نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | تىزىملىنىش | ئاساسىي مەزمۇن
ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتىگە توردا تىزىملىتىش
2012-يىلى09-ئاينىڭ20-كۈنى | تىزىملىنىش |جەمئى 1410خەت بار | 1,578 قېتىم كۆرۈلدى | 1پارچە ئىنكاس بار

نۆۋەتتە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە تىزىملتىش خىزمىتى باشلاندى ، كۆپلىگەن كەسىپداشلار توردا تىزىلىتىش جەھەتتە قېيىنچىلىق ھېس قىلمىسىمۇ ، يەنە بىر قىسىم كەسىپداشلاردا تور ئادرىسىنى بىلمەسلىك ، بىلسىمۇ تىزىملىتالماسلىق ئەھۋاللىرى ئومۇمىيۈزلۈك ساقلانغاچ ، تۆۋەندە ، تىزىملىتىش تور ئادرىسى ۋە تىزىملىتىش ئۇسۇلى رەسىملىك ھالەتتە چۈشەندۈرۈلدى ، رەسىمگە قاراپ ، باسقۇچلار بويىچە تىزىملىتىش ئىلىپ بارسىڭىز ، ئىشىنىمەنكى سىزمۇ تىزىملىتالايسىز ......
تىزىملىتىش ئادرىسى : بۇ يەردىن كىرىڭ
1-قەدەم : كۆزنەكنىڭ سول تەرىپىدىكى «注册»دېگەن خەتنى بېسىڭ :

2-قەدەم:«申报提醒»ئەسكەرتمىنى ئوقۇڭ ياكى ئوقۇماي تاقىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ :

3-قەدەم :«申请人必读»كۆزنىكىدىن بىۋاستە «下一步»نى بېسىڭ .

4-قەدەم : قىزىل رەڭلىك ئىستىرىلكا كۆرسەتكەن ئورۇنغا بەلگە قويۇپ ، بىۋاستە «下一步»نى بېسىڭ .

5-قەدەم : قىزىل رەڭلىك ئىستىرلكا كۆرسەتكىنى بويىچە ، ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ناھىيىنى تاللاپ ، «确定»نى بېسىڭ .

6-قەدەم : ئىلتىماس قىلماقچى بولغان پەن تۈرىنى تاللاپ ، «确定»نى بېسىڭ .

7-قەدەم : رەسىمدىكى مەزمۇنلار بويىچە ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق مائارىپ تارماقلىرى ۋە سالاھىيەت تۈرىنى تاللاپ ، «下一步»نى بېسىڭ .

8-قەدەم : قىزىل ئىستىرلكا كۆرسەتكەن بويىچە بەلگە قويۇپ ، «下一步»نى بېسىڭ :

9-قەدەم : بىۋاستە «已阅读并下一步»نى بېسىڭ :

10-قەدەم : ئېچىلغان كۆزنەككە ئىسىم-فامىلىڭىز ۋە كىملىك نۇمۇرىڭىزنى توشقۇزۇپ ، «下一步»نى بېسىڭ :

ئۇنىڭدىن كېيىن ئىچىلىدىغىنى بولسا ، سىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى ئىلتىماس قىلىشىڭىزدىكى ئاساسلىق ئۇچۇرلىرىڭىز بولۇپ ، بارلىق ئۇچۇرلارنى توشقۇزۇپ ، جەزىملەشتۈرىسىز ۋە يىقىندا چۈشكەن ئۆلچەملىك رەسىمىڭىزىدىن بىرنى يوللايسىز ......
سىزگە ئامەت تىلەيمەن ، ئەگەر تىزىملىتىش جەھەتتە قېيىنچىلىققا ئۇچىرىسىڭىز ، «67991373»نۇمۇرلۇق كوت-كوتنى قوشۇپ ، مەسلىھەت سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، قوشسىڭىز ئەسكەرتىڭ .

QR:  ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتىگە توردا تىزىملىتىش

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    نۆۋەتتە 1 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :1 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :0 پارچە

    1. sirdax123 2012-يىلى09-ئاينىڭ25-كۈنى |  1-رەت جاۋاب

      بۇنى يوللاپ ياخشى قىلىپسىز كۆپچىلىككە ۋاكالىتەن رەھمەت سىزگە

      Internet Explorer 8.0Windows XP

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !