نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | يازمىلىرىم | ئاساسىي مەزمۇن
2013 يىللىق ۋوردپىرس مەزكەز بىلوگچىلار قۇرۇلتىيى 1- يىغىنى
2013-يىلى05-ئاينىڭ05-كۈنى | يازمىلىرىم |جەمئى 3730خەت بار | 746 قىتىم كۆرۈلدى+ | 17پارچە ئىنكاس بار

يىللىق ۋوردپرس مەزكەزلىك بىلوگچىلار قورۇلتىيىنىڭ تۇنجى نوۋەت ئىچلغانلىقىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمىز

ئالدى بىلەن مۇرشىدى ئەپەندى مۇقىملىق خىزمىتى ۋە ئۇنى تۈزەش توغرسىدا دوكىلات بەردى ، دوكىلات مەزمۇنى  : "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار ، ۋرودپرس سىستېمىسى تەرجىمە قىلىنىپ ، بىرقانچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تور بىكەتچىلىقىدا نۇرغۇن ئۆزگۈرۇشلەر بەردى ، جۇملىدىن ھەر يىللىق 10 چوڭ بىلوگلارنى باھالاش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ ، نۇرغۇنلىغان قىرىنداشلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشتى ، لىكىن خەلقارالىق ۋوردپرس كومېتىتى ئالدىنىقى ئايدا ئىلان قىلغان بىخەتەرلىك دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا ، 90000مىڭدىن ئارتۇق بىلوگىلار ھۇجۇمغا ئۇچۇرىدى ، مەزكۇز دىلونى تەكشۇرۇش خىزمىتى ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ ، شۇڭا بارلىق بىلوگگىرلانىڭ بىخەرلىكىنى قوغداش ئۇچۇن بىرقسىم تەدبىرلەرنى چىقاردۇق ;

1. قۇلۇپنى ئالماشۇرۇڭ ، نېمىشقا دىگەندە ، باشقىلار سىزنىڭ ئۆيڭىزنىڭ ئاچقۇچىنى ئىلىۋالسا قانداق ئىش يۇز بەرمەكچى ؟

2. تونۇمايدىغان تۇغقانلارنى كىرگۈزمەڭ .

3. بىخەتەرلىك مۇداپىيە مانىۋىرنى ياخشى ئىشلەڭ .

ئەمدى ھۆرمەتلىك پىرستان بىلەن ئۇيغۇر بەگنى شېئر ئوقۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز .

نېمىشقا دەمسىلەر؟ كەيپىيانى كۆتەرمىسەك سولىشىپ قالغان خوخىدەك ئولتۇرىسىلە شۇ .

ھۆرمەتلىك پىرىستان ئەپەندى بىرلەشمىگەن بىلوگلار تەشكىلاتىنىڭ 2013-يىللىق ۋوردپرسس مەركەز خىزمىتىدىن دوكىلادتا مۇشۇ شېئىرنى ئىنتايىن توۋەن ،  پاشا غىڭىلدىغاندەك ئاۋازدا  ، ھېسيات بىلەن ئوقودى ،

ئۇسلۇبلاربى چانايمەن

قىستۇرمىنى چانايمەن

قويۇپ بەرسە ماڭىلا

سىپەملەرنى چانايمەن .

شۇ چاغدا ئۇيغۇربەگ چىقىپ قاتتىق غەزەپ بىلەن ؛

شۇم قاغىنى چانايمەن

شۇ ئوغىرنى چانايمەن

ئاشساڭ يەنە ھەددىڭدىن

شۇ ئۆزەڭنى چانايمەن ،،،،،،،،،،،

شۇ ۋاقىتا ئۇيغۇر بەگنىڭ ھاياجانلىپ بىرە ئىش چىقىرىپ قويۇشىدىن ئەنسىرىگەن تەرتىپ ساقلىغۇچى- ئالىم بىز ئۇيغۇر بەگنى بىر ھۆن كۈتۈپخانىسىغا ئېلىپ كېرىپ كەتتى.

كىيىن سەرالىقنىڭ ۋىروس ئۇستىدىن قىلغان ئەزىز نامىسى ئىلان قىلىندى .

جاۋاپكار ۋېروس ھەرقاچان پىقىر سەرالىقنىڭ يېزىسىدا ۋىروس تارقىتىپ ، مېنىڭ كاللامنى قاتۇرۇپ قويدى ، كېيىن مەن  تېڭشۇنكامنىڭ يىقىن تۇققىنى بولغان غوجىدار بۇرادەرنى قاراۋۇللۇققا سىلىپ قويدۇم ، نېمە بىلەي ، كېيىن بۇ ئىككىسى بىرلشىپ ماڭا ھۇجۇم قىلىدى ، ۋوردپىرسس سوت كولىگىيەسىنىڭ باش سوتچىسى بولغان تورخۇمار ئەپەندى ۋە قۇشۇچە زاستاتىللار ئۆمىكىدىكى مۇئەللىم  قاتارلىق زاستاتىللارنىڭ ماڭا ياردەم قىلىشىنى سورايمەن .

شۇ چاغدا زاستاتىللار ئۆمىكى ۋە باش سوتچى تورخۇمار ئەپەندى بىرئاز مەسلىھەت قىلىشقاندىن كېيىن ، ۋېروسنىڭ قىلمىشى بۇزغۇنچىلىققا يەتمەيدۇ ، ئەمما لۇكچەك غوجىدار بىلەن تىلىنى بىر قىلغانلىقى ئۇچۇن ، تور خۇماداردا دائىملىق يازما يېزىش جازاسى بېرىلىدۇ ، جازا مۇددىتى دىۋانچىلار ئومىكىنىڭ باشلىقى ئابومبىجان ۋە باشقا دىۋانغا قسىلىپ كىرىۋالغانلار جازا مۇدىتىنى بەلگىلەيدۇ .

شۇ ئارىدا تورسودا بۇرادەر بىرمۇنچە سومكىلارنى كۆتۇرۇپ كىلىپ :

-ئاھاي بازا دېگەن مەۋەدىكەن !

 دەپ يايمىسنى سىلىشقا باشلىغاندا ، تەشنائى كىلىپ :

-بۇرادەر بۇيەردە يايما ئىچىشقا بولمايدۇ .

دەپ تۇرۇشىغا ، دوغاپ قارى قەيەردىن پەيدا بولدىكى بىردەمدە مۇز ، قىتىق ، ۋە سارا ڭ دوغلارنى تەييارلاپ تۇرىشىغا تەشنائى :

 -مەۋەدە يايما ئاچماڭلا ھىلى بولمىسا ما ھاۋاڭلارنى بازا باشقۇرۇشقا ئەكىرۋالىمەن !

 دېسە  ،

دوغاپ : قارى ، قايلىسا مەۋەدىكى ھاجىلاردىن دۇئا ئىلىش ئۇچۇن ماۋۇ دوغاپنى سۇناي دەۋەتىمەن .

تەشناتى : ھا ھا ھا ۋاي ئاكا ئىلىڭە شۇ ساراڭ دوغدىن ،

دوغاپ : ساراڭ دوغنى ئىچىپ ساراڭ بولسىلا مەن ئىگە ئەمەس ،

شۇ قېتىمقى دوغاپ ۋەقەسىدىن كېيىن ، تەشنائى  ھەقىقەتەن دوغاپ بۇرادەنىڭ ساراڭ دوغىپىغا تەشنا بولۇپ ، teshna.me دەپ ئىسىم قويۋاپتۇ ،

شۇئارىدە يىغىندىن تارقالغان جامائەت ئارىسىدا مۇنداق پارڭلار چىقىپتۇدەك

ھوي ئاڭلىدىڭلىما .  ۋەھىمە بولسا جىلار بىلەن تولا ھەپىلىشىپ ساراڭ بولۇپ قاپتۇ، ئۇ تىلغا ئالغۇدەك ئىش ئەمەسكەن  ، ما پىرىستانچۇ قاراڭلا ، ھەممى نەرسىنى چانايمەن ، دەپ يۇرۇپ ئاخىرى تورغا چىقىدىغان كومپىيۇتىرنى چاناپ قويۇپ ئۆزى تىلفۇنغا تورغا چىقىۋاتقۇدەكمش ، تورسودا بولسا نە مۇ نە ، شەمۇ شەھەر يۇرۇپ ، سودىگەرچىلىك قىلىپ ، ئىسىل بىنادىن بىرنى سىتىۋىلىپ ، قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋوردپىرس تەتقىقات ئورنىغا ھەقسىز ئىشلىتىشكە بىرىپتۇ .

- ۋاي راس رىنات بەگچۇ ؟ ھىلىقى ھەممە نەرسىنى ھەقسىز دەپ جار سالىدىغان بالاچۇ ؟

- ئۇنى سورىماڭلار ، ئۇ باللا ھازىر ھەممە نەرسىنى ھەقسىز بىرىۋىتىپ بىرمەزگىلىك بايلىق توپلاپلاۋاتقۇدەك ، قايسى كۇنى پاراڭلاشسام ، خۇدا خالىسا يەنە ساخاۋاتچىلىك ھەركىتىمنى باشلايمەن ، دەپ ۋەدە بەردى ،

شۇ جەرياندا ئەلگەنەپ كېرىپ : - ھاي باللا ئۇيغۇربەگنى كۆردۇڭلارمۇ ؟

- ئۇ كېتىپ بولغىلى نەۋاخ ، دوپپا بايرىمىغا تەييارلىق قىلىمەن دەپ چىقىپ كەتكەن ئىدى ، بېرىپ بېقىڭلار  ، يىڭى ئالغان ئويدە بار ئۇ .

-ھە ، ئەمىسە يىڭى ئالغان ئۆيىنىڭ ئادىرسىنى ئىيتيىپ بىرىڭلا ئەمسە . www.uyghurbeg.cn مانىغۇ ......

داۋامىغا تەشنامۇيا سىلە ر ؟

ئاپتورى : ۋەھىمە

بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان !
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ .

ئاپتور « ۋەھىمە» ھەققىدە

  • تور دۇنياسىدا ۋەھىمە نامىدا مەۋجۇت بولۇپ كەلدىم . قورقۇنۇچلۇق ۋەقەلىكلەرگە بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى «ۋەھىمە بىلوگى» نىمۇ قۇرۋالدىم ، بۇ بىلوگقا ئاساسلىقى جىن-ئالۋاستىلارغا ئائىت يازمىلار ، كىنو-فىلىملەر يوللىنىدۇ . ئەگەر سىزدىكى يۇرەكنىڭ شىجائىتىنى سىناپ باقماقچى بولسىڭىز ، بىلوگىم جىنلىرى بىلەن سىزنى ھەر ۋاقىت قىزغىن قارشى ئالىدۇ ...

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    نۆۋەتتە 17 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :16 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :1 پارچە

    1. تەۋپىق China Google Chrome Windows : 2013-يىلى06-ئاينىڭ06-كۈنى16:04:48  1-رەت @جاۋاب جاۋاب

      مانا مانا مۇنۇ داستاتىنلار يېغىلىشى ۋەھشى بوپتۇ مانا :razz:

    2. ئۆزقان China Mozilla Firefox Windows : 2013-يىلى05-ئاينىڭ27-كۈنى01:25:15  2-رەت @جاۋاب جاۋاب

      شۇنداق قىلىپ، قۇرۇلتايدا نېمىنى يەكۈنلىدىڭلا؟!

    3. رىنات China Google Chrome Windows : 2013-يىلى05-ئاينىڭ10-كۈنى11:46:07  3-رەت @جاۋاب جاۋاب

      مانا مانا… قاتىل يازمىكەن بۇ… :grin:
      ئالامەت پەيزىڭىز با جۇمۇ ئالىمجان…. مۇشۇنداق يۇمۇرىستىك يازمىلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    4. بىلنۇر China Internet Explorer Windows : 2013-يىلى05-ئاينىڭ09-كۈنى08:16:19  4-رەت @جاۋاب جاۋاب

      ۋەھىمە قىزىتۋېتىپسىزغۇ قۇرۇلتاينى، قەلەم كۈچىڭىزگە بارىكاللا.

    5. دىلبىر China Google Chrome Windows : 2013-يىلى05-ئاينىڭ07-كۈنى13:43:28  5-رەت @جاۋاب جاۋاب

      يا ئاللا قانداق تاپدىغاندۇ بۇنداق گەپلەرنى،قول قويدۇم جۇمۇ! ئېسل يېزىپتۇ.

    6. سالىھ بىگ China Internet Explorer Windows : 2013-يىلى05-ئاينىڭ06-كۈنى18:49:10  6-رەت @جاۋاب جاۋاب

      ۋاي ۋاي تازا قىززىق ئۆتەپتۇ . ما بىزنىمۇ چاقىرىپ قوياڭلار . ناخشا ئىيتىمىساقمۇ چاۋاك چەپ بىرىمىز ….

    7. گىك China Mozilla Firefox Windows : 2013-يىلى05-ئاينىڭ06-كۈنى14:19:10  7-رەت @جاۋاب جاۋاب

      ھاي ھاي ….ئىككىنچى نۆۋەتلىك يېغىنغا مېنى چاقىرىشنى ئۇنۇتمىغايسىزلەر …
      ———–
      ئىملا خاتالىقى ئىغىردەك قىلامدۇ نىمە ….

      • مۇئەللىم China Internet Explorer Windows : 2013-يىلى05-ئاينىڭ06-كۈنى15:03:40  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

        ۋەھىمە باينىڭ يەرلىك شىۋىسى ، ئەختەم ئۆمەرنىڭ مەكىت دىھقانلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرلەپ يازغان رومانىدىكى ئىشلىتىلگەن يەرلىك شىۋىگە ئوخشاش ….مەنمۇ مۇشۇنچىلىك تۈزىتەلىدىم تىخى . :mrgreen:

    8. bilikal China Google Chrome Windows : 2013-يىلى05-ئاينىڭ05-كۈنى22:24:04  8-رەت @جاۋاب جاۋاب

      :mrgreen: ئەجەپ قۇرۇلتاي بولۇپتۇ :grin: :grin: :grin: :grin:

    9. ئۇيغۇربەگ China Google Chrome Windows : 2013-يىلى05-ئاينىڭ05-كۈنى17:20:35  9-رەت @جاۋاب جاۋاب

      ۋاھاھاھا، بلوگداش قازا قىپ ما يەدە ئويناپ كەتتۇقمۇ، ۋاھاھاھاھا، مېنى بەك بوزەك قىپسىلە

      • ۋەھىمە China Internet Explorer Windows : 2013-يىلى05-ئاينىڭ05-كۈنى17:44:09  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

        بىلوگداشتىكى يازمىلار شۇ پىتتى باركەن

    10. سەبىي China SouGou Browser Windows : 2013-يىلى05-ئاينىڭ05-كۈنى15:33:28  10-رەت @جاۋاب جاۋاب

      ھا ھا ھا ما قۇرۇلتاي ياخشى بوپتۇ …!

    11. دوغاپ China Google Chrome Windows : 2013-يىلى05-ئاينىڭ05-كۈنى15:14:13  11-رەت @جاۋاب جاۋاب

      ئېسىل يازمىكەن ماۋۇ! لېكىن غۇلجىنىڭ شىۋىسىنى ئۇقماي قاپسىزدە… ھەي..

    12. تەشنايى China Google Chrome Windows : 2013-يىلى05-ئاينىڭ05-كۈنى14:41:51  12-رەت @جاۋاب جاۋاب

      ۋەھىمىكامنى چاقچاقلىرى قالتىس جۇما! :oops: بۇندىن كىيىن ھېچكىممۇ خالىغان يەردە يايما ئاچىمەن دېمىسۇن! بولمايدىكەن كۆرگۈلىكىنى كۆرسىتىمە :lol:

      • دوغاپ China Google Chrome Windows : 2013-يىلى05-ئاينىڭ05-كۈنى15:15:15  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

        مېنى جان باققىلى قويۇڭلا ئاندا قىمماي!

        • kaliptax China Google Chrome Windows : 2013-يىلى05-ئاينىڭ05-كۈنى23:04:54  2-قاتار @جاۋاب جاۋاب

          بەك باقامىسڭىز ئاقسۇغا كىلىڭ مەن باقاي :grin: :grin: :grin: :grin: (چاقچاق جۇمۇ )

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !