ۋوردپرس ئىشلەتكەنلەرنىڭ ھەممىسىگە مەلۇمكى ، ئىنكاس يوللىغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر تۇتاش ئىشلىتىدىغان باش سۈرەت ئىلتىماس قىلغان بولغاچقا ، ئىنكاس يوللىغاندىن كېيىن ، باش سۈرەت ئىلتىماس قىلغاندا ئىشلەتكەن ئىلخەت ئادرىسىغا ئاساسەن ، باش سۈرەتنى چىقىرىپ بېرىدۇ .
ئەمما ، باش سۈرەت ئىلتىماس قىلمىغانلارغا بولسا ئۇنداق ئەمەس . يەنى كۆرۈمسىز بولغان بىر باش سۈرەتنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :
بۇ رەسىمدىكى باش سۈرەتلەر بىرخىل كۆرۈمسىز تۇيغۇ بىرىپلا قالماي ، بىلوگنىڭ كۆركەملىكىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ .
ۋوردپرستە باش سۈرەت ئىلتىماس قىلمىغانلارغا ئۆزىمىز خالىغان باش سۈرەتتىن بىرنى ئىشلىتەلمەمدۇق ؟
ئەلۋەتتە ئىشلىتەلەيمىز . تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇبلنىڭ فونكىسىيە ھۆججىتى (functions.php)نىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قۇردىكى ?> نىڭ ئۈستىگە قويۇپ ، تۆۋەندىكى رەسمنى ئۇسلۇبنىڭ رەسىم ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىگە يۈكلەپ قويسىڭىزلا ئىش تامام .
[php]//bash suretni ozi bikitish
add_filter( 'avatar_defaults', 'default_avatar' );
function default_avatar ( $avatar_defaults ) {
$myavatar = get_bloginfo('template_url'). '/images/default-avatar.png'; //رەسىم ئادرىسى
$avatar_defaults[$myavatar] = " باش سۈرەت"; //كۆرسىتىدىغان ئىسىم
return $avatar_defaults;
}
[/php]
باش سۈرەت :
باش سۈرەت نامى «default-avatar.png»
نامىنى ئۆزگەرتسىڭىز ياكى رەسىم تىپى باشقىچە بولسا رەسىم كۆرۈنمەيدۇ ....
ئۈنۈمىنى مۇئەللىم بىلوگىنىڭ يان رامكىسىدىكى «قەدىناس ئوقۇرمەنلەر»دېگەن يەردىن كۆرۈڭ .
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
لىكىن مەن سىز دېگەندەك قىلسام يەنىلا كۆرۈنمىدىغۇ ؟
سىز قوشقان كود ئىچىدىكى رەسىم ئادرىسىغا ئوبدانراق قاراپ بېقىڭ ، بەلكىم جاۋابى چىقىپ قالار ……..
بۇلدىغان ئۇسۇلكەن جۇمۇ! دېمىسىمۇ بەك سەت بۇلۇپ قالاتى.
باشقا سۈرەتنى چىقارماقچى بولساق، كود دىكى رەسىم ئىسمىنى ئۆزىمىز چىقارماقچى بولغان رەسىمنىڭ ئىسمىغا ئالماشتۇرۇپ قويساق بولامدۇ ؟
ئۇنداق قىلسىڭىزمۇ ياكى ، سىز چىقارماقچى بولغان رەسىم نامىنى كودتىكى رەسىم نامىغا ئالماشتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ ……
ياخشى ھۈنەركەن
بۇمۇ بىر ياخشى ھۆنەر .
تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي..