بىلوگ قۇرغۇچىلارغا نېسبەتەن ئېيىتقاندا ، ياخشىراق ئۇسلۇب ئىشلىتىش بىر مەسىلە بولۇپلا قالماي ، ئۇسلۇبنى بارلىق تور كۆرگۈچلەرگە ماسلاشتۇرۇش باشنى قاتۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلە . بەزىدە ئۆزىمىزگە يارىغان ئىككى ئۇسلۇبنى ئىشلىتەيلى دېسەك ، بۇنىڭغىمۇ باش قاتۇرۇشقا توغرا كېلىدىكەن .
ئىزىدىنىپ يۈرۈپ ، بۇنىڭغىمۇ ئامال چىقىپ قالدى .
بۇ بىر قىستۇرما ، بۇ قىستۇرما ئارقىلىق بىر بىلوگدا ئىككى ئۇسلۇب(ئىككى چاپان) ئىشلىتىش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز ، ئۆزىمىزگە يارىغان ئۇسلۇبتىن ئىككىنى قاچىلاپ ، تاللاش تۈرىدىن ئىككى ئۇسلۇبنى تاللاپ قويىمىز ، يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :
ئاندىن ساقلاپ چىكىنسەكلا بولدى .
ئەگەر سىز ئىشلەتكەن ئۇسلۇبنىڭ بىرسىنى سىز ھازىر ئىشىلىتىۋاتقان ياكى باشقىلار ئىشلىتىۋاتقان تور كۆرگۈچ قوللىمىسا ، بۇ قىستۇرما سىزنىڭ تاللىغىنىڭىز بويىچە ، يەنە بىر ئۇسلۇبنى قوزغىتىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن بىلوگىڭىزنى باشقىلار نۇرمال زىيارەت قىلىش بىلەن بىرگە ، بىلوگىڭىزنىڭ زىيارەت ئىقىمىمۇ تۆۋەنلەپ كەتمەيدۇ ، دېگەن گەپ .
قىستۇرما نامى : WP Themes by Screensize
بىلوگ ئارقا بېتىدىن قاچىلىسىڭىزلا بولدى ، ئۇسلۇبنى قاچىلىغاندىن كېيىن قوزغىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ . ئاندىن تەڭشەكلەر دېگەن جايدىن مۇشۇ قىستۇرمىنىڭ تاللاش كۆزنىكىگە كېرىپ ، بايىقى رەسىمىدىكى بويىچە ئىككى تال ئۇسلۇبنى تاللاپ قويسىڭىزلا بولدى ، ئىش مۇشۇنداق ئاددى ، يازما تامام ، ۋەسسالام ........
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى 7:02 چۈشتىن كېيىن تەخىت
ماۋۇ قىستۇرما تازا ئەسقاتىدىغان بولدى بۇ جانغا،بلوگىمنى ھەممە تور كۆرگۈگە ماسلاشتۇرۇپ بولالماي قالغاندا. مۇئەللىمگە سانسىز تەشەككۈرلەر…
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى 7:03 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@تەشنايى ھا ھا ھا …..سانسىز تەشەككۈر ، سىزگىمۇ بولسۇن !
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى 3:57 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
ماۋۇ خېلى بولىدىغان شىنادەك قىلىدۇ جۇمۇ …
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى 4:01 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@ئەلپىدا مەنمۇ مۇئەللىم بىلوگىغا يەنە بىر تال ئۇسلۇب ئىزدەۋاتىمەن ، تاپساملا ……..
شۇڭا ماڭا يارىغاچ ، سىلەرگە سۇندۇم.