مەرھابا: دوغاپ يازما يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت !
يازما مەنبەسى: ھەمنەپەس بىلوگى
ماكان
(دوغاپ)
كىپىنەك ئالدىمدىن ئۆتكەندە ئۇچۇپ،
سورىدىم ئۇنىڭدىن :ماكانىڭ قەيەر؟
ئۇدېدى:گۈللىرى شىرنىلا بەرسە،
سۆيۈملۈك ماكانىم بولىدۇ شۇ يەر.
گۈللەرنىڭ مەڭزىگە سۆيگەندە شەبنەم،
سورىدىم قەيەرنى تۇتىسەن ماكان؟
ئۇ دېدى:مەڭزىگە سۆيەرلا بولسام،
ئەشۇ گۈل بولىدۇ ماكانىم ھامان.
كىپىنەك بولامدۇ ۋە ياكى شەبنەم،
ماكاننى مۇھىم دەپ بىلمەيدۇ ھەرگىز،
قەيەردە يىلتىزىم-ماكانىم شۇ يەر،
يىلتىزنى كۆكلىتىش ئۆمۈرلۈك پەرھىز.
باقىمەن ئۈمىدتە تەكلىماكانغا،
ئۇ مېنىڭ جەننىتىم،ئەزىز ماكانىم.
شۇ يەردە تۇغۇلدۇم، شۇ يەردە ئۆستۈم،
شۇنىڭغا ئاتالغان پۈتكۈل ھاياتىم.
2010-يىلى 6-ئاينىڭ بىرىنجى كۈنى،شەھرى دوڭگۈەن.