ئۆزلىكىدىن ئىمتىھان بەرگۈچى بولسىڭىز ، 2012-يىلى 10-ئايدىكى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئورۇن نۇمۇرى ئۇقتۇرۇشىڭىزنى بېسىپ چىقىرۋىلىڭ ......
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
چۇشەندىم ئۇنداق بولسا ئالىي مەكتەپكە ئمتاھان بىرىمە دەپ يۇرگۈچۈ ئالىي مەكتەپ دەرىسلىكلىرىنى تەكىرار قىلىپ ماڭسام بولىدىكەندە
چۇشەندىم ئالىي مەكتەپكە ئىمتاھان بىرىمەن دەپ يۇرگۈچۈ دەرەسلەرنى تەكىرار قىلىپ ئالىي مەكتەپنىڭ دىپلومىسىنىلا ئالىغان ئىشقا ئاتلانسام بولغۇدەك …..قارغاندا مەن ئۆزلىكىدىن ئۈگۈنۈش دىگەن بۇ گەپنى خاتا چۇشۇنۇپ قالغان ئوخشايمەن
ئۆزلىكىمىزدىن ئۈگۈنۈپ ئىمتاھان بەرسەك ئالى مەكتەپتە ئوقىغان باشقا بالىلارنىڭ دىپلومىسى بىلەن پەرىقلىنەمدۇ ؟؟؟
پەرقلەنمەيدۇ ، ئوخشاشلا كۈچكە ئىگە . ئوخشاشلا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلەيسىز …………
مەن ھازىر جەمىيەتتە تۇرۇپ ئالى مەكتەپكە ئىمتاھان بەرمەكچى مۇشۇنى بىر ئۇقىۋالسام بولاتتى ئىمتاھان بەرگىلى بولامدۇ بولمامدۇ
سىز جەمئىيەتتە تۇرۇپ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرمەكچى بولسىڭىز ، بۇ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ ئوقۇش تارىخى ھازىرلاش بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ . ئىلىمىزدە تىخى چەتئەللەردىكىگە ئوخشاش ياش بىلەن ھېسابلاشماي ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئىشلىرى تىخى ئومۇملاشمىدى ياكى يوقنىڭ ئورنىدا ، بىز پەقەت ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش كەسىپلىرىنى ئاچقان مەكتەپلەرنىڭ مەلۇم كەسىپلىرىدە بىر تەرەپتىن ئۆز خىزمىتىمىزنى قىلغاچ يەنە بىر تەرەپتىن ئىمتىھان بىرىدىغان پەنلەر بويىچە دەرس تەكرارلاپ ، ئىمتىھانغا قاتنىشىمىز ھەمدە ئوقۇش نەتىجىمىزگە ئاساسەن شۇ باسقۇچتىكى ئوقۇش تارىخىنى ھازىرلىيالايمىز .
مەسىلەن : سىزنى ئالى تېخنىكۇم كەسپىنىڭ تىل ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇشنى تاللىدى ، دەپ قارساق ، بۇ كەسىپتە 14خىل دەرس تەسىس قىلىنغان ، سىز مۇشۇ 14خىل دەرستىن 12دەرسكە ئىمىتىھان بىرىسىز ، بۇ پەنلەردىن لاياقەتلىك بولسىڭىزلا ، سىز ئالىي تىخنىكۇم ئوقۇش تارىخنىڭ تىل ئەدەبىيات كەسپىدە دىپلۇمغا ئىرىشەلەيسىز ….
كەسىپلەر : تىل ئەدەبىيات ، قانۇن ، دوختۇرلۇق ، سۇ ئىشلىرى ، يىزا ئىگىلىك قاتارلىق ۋە ئۇنىڭىدىن كۆپ بولغان بىر قانچە كەسىپلەرگە ئايرىلغان ، سىز كەسىپلەر مۇندەرىجىسىدىن خالىغان بىر كەسىپنى تاللاپ ، تىزىملىتىپ ، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا قاتناشسىڭىز بولىدۇ ، كەسىپ تاللاش ئىختىيار ، قايسى پەن ئىمتىھانىدن ئۆتەلمىسىڭىز ، ئۇنىڭدىن تەكرار ئىتىھان بىرىشكە بولىدۇ .
تىزىملاش ۋاقتى : ھەر يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 3-ئايغىچە ۋە 6-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 8-ئايغىچە .
ئىمتىھان ۋاقتى : ھەر يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرى ۋە 10-ئاينىڭ ئاخىردىكى شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى .
ئىمتىھان ھەققى : ئادەتتە بىر پەننىڭ 70يۇەندىن ئاشمايدۇ .
ئۇندىن باشقا ھەر يىلى 7-ئاي ۋە 1-ئايدا ئالاھىدە ئىمتىھان تەسىس قىلىنغان بولۇپ ، بۇ ۋاقىتتا سىز ئۆتەلمىگەن پەنلەردىن ئىمىتھانغا قاتىنىشىپ ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوقۇش تاماملاش پۇرسىتىگە ئىرىشەلەيسىز ، ئەمما پەرقلىنىدىغىنى ئىمتىھان ھەققى قىممەت . يەنى 120يۇەن ئەتراپىدا (بىر پەن ئىمتىھانى ھاققى )
تىزىملىنىش شەكلى : ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىكى مائارىپ ئىدارىلىرىنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىمىتىھانىغا مەسئۇل ئىشخانىسى ئارقىلىق ياكى توردىن بىۋاستە تىزىملىنىش شەكلى ئارقىلىق تىزىملانسىڭىز بولىدۇ .
ھە ئىمتاھان سۇئالى تولۇق ئوتتۇردىكى دەرىسلىكلەر بىلەن ئوخشاشمۇيە يەنى ئىمتاھان سۇئالى باشقا تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭكى بىلەن بىردەكمۇ شۇنداق بولسا ياخشى بولاتتى
ئىمتىھان سۇئالىغا كەلسەك ، سىز ئالىي تىخنىكۇم ئوقۇش تارىخى باسقۇچىدىن ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان بىر كەسىپنى تاللايسىز ، ئاندىن شۇ كەسىپنىڭ دەرسلەر مۇندەرىجىسىدىكى دەرسلەر بويىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىسىز ……
چۇشەندىم ئالى تىخنىكۇم مەخسۇس كۇرىسنىڭ دىپلومسىنى سۇرۈشتۈرەمدە مەن تولۇق ئوتتۇرنى قايتا بىر ئوقۇيدىغان ئوخشايمەندە ….
سىز يەنە چۈشەنمىگەندەك قىلىسىز ، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشنىڭ ئوقۇش تارىخى باسقۇچى «ئالىي تېخنىكۇم»ۋە «تولۇق كۇرس» تىن ئىبارەت ئىككى قاتلامغا بۆلىنىدۇ ، تولۇق كۇرس يۇقىرى ئوقۇش تارىخى باسقۇچى ، تولۇق كۇرس تا ئوقۇش ئۈچۈن جەزمەن ئالىي تېخنىكۇمنى پۈتتۈرگەن بولۇشىڭىز شەرت ، مەيلى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇغان بولۇڭ ياكى تولۇقسىزدا ئوقۇغان بولۇڭ ، ياكى ئوتتۇرا تېخنىكۇمدا ئوقۇغان بولۇڭ ، ئالىي تىخنىكۇمغا تىزىملىتالايسىز ، ئەمما تولۇق كۇرستا ئوقۇش ئۈچۈن جەزمەن ئالىي تېخنىكۇم ئوقۇش تارىخى ھازىرلىشىڭىز كىرەك …….
مەن مۇشۇ توغۇرلۇق 7سىتۇدىنت تورىغا ياردەم تىمىسى يازسام تولۇق ئوتتۇرنىڭ دىپلومىسى بولمىسا بولمايدۇ دەيدۇ .. مەن تولۇق ئوتتۇردا ئوقىغان لىكىن 2 يىلنى ئوقۇپ بولۇپ تۇرلۇك ئىشلار تۇپەيلى ئوقۇشتىن چىكىنگەن لىكىن مەن ئىمتاھان سۇئالىنى كۆرۈپ باقسام ھەممىسى مەن ئوقۇپ دەرىسلەرنىڭ سۇئاللىرى ئىكەن مەن قايتا بىر ئىمتاھان بىرەي دىسەم ئىمتاھان بەرگىلى بولمايدۇ دەيدۇ …
ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ بۇ يەردە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا تىزىملاشتا ، دەسلەپتە قەيەرنى پۈتتۈرگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەيدۇ ، كېيىن تولۇق كۇرسقا تىزىملىتىدىغاندا ئاندىن ئالىي تېخنىكۇم دىپلۇمىنىلا سۈرۈشتە قىلىدۇ …..
تولۇق ئوتتۇرنىڭ دىپلومىسىنى تەلەپ قىلامدىغاندۇيە شۇنى بىر سوراپ باقسام …..
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، تولۇق ئوتتۇرىنىڭ دىپلۇمىنى تەلەپ قىلمايدۇ ، تىزىملاش ئاخىرلاشتىغۇ دەيمەن ، كېيىنكى قېتىملىق تىزىملاش ۋاقتى 7-ئايدا باشلىنىدۇ ، شۇ چاغدا تىزىملىتىڭ .
ھە نىمىنداق تىز 2013 -يىللىق ئىمتاھان ئاياغلاشتىما يوۋ ئاللا
ھۆرمەتلىك مۇئەللىم ، ئېغىر كۆرمەي بلوگىمغا بىر قاراپ باقالارسىزمۇ …
مەن قارىسام شۇ ، 500خاتالىقى كۆرۈنگەن چىراي ، ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇشتىن چىققان چاتاقتەك قىلىدۇ …….
ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىپ ئالىي مەكتەپكە ئىمتاھان بېرىشما ؟ ئە راست مەمۇرى ئىمتاھان دىگىنىمىز دۆلەت كەدىرلىق ئىمتىھانى شۇمۇ ؟ بۇن بېرىشكا قانداق ھازىرلىقلارنى ھازىرلىشىمىز نىمىلەرنى ئۆگىنىشىمزى كېرەك ؟