ئەجدادلاردىن قالغان تەۋەرۈك،
ئەسلى ئىدىڭ مىراسىم دوپپا،
مانا بۈگۈن خارلىنىپ نامىڭ،
بۇپ قالدىغۇ مۇراسىم دوپپا.
ئۇنى پەقەت ئەسكە ئالامدۇق،
نەزىر-چىراق،توي-تۆكۈنلەردە.
يوقالسا گەر بىر كۈن دوپپىمىز ،
قالمامدۇق بىز ئۆكۈنۈشلەردە.
خىجىللىقتا يۈرەمدۇق شۇنداق،
كوچىلاردا دوپپا كېيىشتىن.
ئۇيغۇر تۇرۇپ دوپپا تۈپەيلى،
ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر دېيىشتىن.
دوپپا دېگەن ئۇيغۇرنىڭ پەخرى،
نەدە كەيسەك يارىشىدىغۇ.
دوپپا كەيگەن ئۇيغۇرغا بارچە،
ھەۋەس بىلەن قارىشىدىغۇ.
دوپپا بىلەن ئۇيغۇر چىرايلىق،
كۆرۇنىدۇ كۆزلەرگە ئىسسىق.
قىرلاپ كىيىپ دوپپىنى دوستلار،
يارىتايلى ئۆزگىچە خاسلىق.
كىملىكىدۇر دوپپا ئۇيغۇرنىڭ ،
مەتۇلۇقنىڭ بەلگىسى ئەمەس.
تارتىنىشنى قويايلى ئەمدى،
دوپپىمىزغا قوزغايلى ھەۋەس.
مۇتەللىپ ياقۇپ
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
ئامما ( خو چىقارغان چىراي ئىپادىسى ( ئەڭ چوڭى ) ) مۇشۇنداقلا شېئىركەن جۇمۇ !!!
مۇئېللىم بولغاندىكىن بۇنچىلىك شېئىرنى يېزىۋىتىدي توغرىمۇ مۇئېللىم
ياخشى شېئىركەن بىراق بىزنىڭ باللا دوپپىدىن بەراق قاسقان شەپكىنى ياخشى كۈرۈدۇ
ئىلھام كېلىپ قالغاندا ئېغىزدىنمۇ چىقىپ كېتىپ قالىدۇ ھە بۇنچىلىك شېئىر؟!مۇئەللىم!
يىڭى يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
قەدىناس ئوقۇرمەنلەر
بىلوگ ئۇچۇرلىرى
يازما : 322پارچە
بەت :30 بەت
باھا :1943 پارچە
سەھىپە :34 دانە
خەتكۈش :406 دانە
ئۇلىنىشلار:127 دانە
توربەت ئېچىلغىلى 758 كۈن بولدى
تىزىملانغان ئەزا : 63 نەپەر
يېڭىلىنىشى: 3-ئاينىڭ24-كۈنى
باش بەت