مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! مۇئەللىم بىلوگىغا باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
WordPress مۇنازىرە توپىدىكى بۇرادەرلەرنىڭ بىلوگدا ئۆزى خالىغان باش سۈرەتنى چىقىرىش توغرىسىدىكى تەلىپىگە ئاساسەن تەييارلاندى .
نۆۋەتتە «يەر شارى بىر تۇتاش باش سۈرىتى» ئىلتىماس قىلىش تور بېكىتى رايۇنىمىزدا ئېچىلمايدۇ ، شۇنداق بولغاچقا يېڭىدىن سەپكە قېتىلغانلار بىر تۇتاش باش سۈرەت ئىلتىماس قىلالمىغانلىقى سەۋەبلىك ، بىلوگنىڭ باشقۇرغۇچى باش سۈرىتى ۋە ئەزالارنىڭ باش سۈرەتلىرى WordPress ئۆزى بەلگىلىگەن سۈكۈتتىكى ئىپادە باش سۈرەتلىرىدىن تاللاپ كۆرسىتىلىدۇ . (بىلوگ ئارقا بېتى-تەڭشەكلەر-مۇھاكىمە تىزىملىكىگە قاراڭ ...)
بىلوگدا خالىغان باش سۈرەتنى باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالارغا تاللاپ چىقىرىپ بېرىشنى ئويلىغان بىلوگگىرلار تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى ئورۇندىسىلا ، ئۆز بىلوگىدا ئۆزى بىلوگ ئەزالىرىغا خالىغان باش سۈرەتنى كۆرسىتىش ئارزۇسىغا تامامەن يېتەلەيدۇ . بۇ ئۇسۇل پەقەت مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانغان بىلوگدىلا كۈچكە ئىگە ....
باسقۇچلار تۆۋەندىكىدەك
تۆۋەندىكى ھۆججەتنى ئۇسلۇب ھۆججەت قىسقۇچىڭىزغا ، يەنى style.css بار ئورۇنغا چىقىرىڭ .
ھۆججەت چۈشۈرۈش
ھۆججەتنى قوزغىتىش
تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ فونېكىسىيە ھۆججىتىنىڭ (functions.php) ئەڭ ئاخىرقى قۇرىدىكى ?> نىڭ ئۇستىگىلا چاپلاپ ، ساقلاپ چىكىنىڭ :
- require get_template_directory() . '/user-avatar.php';
يۇقارقى ئىككى باسقۇچ ئارقىلىق سىز باش سۈرەت يوللاش ئىقتىدارىنى بىلوگىڭىزدا ھازىرلاپ بولدىڭىز . ئەمدى تۆۋەندىكى رەسىملەردىكى ئۈلگە بويىچە مەشغۇلات قىلىپ ، ئۆزىڭىز ۋە ئەزالارغا خالىغان باش سۈرەت تاللاپ بېرىڭ :
باش سۈرەت يۈكلەش جەريانلىرى
ئەگەر قوشقان باش سۈرەتنى باشقا باش سۈرەتكە ئالماشتۇرۇش ئىھتىياجى تۇغۇلسا ...
بەزىدە باش سۈرەت يۈكلەنمىسە ياكى يۈكلىنىپ كۆرۈنمىسە...
تۆۋەندىكى رەسىمدىكى جايغا دىققەت قىلىڭ ۋە ئاشكارا كۆرسىتىلىدىغان نام ئۇيغۇر يېزىقىدا بولسا ، لاتىن يېزىقىدىكى ئىسىمنى تاللاپ ساقلىغاندىن كېيىن ، قايتىدىن باش سۈرەت يۈكلەڭ
باشقا ھەل قىلالمىغان مەسلىلەر بولسا ، يازما ئاستىغا سۆز قالدۇرۇڭ ...
2015-يىلى 08-ئاينىڭ 31-كۈنى 5:52 چۈشتىن كېيىن تەخىت
مەنمۇ بۇ باش سۇرەتنى چىقاردىم .ئەمما ئارقا بەتتە بار ، ئەمما بەت يۈزىدە ئەسلىدىكى باش سۈرەت چىقىۋاتىدۇ بۇنۇڭغا ئامال بارمۇ ؟
2015-يىلى 09-ئاينىڭ 01-كۈنى 8:58 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@ئالۋۇن مەندە نورمال ئەمما …
2015-يىلى 08-ئاينىڭ 27-كۈنى 9:26 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
بىلوگىڭىزنىڭ يېڭى ئۇسلۇبىمۇ چىرايلىق چىقىپتۇ
2015-يىلى 08-ئاينىڭ 19-كۈنى 9:49 چۈشتىن كېيىن پەگاھ
مىجەزىڭىز قانداقراق ھازىر ؟
2015-يىلى 08-ئاينىڭ 20-كۈنى 12:23 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@قاسىمجان بىر يىل بولدى ، شۈكۈر ، ھىچقانداق غەيرى ئالامەت يوق ، بۇرۇنقىغا ئوخشاش سالامەت ياشاپ كېلىۋاتىمەن . ئۆزىڭىزچۇ ؟
2015-يىلى 08-ئاينىڭ 19-كۈنى 8:30 چۈشتىن كېيىن 4-قەۋەت
بەك بەلەن تېما بوپتۇ جاپا چىكىپسىز مۇئەللىمكا
2015-يىلى 08-ئاينىڭ 19-كۈنى 1:11 چۈشتىن كېيىن 5-قەۋەت
مۇئەللىم ئەجرىڭىزگە بارىكاللا ، بىزدىن يانمىسا ئىگىمىزدىن يانار… !
2015-يىلى 08-ئاينىڭ 19-كۈنى 1:52 چۈشتىن بۇرۇن 6-قەۋەت
رەخمەت سىزگە چىقارغان تىمىڭىز بۇيۇنچە ئۇڭۇشلۇق چىقىرۋالدىم