نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | تەۋسىيەلەر | ئاساسىي مەزمۇن
تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر PHP ھەۋەسكارلىرى مۇسابىقىسى
2013-يىلى01-ئاينىڭ08-كۈنى | تەۋسىيەلەر |جەمئى 2740خەت بار | 524 قىتىم كۆرۈلدى+ | ئىنكاس يوللانماپتۇ

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!
كەڭ ئۇيغۇر تورتېخنىكا ساھەسىدىكى ئاتامانلارنىڭ جاپالىق تىرىشىشى ۋە تىنىمسىز ئەجىر سىڭدۈرۈشى نەتىجىسىدە PHP لىق نادىر سېستىمىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك فىلىم ۋە PDF لىق دەرسلىكلەر ئۆز ئانا تىلىمىزدا بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى. PHP تېخنىكىسىنىڭ دىيارىمىزدا يەنىمۇ بىر قەدەم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كەڭ PHP ھەۋەسكارلىرىغا ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىشنى مەقسەت قىلىپ بىر مەزگىللىك تەييارلىقلاردىن كېيىن ئۇزدىل تورى باشچىلىقىدا «تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر PHP ھەۋەسكارلىرى مۇسابىقىسى» ئويۇشتۇرۇشنى لايىق تاپتۇق، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار تۆۋەندىكىچە، يېقىندىن قوللاپ بېرىشىڭىزلارنى ۋە ئاكتىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ قاتنىشىشىڭىزلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!

«تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر PHP ھەۋەسكارلىرى مۇسابىقىسى» لايىھەسى

(2.ئاينىڭ 1.كۈنىگىچە داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ...)

1. مۇسابىقە مەزمۇنى ۋە مۇكاپات سوممىسى
مۇسابىقە سېستىما گۇرۇپپىسى (A گۇرۇپپا)، ئۇسلۇب گۇرۇپپىسى (B گۇرۇپپا) ۋە ماقالە گۇرۇپپىسى (C گۇرۇپپا) بولۇپ 3 گۇرۇپپا بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ھەمدە ھەربىر گۇرۇپپىغا ئايرىم-ئايرىم مۇكاپات تەسىس قىلىنىدۇ.

ئۇزدىل ئۇلىنىش سېستىمىسىنى سېتىۋېلىپ بۇ قېتىمقى مۇسابىقە مۇكاپاتىنى تەمىنلىگەن 5 نەپەر خالىس قوللىغۇچىلارغا ئالاھىيدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!

سېستىما گۇرۇپپىسى (A گۇرۇپپا) PHP+MySQL دا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى تۈزۈش بويىچە مۇسابىقىلىشىدۇ. مۇكاپات سوممىسى 700 يۈەن.
ئۇسلۇب گۇرۇپپىسى (B گۇرۇپپا) WordPress بلوگ سېستىمىسىغا ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش(ياكى ياساش)تا مۇسابىقىلىشىدۇ. مۇكاپات سوممىسى 500 يۈەن.
ماقالە گۇرۇپپىسى (C گۇرۇپپا) LAMP تېخنىكىسىغا ئالاقىدار ماقالىلەرنى يېزىشتا مۇسابىقىلىشىدۇ. مۇكاپات سوممىسى 200 يۈەن.
لايىھە گۇرۇپپىسى: مۇكاپات سوممىسى 100 يۈەن بولۇپ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئۈچۈن تۇغ رەسىمى ۋە تەشۋىقات ئېلان رەسىمى لايىھەلەپ بەرگەنلەرگە بېرىلىدۇ.
(1.ئاينىڭ 8.كۈنى مۇكاپات ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسى 1000 يۈەندىن 1500 يۈەنگە ئۆزگەرتىلدى)
لايىھە گۇرۇپپىسى مۇكاپاتلىق پائالىيتىنىڭ تەپسىلاتى:

http://www.uzdil.com/bbs/read.php?tid=516

2. مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۇسۇلى
مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ئۆز ئەسىرىنى ئۇزدىل مۇنبىرىنىڭ PHP ھەۋەسكارلىرى مۇسابىقىسى سەھىپىسىگە يوللىسا ياكى باشقا توربېكەت ياكى بلوگلاردا ئېلان قىلسا بولىۋېرىدۇ. لېكىن تۆۋەندىكىدەك ئەسكەرتىش ئۇچۇرى بولۇشى ھەم مۇشۇ تېمىغا ئۇلىنىش قىلىنغان بولۇشى شەرت:
تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر PHP ھەۋەسكارلىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەر.

3. ئەسەر باھالاش
مەخسۇس باھالاش ھەيئىتى ۋە باھالاش ئۆلچىمى بېكىتىلىپ شۇ بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

4. پائالىيەت ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى
2013.يىلى 1.ئاينىڭ 5.كۈنىدىن 2013.يىلى 1.ئاينىڭ 31.كۈنىگىچە تەييارلىق خىزمەتلەر ئىشلىنىدۇ.
يەنى تەشۋىقات ئېلان رەسىمى لايىھەلەش، ھەمكارلىق ئورنىتىش، باھالاش ھەيئىتى ۋە باھالاش ئۆلچىمىنى بېكىتىش، تەكلىپ- پىكىر قوبۇل قىلىش قاتارلىقلار.

2.ئاينىڭ 1.كۈنىدىن 4.ئاينىڭ 1.كۈنىگىچە ئەسەر ئېلان قىلىش ۋە تاپشۇرۇش باسقۇچى.

4.ئاينىڭ 1.كۈنىدىن 4.ئاينىڭ 20.كۈنىگىچە ئەسەرلەرنى باھالاش.

4.ئاينىڭ 21.كۈنى نەتىجىنى ئېلان قىلىش ۋە مۇكاپات سوممىسىنى نەقلەشتۈرۈش.

مۇسابىقىنى ئالاھىيدە قوللىغان ئورۇنلار:
بىلىگ تورى http://bilig.cc
ئىشخانا تورى http://www.ixhana.com
ئالى PHP تورى: http://www.aliphp.com
تور ماھىرى بلوگى: http://tormahiri.weebly.com

ئۇزدىل تورتېخنىكا تورى

http://www.uzdil.com

ئالاقە QQ: 316203464
يانفون: 15026303509
2013.يىلى 1.ئاينىڭ 4.كۈنى

بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان !
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ .

يازمىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى باھايىڭىزنى تاللاپ باقمامسىز ؟

قالتىسكەن ياخشى ئادەتتىكىچە پايدىسىز چۈشەنمىدىم ئەخلەت

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !