ئامما ئاڭسىز رەۋىشتە مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى دۇرۇس ، تەقى-تۇرقى كېلىشكەن بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ . ئۇنداق بولمىسا ، «ئۇ سېپى ئۆزىدىن بىر بەڭگى» ، «ئۇ باشقىلارنىڭ ئوغۇل دوستىنى تارتىۋاپتۇدەك» ، «گىرىم قىلمىغاندا كۆرسە چىرايى ئادەتتىكىچىلا ئىكەنغۇ» ، «ئاچچىقى يامان نېمىكەن» ، «ساپلا ئالا كۆڭۈل ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىدىكەن».......دېگەندەك باھالار ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولاتتى .
مەشھۇر كىشىلەرمۇ ئادەم ، ئومۇمەن ئادەملا بوىدىكەن نوقسانسىز كەلمەيدۇ . ۋاھالەنكى ،جەمئىيەت مەشھۇر كىشلەردىن تۈرلۈك ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ ، ئۇلارنىڭ ھەممىدە ئۈلگە بولۇپ ، چوڭلارغا ، شۇنداقلا بالىلارغا يول كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ .
شۇ سەۋەبتىن ، قەلەمكەشلەر نام چىقارغاندىن كېيىن ئىشقۋازلىق توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە چېتىلىپ قالماسلىقى ؛ ئارتىسلار ئالقىشقا ئىرىشكەندىن كېيىن ، لولا ۋە ئۆكتەم پوزىتسىيىسىنى ئاشكارلاپ قويماسلىقى ، ناخشا چولپانلىرى ئەخلاق ۋە سۆز-ھەرىكەتتە ئۆزىگە پۇختا بولۇپ ، يولدىن چىقىدىغان ئىشنى قىلماسلىقى لازىم .
مەشھۇر كىشلەر ئاممىغا يۈزلەنگەندە ، كۆزگە سىڭىشلىك ، يۈرۈش-تۇرۇشى رەتلىك ، يارىشىملىق بولۇشى ، ئىمزا قويۇش ، بىللە سۈرەتكە چۈشۈشتە بىزارلىقىنى ئىپادىلەپ قويماسلىقى كىرەك . ئۇلار بارا-بارا بۇ ئىشلاردىن بىزار بولغاندا ، نام -ئاتاقنىڭ كىشىنى چارچىتىدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ .
ئەجىبا ، مەشھۇر كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك ھەۋەس ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرى يوقمۇ ؟ ئىلاجىسىز قالغان چاغلىرى ۋە ئۆزىگە يارىشا ئىچ-پۇشۇقى يوقمىدۇ ؟
بەزىدە ئۇلارغا ناھايتى ئاچچىق باھالار بېرىلىپ قالىدۇ . مەسىلەن ، بىر ئوقۇرمەن :«پالانىچى يازغۇچى تېلىۋىزۇرغا چىقىپتىكەن ، قارىسام ئۇنىڭ قىياپىتى شۇنچىلىك چاكىنا ، بەتبەشىرە ئىكەن، ئەمدى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇماس بولدۇم.» دېگەن . كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى ، ئاممىنىڭ نېنىنى يېمەك ئاسان ئىش ئەمەس .
ئاكتىيۇرلۇق كەسپىدىكى بىر مەشھۇر كىشىگە نېسبەتەن ، ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتە ئاۋامغا يۈز كېلەلىسىلا بولدى ، ئۇنىڭ چوقۇم ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئېلىشى ۋە دانىشمەن بولۇشىنىڭ ئورنى يوق .
ئۇمىد قانچە يۇقىرى قويۇلسا ، ئۇمىدسىزلىنىشمۇ شۇنچىكى زور بولىدۇ . بۇنىڭدا كىشىگە شۇنداقلا ئۆزىگە ئادىللىق قىلىنمىغان بولىدۇ .............
ئاپتورى : يى شۇ
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. نىمىلا دېمىگەن بىلەن مەشھۇر كىشلەر ئۆز-ئارا چۈشىنىشدۇ-دە ]19[ . مەنغۇ شۇ ئاددىي كىشى بولۇپ ئۆتكۈم بار بۇ ئالەمدىن.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، كەچۈرىسىز ، مەنمۇ سىزگە ئوخشاشلا ئاددى بىر ئىنسان ….ھاجىم !!! lol
بىزنىڭ نۇرغۇن مەشھۇر كىشىلىرىمىز شىڭشىسەي دىگەن ئەبلەخنىڭ قۇلۇدا تۈگەشتى
يىڭى يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
قەدىناس ئوقۇرمەنلەر
بىلوگ ئۇچۇرلىرى
يازما : 322پارچە
بەت :30 بەت
باھا :1943 پارچە
سەھىپە :34 دانە
خەتكۈش :406 دانە
ئۇلىنىشلار:127 دانە
توربەت ئېچىلغىلى 758 كۈن بولدى
تىزىملانغان ئەزا : 63 نەپەر
يېڭىلىنىشى: 3-ئاينىڭ24-كۈنى
باش بەت