ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
بىر قىسىم دوستلارنىڭ قايتا-قايتا تەلەپ قىلىشى نەتىجىسىدە ، مۇئەللىم بىلوگىنىڭ نۆۋەتتە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئۇسلۇبىنى سېتىش قارارىغا كەلدىم . بۇ ئۇسلۇب بىر يىللىق قايتا-قايتا ئۆزگەرتىش ، باشقا بىلوگ ئۇسلۇبلىرىنىڭ كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنگەن تەرەپلىرىنى قوشۇش ، ئىشلىتىشكە قولايلىقلاشتۇرۇش ئاساسىدا ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن .
ئۇسلۇب چۈشەندۈرۈشلىرى
1. كۆرۈنمە يۈز جەھەتتىن ياكى بەت يۈزىنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىن بولمىسۇن ، خەۋەر ئۇسلۇبى ۋە مۇنبەر بەت شەكلىنى ئاساس قىلغان . بەتنى ئارقا بەتتىن ئۆزگەرتەلەيسىز ، يەنى يەتتە خىل رەڭدە .
2. تىزىملىك بەت ئۈستى ، بەت ئاستى تىزىملىكى قوللايدۇ ھەم سىيىرلما تىزىملىك قوللايدۇ . نۇرغۇن كىچىك قوراللار ئۇسلۇبنىڭ ئۆزىگە قېتىۋىتىلگەن بولۇپ ، خالىغانچە تارتىپ ئىشلىتەلەيسىز .
3. تاللاپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان 20 دىن ئارتۇق مۇستەقىل بەتكە ئىگە . يەنى ؛ پىكىرخانا ، ئەسەر يوللاش بېتى ، كود رەتلەش ۋە كود ئىجرا قىلىش بېتى ، رەڭ تەڭشەش بېتى ، ئۇلىنىش بېتى ، ئوقۇرمەنلەر ۋە تىلىۋىزىيە بېتى ، كود ئالماشتۇرۇش بېتى ، يازما تىزىملىكى ۋە بېكەت ھەققىدە بېتى ...... ۋە باشقا بارلىق بەتلەر .
4. ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بىلوگ فىلىم قويغۇچىسى ۋە فىلىم قويۇش بېتى ، بۇنى مۇئەللىم بىلوگى باش بېتىدىىكى خالىغان بىر فىلىمنى قويۇش ئارقىلىق سىناپ كۆرۈڭ .
5. ئۇسلۇبقا شەخسى قىزىقىش تۈپەيلى ckplayer قويغۇچىسى ۋە kindeditor يازما تەھرىرلىگۈچىسى قېتىلغان بولۇپ ، ئۆز خاھىشىڭىز بويىچە ئىشلىتىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز ، ئۇندىن باشقا يازما تەھرىرلىگۈچى ئىچىگە يوۋكۇ فىلىم ئادرېسىنى تاشلاپ قويسىڭىزمۇ ، فىلىم قىستۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز ھەم قىستۇرۇلغان فىلىم تىلىفۇن كۆرگۈچىسىگە ماسلىشىشچان قىلىپ ئۆزگەرتىپ بېرىدىغان ئىقتىدار ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان .
6. ئاساسلىق ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسى ئۇسلۇب تەڭشىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، سىز ئۇسلۇب تەڭشىكى ئارقىلىق خالىغانچە تاللاپ كۆرسىتەلەيسىز ۋە ئىشلىتەلەيسىز .
قالدىسىنى مۇئەللىم بىلوگىنى كۆرگەندىن كېيىن بىر نەرسە دەڭ .
ئۇسلۇب كۆرۈنۈشلىرى
ئۇسلۇب سېتىۋېلىش كېلىشىمى
ئۇسلۇب ھۆججىتى سېتىۋالغۇچىغا ئىلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىلىدۇ.
ئۇسلۇبنىڭ كېيىنكى ئەلالاشتۇرۇلغان نۇسقىسى بۇرۇن سېتىۋالغۇچىلارغا ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ.
ئۇسلۇب قاچىلاش، تەڭشەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر تەمىنلىنىدۇ.
ئۇسلۇبتا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى مۇشۇ بەتتە ئىنكاس قىلىپ ھەل قىلىش ئۇسۇلىغا ئېرىشەلەيسىز. ئۇسلۇب مەسىلىسىدىن باشقا مەسىلىلەر (كۆپىنچە بوشلۇق مەسىلىسى) بىردەك ھەل قىلىش دائىرىسىدە بولمايدۇ.
بىكەت ئۇسلۇبىنى كۆرۈپ، سىزگە ياققاندىن كېيىن سېتىۋېلىڭ. ئۇسلۇب سىزگە يوللانغاندىن كېيىن پۇل قايتۇرۇش بىردەك رەت قىلىنىدۇ.
ئۇسلۇب ئاستىدىكى مەزكۇر بىكەت ئۇلىنىشىنى چىقىرۋېتىشكە بولمايدۇ.
ئۇسلۇبقا باشقا ئىقتىدار قېتىشنى ئويلىسىڭىز، بلوگدىكى يازمىلاردىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
ئۇسلۇب سېتىۋېلىش
بۇ يەردىن كىرىپ ئالاقىلىشىڭ | QQ:1302698656
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى 12:47 چۈشتىن بۇرۇن تەخىت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بلوەىڭىزنىڭ ئۇسلۇبىنى ساتىمەن دەپسىز، لېكىن تەنەرخىنى دېمەپسىز. باھاسىنى بىر پىچىۋەتسىڭىز ئالىدىغانلار سوممىسىغا قاراپ ئاندىن سىز بىلەن ئالاقىلاشسا ياخشى بولاتتىكەن. مەنمۇ سىزنىڭ بۇ ئۇسلۇبىڭىزنى ياقتۇرغان ئىدىم، لېكىن باھاسىنى بىلمىگەندىكىن بىر نەرسە دېيەلمىدىم.
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى 9:33 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@تەنھا يىگىت @تەنھا يىگىت ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، باھاسى كېمى يوق 500 يۇەن ، قاچىلاپ تەڭشەپ بېرىمەن ، ئۇنۋىرسال بېكەت ئاچىدىغانلارغا بەكمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ ، تېلېفۇن ئۇسلۇبىمۇ بار .
2014-يىلى 08-ئاينىڭ 15-كۈنى 9:48 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
ئەسسالام ئەلەيكۇم، مەن كىتاپخۇمار بىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى بولىمەن، تۈنۈگۈن ئېھتىياتسىزلىقتىن بىلوگنىڭ قىستۇرما ھۆججىتىنى ئۆزگەرتىمەن دەپ يېڭلاپتىكەنمەن. كېيىن تۇيۇقسىزلا بىلوگ ئېچىلماس بولۇپ قالدى، ئاق بەت چىقىۋېلىپ كەينى بەتكىمۇ كىرگىلى بولمايۋاتىدۇ. بىر ياردەم قىلسىڭىز سىزدىن كۆپ مىننەتدار بولاتتىم. سىزگە قايسى ئۇچۇلارنى تەمىنلەپ بېرىشىم كېرەك. جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن. سالام بىلەن،
تۇران