دوغاپ ئەپەندىمنىڭ «يەرلىك wordpress كە يازما يوللاش»دېگەن يازمىسى ئارقلىق ، مۇستەقىل بوشلۇقىمىزدىكى بارلىق يازما ، ئىنكاس ۋە ئۇلانمىلارنى xml ھۆججىتى شەكلىدە كومپىيۇتىرىمىزغا چۈشۈرۈپ ، ئاندىن يەرلىكتە قۇرۇلغان ۋوردپرس بىلوگىمىزغا چىقىرىش ئارقىلىق ، بوشلۇقتىكى بىلوگىمىزنى يەرلىك بىلوگىمىز بىلەن ماسقەدەملەشتۈرۈپ ئېلىپ ماڭغىلى بولىدۇ ، بۇ خىل ئۇسۇلدا ھەتتا بىر پارچە يازمىنىمۇ ئايرىم چۈشۈرۋالغىلى ، كۈنلۈك ، ھەپتىلىك ، ئايلىق يازمىلارنىمۇ ئايرىپ چۈشۈرۋالغىلى ، ياكى سەھىپلەر بويىچە چۈشۈرۋالغىلىمۇ بولىدۇ .
يازمىلارنى ۋوردپرسنىڭ چىقىرىش ۋە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق چىقىرۋىلىشنىڭ پايدىسى ناھايتىمۇ زور ، ئەگەر سىز بىر ماڭا ئوخشاش كەپسىز بىلوگگىر بولسىڭىز ، بىلوگ كودلىرى بىلەن ئوينىشىش جەريانىدا ، بەزىدە بىلوگىڭىزنى ئىچلماس قىلىپ قويشىڭىز ، سانداننى چۈشەنمەسلىكتىن ، ماڭا ئوخشاش بىر قانچە قىتىم سانداننى قۇرۇقداپ قويۇپ ، ئاندىن بوشلۇق ساتقانلار ئارقىلىق سانداننى ئەسلىگە كەلتۈرۋىلىشىڭىزمۇ مۇمكىن ، ئەگەر بوشلۇق ساتقانلار بىپەرۋالىق قىلىپ ساندانىڭىزنى زاپاسلىمىغان بولسىچۇ ؟
ئۇ چاغدا باشلىرىڭىزنى ھەسىرەتلىك چايقاپ ، ئىشنى يىڭى باشتىن باشلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ .
ئەگەر دوغاپ ئەپەندىم دېگەندەك بوشلۇقتىكى بىلوگىڭىزنىڭ يازمىىرىنى يەرلىك ۋوردپرسكە قاچىلاپ ، ھەر ئىككى بىلوگىڭىزنى ماسقەدەملەشتۈرۈپ ماڭغان بولسىڭىزچۇ؟
باشنى ھەسرەتلىك چايقاشقىمۇ ئورۇن قالمايدۇ ، بۇنداق بولغاندا ، بۇ ۋوردپرس بىلەن پۇخادىن چىققۇچە ئىلىشقىلى ، تەجرىبە توپلىغىلى ، بىلوگىمىزنى ئۆزىمىز خالىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ .
ئەمدىكى گەپ ، ئەگەر بىلوگىمىز ئېچىلغىلى ئۇزۇن بولغان بولسا ، ئۇنىڭدىكى يازما-ئىنكاسلارنى چۈشۈرگەندە ، يەرلىك ۋوردپرس بىلوگىمىز قويغان 2 مىگابايتلىق چەكلمىدىن ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ . ئەگەر 2.1مىگابايت بولۇپ قالسىمۇ ، چەكتىن ئېشىپ كەتتى ، دەپ ئۇچۇر چىقىۋىلىپ ، زاپاسلانغان يازمىلىرىڭىزنى يەرلىك بىلوگىڭىزغا كىرگۈزۈشىڭىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس .
بۇ مەسلىگە ئۇچىرىغاندا ، بىشىڭىزنى قاشلاپ تاز بولۇپ قىلىشتىن بۇرۇن ، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ بىقىڭ .
1.يازمىلارنى ۋاقىت ياكى سەھىپە بويىچە ئايرىم-ئايرىم چۈشۈرۋىلىپ ، ئاندىن يەرلىك بىلوگىڭىزغىمۇ يەنە ئايرىم-ئايرىم چىقرىش .
3.يەرلىكتە قۇرۋالغان مۇلازمىتىرىڭىزنىڭ ھۆججەتلىرى ئىچىدىكى php.ini ھۆججىتىنى ئىزدەپ تىپىڭ دە ، ئاندىن بۇ ھۆججەتنى تەھرىرلىگۈچتە ئىچىپ ، تۆۋەندىكى قۇرلارنى تۆۋەندىكى كودتىكىدەك ئۆزگەرتىپ ساقلاڭ
upload_max_filesize = 64M
post_max_size = 64M
max_execution_time = 300
، ئاندىن يەرلىك مۇلازمىتىرىڭىزنى قايتا قوزغىتىپ ، يەرلىك بىلوگىڭىزنىڭ ئارقا بېتىدىكى قوراللار قىسمىدىن ، «كىرگۈزۈش» نى بېسىپ ، ھۆججەت چەكلىمىسنىڭ 64مىگابايىتقا ئۆزگەرگەن-ئۆزگەرمىگەنلىكىگە قاراپ بىقىڭ ، ئەگەر ئۆزگەرگەن بولسا ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەقلىگە بارىكاللا ئېيتىپ ، يازمىلارنى يەرلىك بىلوگىڭىزغا كىرگۈزىۋەتكەندىن كېيىن ، ئەقلىڭىزنى ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان تاماقلار ياكى نەرسىلەر بىلەن مۇكاپاتلاڭ ، ئادەم ئۆزىنىمۇ مۇكاپاتلاشنى بىلىشى كىرەك ، سىز چارچاپ ئۆلۈپ قالسىڭىز ، ياخشى ئىشلارنى كىم داۋاملاشتۇرىدۇ ؟ شۇڭا سىز ئۆزىڭىز قەدەم باسقان ھەر بىر ئىشتىن مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن نەتىجە قازانغان ۋاقتىڭىزدا ، ئۆزىڭىزنى مۇكاپاتلاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ......
بۇ يازمىنىڭ يەنە ئىككى تۈرلۈك ئۇسۇلى بار ، بۇنى بىلىدىغانلار مۇشۇ يازما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە تولۇقلاپ قويسىمۇ ياكى «ئەسەر يوللاش»كۆزنىكى ئارقىلىق ، ئۆز نامىدا يوللاپ قويسىمۇ بولىدۇ ، قالغان ئىككى خىل ئۇسۇل باشقىلارنىڭ باشقا مەنبەلەردىن ئىزدىنىشگە قالدۇرۇلدى .
ئۇچىرىغان مەسلىلەر بولسا ، يازما ئاستىدا نۇرغۇنلىغان ئىنكاس ئورۇنلىرى سىزنىڭ يۈرەك سۆزلىرىڭىزنىڭ تۆكۈلۈشىنى ساقلىماقتا ،« سورىغان بىلىم ئالار ، ئۇيالغان كېيىن قالار..........»...............
نۆۋەتتە :2 باھا بار ؛ بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى 2 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى 0 پارچە
باھا يوللىنىۋاتىدۇ ......
2013-يىلى 06-ئاينىڭ 16-كۈنى 5:15 چۈشتىن كېيىن تەخىت
مىنىڭ يازمىلىرىممۇ خىلى جىقىيىپ قالدى، ئاز كۈنگە قالماي مۇشۇ ئىشنىمۇ قىلىمەن ھەقىچان!
2013-يىلى 06-ئاينىڭ 16-كۈنى 5:04 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
بولىدىغان ئۇسۇلكەن ماۋۇ. ھىساپقا زاپاسلاپ ماڭغان بولىدىكەنمىز.