بەختنىڭ چېكى

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
بەخت توغرىسىدا گەپ بولۇنسا، بەزىلىرىمىز ئۆزىمىزدىن، ئائىلىمىزدىن، تۇرمۇشىمىزدىن زارلىنىمىز، ئۆزىمىزنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپ ۋايسايمىز، ئۆكۈنىمىز. خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى، ئائىلىنىڭ بېسىمى، تۇرمۇشنىڭ قاتتىقلىقى، قىسقىسى بارچە كەلگۈلۈكنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىزگىلا كەلگەندەك ئاھ ئۇرىمىز. بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىرىمىزدىن، ئېرىشكەنلىرىمىزدىن خۇشاللىق تېپىپ شۈكرى قانائەت قىلمايمىزكى، ھەتتاكى ئەمەلىيىتىمىزگە، تۇرمۇشىمىزغا ئەسلا ماس كەلمەيدىغان، ئەمەلگە ئاشمايدىغان تەلەپ – ئېھتىياجلار ئۈستىدە ئارتۇقچە غەم يەپ، ئاغرىنىش، ھەسرەتلىنىش، نادامەت ئىچىدە ياشايمىز.
بىر بوۋاي تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ، ئوغۇللىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىغاننى ئاز دەپ، بىكارچىلىقتا لاغايلاپ يۈرۈپتۇ ھەم دائىم تۇرمۇشىدىن زارلىنىپ كەپتۇ. بۇنى ھېس قىلغان بوۋاي بىر كۈنى ئوغۇللىرىنى چاقىرتىپ، ئۇلارغا ھويلىنىڭ يېنىدىكى دۆڭلۈكنىڭ ئاستىغا لىققىدە ئالتۇن قاچىلانغان بىر كوزىنىڭ كۆمۈلگەنلىكىنى، ئوغۇللىرىنىڭ قايسىسى مۇشۇ نەچچە مو كېلىدىغان دۆڭنىڭ توپىسىنى يۆتكەپ، ئالتۇن قاچىلانغان كوزىنى تاپالىسا بارلىق ئالتۇنلارنى شۇنىڭغا مىراس قالدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
ئوغۇللار بايلىق تاماسىدا بىر – بىرىدىن قىزغىنىپ دادىسىغا باشقىچە كۆيۈنىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. بىرى دۆڭنىڭ ئۇ تەرىپىدىن، بىرى بۇ تەرىپىدىن كولاپ، توپىسىنى يۆتكەشنى بىر نەچچە ئاي داۋاملاشتۇرۇپ، يەرنى تۈپتۈز قىلىۋېتىپتۇ، بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ قوللىرى قاپىرىپ، جاپانىڭ تەمىنى يەتكىچە تارتىپتۇ. ئەمما ئۇلار ئالتۇن قاچىلانغان كوزىنى تاپالماپتۇ. دادام بىزنى ئالدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىغان ئاكا – ئۇكىلار دادىسىدىن سورىغان ئىكەن، دادا كۈلۈمسىرىگەن ھالدا مۇشۇ بىر نەچچە مو بىنەم يەرنىڭ بىر كوزا ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى، مۇشۇ يەرنى ياخشى سۇغىرىپ، پەرۋىشلەپ، مېۋىلىك باغ بىنا قىلغاندىلا، ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك بايلىققا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى ھېس قىلغان ئاكا – ئۇكىلار ياشانغان دادىسىنى كۆيۈنۈپ بېقىش بىلەن بىللە، يەرنى تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلىپ، بىر نەچچە يىلدىلا نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدىغان ئالتۇن باغقا ئايلاندۇرۇپ، ھالال ئەمگىكىنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرۈپتۇ.
بۇ مىسالدىن شۇنى ھېس قىلىمىزكى، بەخت ھەرگىزمۇ ئېرىشكىلى بولمايدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشىمىز ۋە ئەمەلىيىتىمىزدىكى مېھنەتلىك ئەجرىمىزنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان ھوسۇلى خالاس.
ھەممە ئادەم مۇئەييەن بەخت ئىستىكىدە ياشايدۇ، ئەمما ھەممە كىشىنىڭ بەخت ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئۆزلىرىنىڭ بەختكە ئېرىشىشتىكى تەلەپ – ئېھتىياجىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. ئەمما شۇ مۇقەررەركى، يۇقىرى چەكتىكى خىيالى تۇيغۇغا ئىگە ماددىي ۋە مەنىۋى ھاسىلاتلارنىڭ بىرىكىشىدىن مۇجەسسەملىنىدىغان بەخت ئەمەلىيەتتە تامامەن ئىجابىي يوسۇندا ئېرىشىدىغان بەخت بولماستىن، بەلكى بەختسىزلىكنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، شۇنداقلا ھالاكەتنىڭ چاقىرىلىشى، سەمىمىيلىك، ۋاپادارلىق، كۆيۈنۈش، شۈكرى – قانائەت، پەزىلەتلەرنىڭ سۇسلىشىش جەريانى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ھەممىمىز ئەمەلىيەتكە، تۇرمۇشقا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، قول سېلىپ ئىشلەشنى، ئاددىيلىق ئىچىدىن خۇشاللىق تېپىشنى، ئادىمىيلىك پەزىلىتىمىز ۋە سەمىمىيىتىمىز ئارقىلىق باشقىلارغا مېھىر – مۇھەببەت ئاتا قىلىشنى، ئىناقلىق ئىتتىپاقلىق گۈللىرىنى پورەكلىتىپ، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشنى ئەڭ ئۇلۇغ بەخت، دەپ بىلىشىمىز لازىم.

تارىختىكى بۈگۈندە:

قوللاش شەكلى

تاۋباۋ چىقىمدانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

ئۈندېدار ھەميانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

    ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

    مۇئەللىم
  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

بىر باھا بىر كۆڭۈل !

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: