مۇئەللىم بىلوگى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بىلوگ ئۈچۈن جاپا چىكىۋاتقان ئەزىزلەر ئۈچۈن ، ئەزىزلەر ئەجىر سىڭدۈرىۋاتقان بىلوگلار ئۈچۈن كۆركەم بولغان ئۇسلۇبلارنى تەقدىم ئېتىپ كېلىۋاتىدۇ . دەسلەپكى ئۇسلۇبلاردا كودنى چۈشىنىشىم يىتەرسىز ، تەجرىبەم كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن بەزىبىر مەسىلىلەر ساقلانغان بولسىمۇ ، بارا-بارا تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ ، كەڭ دوستلارنىڭ يول كۆرسىتىشى ۋە مەسىلىھەت بىرىشى نەتىجىسىدە ، ئىشلىتىش قىممىتى بولغان بىلوگ ئۇسلۇبلىرىنى كۆپلەپ مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يەنىمۇ تىرىشىۋاتىمەن .......
نۆۋەتتىكى ئۇسلۇب مەيلى كۆرۈنمە يۈز جەھەتتىن بولمىسۇن ياكى ئىقتىدار جەھەتتىن بولمىسۇن ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان ئۇسلۇبلىرىم ئىچىدىكى مۇۋاپپىقيەتلىك چىققان ئۇسلۇب ھېسابلىنىدۇ . تزىملىك ، ۋىجىت قوللاش جەھەتتىن بولمىسۇن ناھايتى رايىش ، ئارقا تەڭشىكى بار . باش سۈرەت قوللايدۇ .
شۇڭا ، بىلوگ ئىشقىدا كۆيۈۋاتقان ئەزىزلىرىمگە بۇ ئۇسلۇبنىمۇ ھەقسىز تەقدىم ئەتكۈم كەلدى ، ئۇسلۇب كۆرۈنمە يۈز جەھەتتىن قارا رەڭنى ئاساس قىلغاچقا ، شۇڭا "گۇگۇم"دەپ نام بەردىم . تەكلىماكان قۇملۇقىنى تەگلىك رەسىمى قىلىپ تاللدىم ، قىسقىسى ئۇيغۇرچە پۇراققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشتىم . قالدىسىنى سىلەرمۇ ئۆز تەپەككۇرىڭلار بويىچە گۈزەللەشتۈرۈپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ .
ھازىرغىچە مەن ئەسكەرتىپ باقمىغان بىر ئىش : ئۇسلۇبنىڭ ئاستى قىسمىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئەمگىگىمگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ساقلاپ قىلىپ ئىشلەتسەڭلار ، ئەگەر چۈجە چىقىرىش ماشىنىسغا ئوخشاش بىر كونۇپكا ئارقىلىق بىلوگ ئۇسلۇبى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىلى بولسا ، مەن جەزمەن مەيلى دەيتتىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋاقىت ۋە ئەستايىدىللىقنى بەكمۇ تەلەپ قىلىدىكەن . شۇڭا ، ئەجىرنىڭ ھۆرمىتى بولسۇن دېدىم ......
ئۇسلۇب كۆرۈنۈشلىرى :
رەھمىتىڭلا بولسا ، كۆپلەپ ئىنكاس يازغايسىلەر ..........
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 11:04 چۈشتىن بۇرۇن تەخىت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن ۋوردپرەسنى ئۆزۈم يېڭىدىن ئۆگىنىۋاتقانتىم، سىز تەمىنلىگەن ئۇسلۇبلارنى قاچىلىسام خېتى بۇزۇلۇپ كەتتى، ماۋۇ ئۇسلۇبمۇ شۇ، ھەممە يەرنىڭ خېتى مۇشۇنداق‹‹ØªÙˆØ± بەت نامى Û‹Û• يانداش تÛما
تور بەت تÛمىسى يانداش تÛما
يول باشلاش›› بۇنى قانداق ئوڭشايمەن، شۇنداق چىرايلىق ئۇسلۇبلارنى مۇشۇنداق چىقىۋېلىپ ئىشلىتەلمىدىم.
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 12:36 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@ھەسەن ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، مەن سىزنىڭ قالدۇرغان ئۇچۇرىڭىزنى كۆرگەندىن كېيىن ، بۇ ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈپ ، سىناپ باقتىم ، شۇنداق نۇرمال . سىزنىڭ قەيەردە شۇنداق خاتالىق كۆرۈلگىنىنى بىلەلمدىم . بىز كۆرەلەيدىغان بوشلۇق ئادرىسى بارمۇ ؟ قالدۇرغان بولسىڭىز ، ئورتاقلاشساق …………..
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 11:08 چۈشتىن كېيىن 2-قاتار
@مۇئەللىم رەھمەت، مانا ماۋۇ ئادىرىس شۇ
http://nurana.com.nu/
ھەقسىز بوشلۇق بولغاچقا شۇڭا شۇنداقمۇ يا؟؟؟
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 11:50 چۈشتىن كېيىن 3-قاتار
@ھەسەن مەن كۆرۈپ باقتىم ، بۇ بوشلۇقنىڭ كودلاش ئۆلچىمى :西欧(ISO)كەن ، شۇڭا سىزگە شۇنداق كۆرنۇپتۇ ، بۇ بوشلۇق utf-8ئۆلچىمىدكى كودلاشنى قوللىمايدىغان بولغاچ ، بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەن .
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى 12:11 چۈشتىن بۇرۇن 4-قاتار
@مۇئەللىم ھە، ئەمىسە باشقا بوشلۇق تاپسام بولغىدەك، رەھمەت سىزگە
2012-يىلى 09-ئاينىڭ 25-كۈنى 11:18 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
ئۈستىدىكى تىزىملىك نورمال ئەمەس ئووڭ يانغا سىرىلىۋاپتۇ
2012-يىلى 09-ئاينىڭ 26-كۈنى 8:46 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@پەخرىم تولۇق قوزغالغاندىن كېيىن ئۇنداق ئەمەس ، رەھمەت!
2012-يىلى 09-ئاينىڭ 25-كۈنى 10:04 چۈشتىن كېيىن پەگاھ
تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن جۇمۇدوستۇم ،سىزگە ھەقىقەتەن قايىلمەن
2012-يىلى 09-ئاينىڭ 25-كۈنى 12:24 چۈشتىن بۇرۇن 4-قەۋەت
ھازىر ئىشلەتمىسەممۇ،ساقلاپ قويدۇم!ھامان بىر كۈنى ئەسقاتىدۇ!
2012-يىلى 09-ئاينىڭ 23-كۈنى 11:52 چۈشتىن كېيىن 5-قەۋەت
مۇئەللىم بلوگىڭىزدىكى ماڭا تەۋە ئۇلانمىلارنىڭ ئادرىېسىنى خاپا بولماي ، www.torsoda.net نى Wwww.TorsodaCn غا ئۆزگەرتىپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن…ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم
2012-يىلى 09-ئاينىڭ 23-كۈنى 11:48 چۈشتىن كېيىن 6-قەۋەت
ماۋۇ ساز ئۇسلۇبمۇ تارقىتىلىپتۇ دە….مۇئەللىم دەھشەت سىخىلىق قىلىۋاتىدۇ جۇما باللا….رەھمەت
2012-يىلى 09-ئاينىڭ 23-كۈنى 7:41 چۈشتىن كېيىن 7-قەۋەت
تىرىشچانلىقىڭىزغا قايىلمەن …