياكى قانۇنلار بەخش ئەتكەن ئاساسىي ھوقۇقى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، لاياقەتلىك دۆلەت سوتى ئارقىلىق بۇنداق زىيانكەشلىك ھەرىكىتىدىن ئۈنۈملۈك قۇتۇلۇپ قېلىشقا ھوقۇقلۇق.

9-ماددا
ھەر قانداق ئادەمنى خالىغانچە قولغا ئېلىشقا، نەزەربەنت قىلىشقا ياكى سۈرگۈن قىلىشقا بولمايدۇ.

10-ماددا
ھەممە ئادەم مۇستەقىل ھەم خالىس سوتنىڭ ئادىل ۋە ئوچۇق سوراق قىلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ھەمدە ئۆزىگە قويۇلغان ھەر قانداق جىنايى ئەيىبنى ئېنىقلىۋېلىشقا پۈتۈنلەي تەڭ ھوقۇقلۇق.

-11ماددا:
‹1› جىنايى ئىشلار بىلەن ئەرز قىلىنغانلىكى ئادەم ئاقلاش جەھەتتە لازىملىق بارلىق كاپالەتكە ئېرىشكەن ئاشكارا سوتتا جىنايىتى بارلىقى قانۇن بويىچە دەلىللەنگىچە گۇناھسىز دەپ قارىلىشقا ھوقۇقلۇق.

‹2› ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھەر قانداق قىلمىشى ياكى قىلمىشسىزلىقى سادىر بولغان ۋاقتىدا دۆلەت قانۇنى ياكى خەلقئارا قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى شەكىللەندۈرمىگەن بولسا، جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى ئۆتكۈزگەن دەپ ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ. جىنايى جازا جىنايەت ئۆتكۈزگەندە تەدبىق قىلىنىدىغان قانۇندىكى بەلگىلىمىلەردىكىدىن ئېغىرلىتىۋېتىلسە بولمايدۇ.

-12ماددا:
ھەر قانداق ئادەمنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشىغا، ئائىلىسىگە، تۇرالغۇ جايىغا ۋە خەت-ئالاقىسىگە خالىغانچە ئارىلىشىۋېلىشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭ شەنى ۋە شۆھرىتىگە ھۇجۇم قىلىشقا بولمايدۇ. بۇنداق ئارىلىشىشتىن ياكى ھۇجۇمدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەممە ئادەم قانۇننىڭ قوغدىشىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.

13-ماددا
‹1› ھەممە ئادەم ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىدا ئەركىن كۆچۈشكە ۋە ئولتۇراقلىشىشقا ھوقۇقلۇق.
‹2› ھەممە ئادەم ھەر قانداق دۆلەتتىن كېتىشكە، جۈملىدىن ئۆز دۆلىتىدىن كېتىشكە ھوقۇقلۇق ھەمدە ئۆزىنىڭ دۆلىتىگە قايتىپ كېلىشكە ھوقۇقلۇق.

14-ماددا
‹1› ھەممە ئادەم زىيانكەشلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، باشقا دۆلەتلەردە پاناھ تىلەشكە ۋە پاناھلىنىشقا ھوقۇقلۇق.
‹2› ھەقىقەتەن غەيرىي سىياسىي جىنايەت ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى پرىنسىپىغا خىلاپ قىلمىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئەھۋال ئاستىدا، بۇنداق ھوقۇقتىن پايدىلىنىشقا بولمايدۇ.

15-ماددا
‹1› ھەممە ئادەم دۆلەت تەۋەلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.
‹2› ھەر قانداق ئادەمنى دۆلەت تەۋەلىكىدىن خالىغانچە مەھرۇم قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىشقىمۇ بولمايدۇ.

16-ماددا
‹1› ياش قورامىغا يەتكەن ئەر-ئاياللار ئىرق، دۆلەت تەۋەلىكى ۋە دىن جەھەتتىن ھەر قانداق چەكلىمىگە ئۇچرىماي، تويلىشىشقا ۋە ئۆي تۇتۇشقا ھوقۇقلۇق . ئۇلار نىكاھ جەھەتتە، توي قىلغان مەزگىلدە ۋە نىكاھ توختىمى بىكار قىلىنغاندا، باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولۇشى كېرەك.
‹2› ئەر تەرەپ بىلەن ئايال تەرەپنىڭ ئىختىيار قىلىشى ۋە تامامەن ماقۇل بولۇشى ئارقىسىدىلا توي قىلىشقا بولىدۇ.
‹3› ئائىلە--تەبىئىي ۋە ئاساسىي ئىجتىمائىي بىرلىك، ئۇ جەمىيەت ۋە دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىشقا تېگىشلىك.

17-ماددا
‹1› ھەممە ئادەمنىڭ مۈلۈككە يالغۇز ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى، شۇنىڭدەك باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.
‹2› ھەر قانداق ئادەمنى مال-مۈلكىدىن خالىغانچە مەھرۇم قىلىشقا بولمايدۇ.

18-ماددا
ھەممە ئادەم ئىدىيىۋى، ۋىجدانىي ۋە دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ئىگە.
بۇ ھوقۇق شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ دىنىنى ياكى ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىش ئەركىنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ دىنى ياكى ئېتىقادىنى دىنىي ئەقىدە، ئەمەلىيەت، ناماز-ئىبادەت ۋە ئەمرى-مەرۇپ ئارقىلىق يالغۇز ياكى ئۆم، ئاشكارا ياكى مەخپىي ئىپادىلەش ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

19-ماددا
ھەممە ئادەم ئۆز تەشەببۇسنى بىلدۈرۈش ۋە پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.
بۇ ھوقۇق مۇداخىلىگە ئۇچرىماي ئۆز تەشەببۇسىنى ساقلاپ قېلىش ئەركىنلىكىنى ۋە ئۇچۇر ھەم پىكىرلەرنى ھەر قانداق ۋاسىتە ئارقىلىق ۋە دۆلەت ئايرىمىسىغا قارىماي ئىزدەش، قوبۇل قىلىش ۋە تارقىتىش ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

20-ماددا
‹1› ھەممە ئادەم تىنچ يول بىلەن يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ۋە تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.
‹2› ھەر قانداق ئادەمنى مەلۇم بىر تەشكىلاتنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتۈشكە زورلاشقا بولمايدۇ.

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

پۇل تۆلەش شەكلى

ئۈندىدار ھەمىيانى ئىككىلىك كودى ئارقىلىق قوللاش

    ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

    مۇئەللىم
  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

بىر باھا بىر كۆڭۈل !

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: