نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | تەۋسىيەلەر | ئاساسىي مەزمۇن
مىنىڭ خاتىرەم
2012-يىلى07-ئاينىڭ23-كۈنى | تەۋسىيەلەر |جەمئى 9246خەت بار | 510 قىتىم كۆرۈلدى+ | ئىنكاس يوللانماپتۇ

قەھرىمان تۆمۈر تەۋەككۈل - ( ھېكايە )

گۇگۇم پەرىدىسىگە ئورالغان كائىنات ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرگەن بوۋاقنىڭ جانسىز ئىڭىرىشىدەك سۈكۈت ھەم شاۋقۇنغا ئورالغانىدى .ئايىقى ئۈزۈلمەي ئۈتۈشۈپ تۇرغان ماشىنلارنىڭ شاۋقۇن – سۈرەن سېلىپ توختىماي چېپىشلىرى ،ئۆيلىرىگە ئالدىراش مېڭىشقانلارنىڭ جىددىي ھەركەتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئادەمگە جىددىيچىلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلاتتى .ئالدىراش ئۆيگە كىتىپ باراتتىم ،كىمدۇر بىرسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى :
ــ ئەخمەت ئاكا ،ئەخمەت ئاكا ...
ئەتراپقا نەزەر سالغاچ ، كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىدىم . دەقىقە ئىلگىرى ماڭا ياندىشىپ ئۆتۈپ كەتكەن ،ھازىر مەن تەرەپكە يېقىنلاپ كېلىۋاتقان قىزدىن باشقا ،يەنە بىرسى يوق ئىدى .
‹‹ئىسمىمنى خاتا تۇتىۋالغان بولسا كېرەك ›› دەيتىم ئىچىمدە .قىز بىر چامدامچە ئارلىقتا قەدەملىرىنى توختاتتى .
ــ سىڭلىم سىز ...
ــ ۋوي ! سىز ئەخمەت ئاكام ئەمەسما ؟!
قىز گېپىمنىڭ ئاخىرى تۆگىمەستىنلا ئېغىز ئېچىپ شۇنداق دېدى ۋە ئانچە ئىككىلەنمەستىن سۆزىنى داۋام ئەتتى :
،ــ مەن تېخى سىزنى ئەخمەت ئاكاممىكىن دەپ قاپتىمەن ،ئۆزىڭىز ؟
ــ مەن نىجات .
ــ ھە توغرا نىجات ئاكام ،ــ قىز تېللىققىدەك كۈلدى .ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ھەركىتى بالىلارچە ئوماق ئىدى .ئۇ كۆكسىگە چۈشۈپ تۇرغان سۇمبۇل چاچلىرىنى قولى بىلەن يەلكىسىگە تاشلىدى – دە ، خۇددى مانا مانىڭغا قاراڭ دېگەندەكلا تۈگمىسى ئىتىلمىگەن كوپتىسىنى تەكرار قايرىدى . قىزنىڭ ئىچ كىيىمىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىققان كۆكسىگە نەزىرىم چۈشىۋىدى ،يۈزلىرىم ئۇيۇشۇپ كەتتى .
‹‹ توۋا ! بۇ قىزنى ھېچبىريەردە كۆرگەندەك ئەمەس ،ئەمما شۇنچە ئېچىلىپ – يېيىلىپ پاراڭ سېلىپ كەتكىنىنى .چىرايى بىر ئوبدان ، پاكىزە بالا ،بىراق قىلىقلىرى غەلىتە .”جاننى ئېلىپ ياندا قويىدۇ “دېگەن شۇ ئەمەسمۇ ؟...››
ــ نىجات ئاكا ،ــ قىز يەنە ئېغىز ئاچتى ،ــ مەن سىزنى بىر يەردە كۆرگەنمۇ ؟ ــ قىزنىڭ سۇئالىغا جاۋاب قايتۇرماق بولۇپ تۇرۇشۇم ، ئۇ،جاۋابىمنى كۈتمەستىنلا سۆزىنى داۋام ئەتتى ،ــ كۆرگەندەك قىلىمەن . ھە راست كۆرۈپتىكەنمەن .قايسىبىركۈنى كەچلىك بەزمىدە كۆرگەن .بۇنچە كەچ يالغۇز قايتقىنىڭىزغا قارىغاندا سىرتلارنى ئايلىنىپ كەلگەن ئوخشىمامسىز ؟
ــ ئۆيدە يالغۇز ،باشقا ئىش بولمىغاچ كەچرەك ئشىتىن چۈشكەنىدىم .
ــ سىز مىنى تۇنىيالىدىڭىزمۇ ،ــ سورىدى قىز نازنىن ھالەتتە .ئۇ جاۋابىمنى كۈتمەستىنلا يەنە سۆزىنىى داۋملاشتۇردى ، ــ تۇنىمىدىڭىز ھە ؟! مەنمۇ مۇشۇ قورودا ،ئاۋۇ كۆرۈنگەن بىنادا ئولتۇرىمەن .
گەپ يورغۇلۇتۇپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىشقا رايىم بارمايتتى .ئۇچىغىنى ئېيتسام : تاسادىپى بىر پۇرسەتتە، يەنە كىلىپ شۇنچە كەچتە، قىلچە تۇنۇشلىقى بولمىغان ناتۇنۇش بىر ئەرگە ھېچ تارتىنماستىنلا ئېغىز ئاچقان بۇ قىزنىڭ روھىي ھالىتىدىن نورمالسىزلىق ھېس قىلغانىدىم .ئالدىمدا ئىتائەتمەنلىك بىلەن قاراپ تۇرغان قىزغا ئاخىرقى رەت زەن سالدىم . قىزنىڭ بۇلاقتەك كۆزلىرى خۇمارلاشقانىدى .مىسكىنلىك قاپلىغان جېھرىدە سۇس جىلۋىلەنگەن تەبەسسۇم ،ئويچان كۆزلىرىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا بولسا غېرىپلىق ئىلكىدىكى تەلپۈنۈش ئەكىس – ئەتكەنىدى .
ــ خوش ،يەنە كۆرۈشەرمىز .
ئەمدىلا مېڭىشقا تەمشىلىۋىدىم قىز يەنە سورىدى :
ــ ئىسمىمنى سوراپمۇ قويمىدىڭىزغۇ ؟سىزگە ماس كەلمەمدىكەنمەن يە ؟
ۋۇجۇدۇمدا ئۆز ئەركىسىنى بويلاپ سۇس تىپچەكلەۋاتقان ،ئەمما ،ئانچە جۈرئىتى بولمىغان ئەرلىك ھېسيات بىردىنلا كۈچىيىشكە باشلىدى .تومۇرلىرىمدا دەممۇ – دەم سىقىلىپ تۇرغان قان زەردابى دولقۇن ياساپ شوررىدە ئاققاندەك بولدى .شۇ دەقىقە قىزنىڭ نازۇك بارماقلىرى قوللىرىمغا شۇنداقلا تېگىشى ،يۈرەكلىرىم دۈپۈلدەپ كەتتى .
ــ يۈرۈڭە ئايلىنىپ كېلەيلى .بۇنداق دېسەم كوچىغا چىقىپ قالغان قىز ئوخشايدۇ ،دەپ ئويلاپ قالماڭ يەنە .مەنمۇ سىزگە ئوخشاش زىيالى .ئالى مەكتەپتە ئوقۇيمەن ،ئانام ئاغرىپ قېلىپ مەكتەپتىن سوراپ كەلگەنىدىم ،نەچچە كۈندىنياقى ئۆيدە ئولتۇرىۋېرىپ ئىچىم سىقىلىپ كەتتى ،شۇڭا ...
قىزنىڭ نازلىنىش ئىلكىدە بوسۇققىنە كۈلۈشلىرى قەلبىمدە چىگىشلەنگەن خىياللىرىمنى بىراقلا يەشكەنىدى .ياۋايى ھەۋەسلىرىم كۆڭلۈمدىكى خاۋاتىرلىنىشلارنى ئالاقاياقلارغىدۇر سۈپۈرۈپ تاشلاپ كالامنى قۇپقۇرۇق بىر ھالەتكە كەلتۈرگەنىدى .
‹‹ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ، يەنە كىلىپ شۇنچە ئۇز . ئۇڭىدا تۈگۈل چۈشىدىمۇ كۆرۈش مۇمكىن بولمايدىغان ئېسىل ئولجا ...››
ئۆزەممۇ سەزمىگەن ھالدا قىزغا ئىختىيارسىز ئەگەشكەنىدىم .بىز شەھەرنىڭ چېتىگىرەك جايلاشقان بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراينىڭ ياتاق بىناسى ئالدىدا تاكسىدىن چۈشتۇق .ئۆلچەملىك ياتاقتىن بىرنى ئاچقۇزۇپ جايلاشقاندىن كېيىن ، نەچچە مىنۇتچە بىر – بىرسىمىزگە قاراپ ئولتۇرۇشتۇق .
ــ ۋوي ئولتۇرسىزغۇ ؟! ــ قىز جىمجىتلىقنى بۇزۇپ شۇنداق دېدى – دە ، بوشۇنىشقا كىرىشتى ،ــ مەن ئاۋال قول سالمىسام تاڭنى ئاتقۇزىۋېتىدىغان ئوخشايسىز .
شۇ دەقىقە بەدەنلىرىم لاسسىدە بوشاشقاندەك بولۇپ ، بۇ نىجىس ماكاندىن دەرھال ئايرىلغىم كىلىپ كەتتى .كۆڭۈل ئەينىكىمدە سانسىز ئوبرازلار ئەكىس – ئەتمەكتە ئىدى .ھەئە ، شۇتاپتا كۆڭۈل بېغىمنى سەيلانە قىلىۋاتقىنى نەچچە ئاي ئىلگىرىكى بىر تويدا دېدارلاشقان ئۇز چىرايلار ئىدى . ئۇ چاغدا مەن ئىدارە رەھبەرلىرىنىڭ تەشەبۇسى بىلەن شەھىرىمىزدىكى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر جۈپ ئاشىق – مەشۇقنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتناشقان ئىدىم .
توۋا ! كۆرۈنۈشتە بىر ئوبدان ، گەپ – سۆز ، ئىش – ھەرىكەت ، يۈرۈش – تۇرۇشلىرى شۇنچە نورمال ،قارىماققا بىجرىم كىشىلەر .بۇلارنى كېسەل بىلەن يوقۇملانغان دېسە ، كىممۇ ئىشەنسۇن ...
بىر – بىرسىدىن كىلىشكەن قىز – يىگىتلەر جەم بولغان بۇ يىغىلىشنىڭ خاراكتېرىمگە بۇنچىلىك تەسىر كۆرسىتىشىنى خيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىكەنمەن .ئۇچۇغراق قىلىپ ئېيتقاندا ،ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ بۇنچە كۆپلىكى ۋە ياشلىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلىشىم ئىدى .
شۇ ئىشتىن كېيىن ،كۆزۈمگە چېلىققان ھەرقانداق بىر كىشى ئاشۇ نىجىس كېسەل بىلەن يوقۇملانغاندەك تۇيۇلۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالغانىدى . مانا بۈگۈن مۇنۇ قىزنى ئۇچراتقىنىمدىمۇ ،دەل شۇنداق خىيالدا بولغانىدىم ،بىراق ...
ــ نىجات ئاكا مەن سىزنى ئۇۋۇلاپ قوياي ...
خىيالىم بۆلۈندى .قىز ئىچ كېيىم بىلەن ئىدى .ئۇ ماڭا يېقىنلاپ كەلدى ...
قاتمۇ –قات زېدىيەتلىك خىياللار ئېقىمىدا تېنىمسىز ئۈزمەكتىمەن .غورور ، شەھۋانىيەت ،خىجىللىق ھەم قورقۇمسىراشتىن ئىبارەت ئىنسان تەبىئتىنىڭ بارلىق ئامىللىرى پۈتكۈل ۋۇجۇدۇمنى قاتتىق قامال قىلىپ ، قەلبىمنى تىنىچسىزلاندۇرماقتا ئىدى . شۇ تەرىقىدە قانچىلىك ۋاقىتنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيمەن .
لەززەتلىك بىر سىزىم بىلەن، تەنلىرىم بوشاشتى. ئۆز ئەركەمنى قىزنىڭ مەيلىگە قۇيۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدۇم . ئاھ ! دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق لەزەزتلىنىش بولمىسا كېرەك ...
قىزنىڭ تەلىپى بويىچە 500 يۈەن نەق پۇل ۋە رەنە پۇل تالۇنىنى قالدۇرۇپ ياتاقتىن ئايرىلدىم .مەندە قالغىنى كۆڭۈل خاتىرەمگە ئاخىرقى رەت ئىلغا قىلىۋالغان بىرلا نەرسە ئىدى . ئۇ بولسىمۇ ،ئىرادەمگە خىلاپ ھالدا تەساددىپى نىسىپ بولغان بۇ ئولجىنىڭ ئۆز قىلمىشىغا ماس بولمىغان ئىسمى ،يەنى ، يۇلتۇز دېگەن ئاتالغۇسى ئىدى .ئۇنىڭ ئىسمى راستىنلا يۇلتۇزمۇ – ئەمەس ، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم .. .
‹‹ يۇلتۇز ...يۇلتۇز ...››ئىچىمدە قىزنىڭ ئىسمىنى تەكرارلىغىنىمچە چوڭ يولغا چىقتىم . تاكسى توسماق بولۇپ قولۇمنى شۇنداقلا كۆتەردىميۇ ،يېنىمدا بىر سىنىتمۇ پۇل قالمىغانلىقى خىيالىمدىن كېچىشى ،لاسسىدە بولۇپ قالدىم .نەچچە كىلومىتىر مۇساپىنى پىيادە باسماقتىن ئۆزگە چارە يوق ...
ئارىدىن نەچچە ئايلار ئۈتۈپ كەتتى . شۇ كۈنلەردە نەچچە قېتىملاپ زۇكامدىدىم .پۇت – قوللۇرۇم بوشۇشۇپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى .پەسىل ئالمىشىدىغان پەيتتى بولغاچقا بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنى باشقا تەرەپلەرگە ئانچە باغلاپ كەتمىدىميۇ ،يۇلتۇزنى يەنە بىر دورام ئۇچۇرتۇپ ھازىرقى ھالىتىنى كۆرۈشكە شۇنچە تەققەززا بولدۇم .كەچ كىرىشى بىلەن ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىنى نەچچە رەت ئايلىنىپ چىقىمەن .ئاشۇ ئايلىنىشىمدا ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىم توۋلىشىنى كۈتىمەن ...
بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ،ئىشقا چىقىپ ئەمدىلا ئىشخانامغا كىرىپ تۇراتتىم ،ئىشىك يىنىك چىكىلدى .مېھماننىڭ كېرىشىگە ئىجازەت بېرىپ ،يولىغا قاراپ تۇردۇم .
قارىماققا 40 ياشلاردىن ھالقىغان بىر ئايال سولغۇن قەدەملەر بىلەن كىرىپ كەلدى .تۇزۇت قىلماستىنلا سافاغا تاشلاندى .ئۇنىڭ چىرايلىرى تاتارغان بولۇپ ،كۆزلىرى ئولتۇرۇشقان ئىدى .
ــ مىنى تۇنىدىڭىزمۇ ؟ــ سورىدى ئايال باش ياغلىقىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن .
ــ سىز .
چوكانغا سوئال نەزىمدە تىكىلدىم .
ــ مەن يۇلتۇز .
ــ يۇلتۇز ؟! ــ ھەيرانلىقتا توۋلاپ سالغانىدىم ،ــ سىز قايسى يۇلتۇز ؟
ــ ئېسىڭىزدە يوقما ؟ بىز بۇندىن ئۈچ ئاي ئىلگىرىكى بىر كۈنى كەچتە مېھمانخانىدا ...
ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى قولۇقۇمغا كىرمەيتتى .ئۆز – ئۆزەمگە :‹‹مېھمانخانىدا ،توغرا مېھمانخانىدا .بىراق ، ئۇ يۇلتۇز سىز ئەمەستە .ئىسمىڭلار ئوخشىغان بىلەن جىسمىڭلار ئوخشىمىسا ...›› تەگسىز خىياللار ئىلكىدە توختىماي پىچىرلايتتىم.نېمە دېيىشنى ، قانداق قىلىشنى ئەسلا بىلمەيتتىم .
ــ نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى ،ــ دېدىم مەن مىڭبىر تەسلىكتە ئېغىز ئېچىپ .
ــ ئاپامنىڭ كونا كېسىلى قوزغۇلۇپ قالدى ، شۇڭا ،سىزنى ياردەم قىلارمىكىن ،دەپ ئىزدەپ كېلىشىم .
ــ ياردەم ؟
ــ مۇشۇ بىر نۆۋەت ياردەم قىلىڭ نىجات ئاكا ،ــ يۇلتۇز مىشىلداشقا باشلىدى ،ــ مۇشۇ بىر نۆۋەت .
‹‹ قارا ئۇنىڭ تۇرقىغا . ھەرقانچە جەبرى – جاپا تارتسىمۇ ئۈچ ئايدا مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالسۇنمۇ . ھەي، تۈگۈشۈپتىمەن ...››بەدەنلىىرم سوغاق تەرگە چۆمۈلدى .ئىچ – ئىچىمدىن دەرغەزەپ ياناتتى .شۇ تاپ ئۇنى قىيما – چىيما قىلساممۇ دەردىم چىقمايتتى ...
نە چارە ،جان چىققاندا سۈرە ياسىن ئوقۇغاننىڭ نېمىگە پايدىسى بولسۇن .بار ئاۋازىم بىلەن توۋلۇدۇم :
ــ تولا خۇپسەنلىك قىلماي ئىشخانامدىن يوقال، پاسكىنا .ئۆزەڭنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دەۋاتقان ئىدىڭغۇ ؟
ــ شۇ چاغدا شۇنداق دېمىسەم سىز مەن بىلەن ماڭامتىڭىز ،ــ ئۇ ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى .ئارقىدىنلا كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەچ داۋام ئەتتى ،ــ بۇ گەپنى مەنمۇ باشقىلاردىن ئۆگەنگەن .مىنى ئازدۇرۇپ ، يولدىن چىقارغان يىگىتلەردىن ئۆگەنگەن .
ــ ئىككىنچى كۆزۈمگە كۆرۈنگىچى بولما .ئىشخانامغا قايتىلاپ ئاياق باسىدىغان بولساڭ پۇت – قولۇڭنى چېقىۋېتىمەن ،ـــ 50 يۈەنلىك بىر ۋاراق پۇلنى يۇلتۇزنىڭ يۈزىگە ئاتتىمدە ، دۆشكەللىگەنچە ئىشخانىدىن قوغلاپ چىقاردىم .
بېشىم چىڭقىلىپ ئاغرىيتتى .ئۆز – ئۆزەمدىن خۇدۇكسىۈرەشكە ، قورقۇشقا باشلىدىم :
‹‹ ئۇ راستىنلا ئەيدىزمىدۇ ؟ ناۋادا شۇنداقلا بولسا ، ماڭىمۇ يۇقتى دېگەن گەپ .ئەگەر مەنمۇ يوقۇملانغان بولسام ،ئۇ ھالدا ...››
خىيالىمنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئاجىزمەن .بىرھازا سۈكۈتكە پاتقاندىن كېيىن ،مەيلى نېمىلا بولمىسۇن دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتۈشنى قارار تاپتىم .شۇنداق ،ئايالىم ۋە بالىلىرىم ئۈچۈن بولسىمۇ شۇنداق قىلىشىم كېرەك .
دوختۇرغا بېرىپ ،قان بېرىپ كەلگىنىمگىمۇ ئۈچ كۈن بولۇپ قالدى .دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بۈگۈن چۈشتىن كېيىن تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقاتتى .ئەتىگەندىن بېرى ئۆز تەقدىرىم ئۈستىدە گادىرماش خىياللار بىلەن دەككە – دۈككىدە ئولتۇراتتىم ،تېلفۇن ئەنسىز جىرىڭلىدى .
ناتۇنۇشلا بىر نومۇر .
‹‹دوختۇردىن كەلسە كېرەك ›› دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە ،‹‹چۇقۇم يوقۇملۇق چېقىپتىمەن ،بولمىسا تېلفۇن قىلىپ ئولتۇرمايتتى ...››
مەندە تېلفۇن ئالغۇدەك جۈرئەت نېمە قىلسۇن . شۇنچە قىلساممۇ قوللۇرۇم ئۆزەمگە بويسۇنمايتتى ...
ــ ۋەي ...ۋەي ...
دوختۇرنىڭ قايتىلاپ توۋلىشى بىلەن ،ئاران دېگەندەك زۇۋانغا كەلدىم :
ــ ياخشىمۇ سىز ؟
ــ سىز نىجات ئەپەندىممۇ ؟
ــ ھەئە ، مەن نىجات .
ــ مەن دوختۇر ئابابەكرى . قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى لابراتۇرىيە بۆلۈمىدىكىلەر تېخى ھېلىراقتىن ئىشخانامغا يەتكۈزۈپ بەردى .نەتىجىدىن خەۋەردار قىلىپ قوياي ، دەپ تېلفۇن قىلىشىم،ــ تېلفۇن تۇرۇپكىسىنى چىڭ تۇتقىنىمچە ئېغىر تىنىپ ئولتۇردۇم،ــ قېنىڭىز چوڭ جەھەتتىن نورمال ئىكەن .جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىپتۇ ...
كۆڭلۈم ۋىللىدە يۇرۇپ كەتتى .دوختۇرنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى تۆگىمەستىنلا ئۇنىڭغا رەھمەت بىلدۈردۈم .قۇلۇمغا قەغەز – قەلەمنى ئالدىمدە يۇقارقى قۇرلارغا قەلەم تەۋرەتتىم .يېزىپ تاماملانغاندىن كېيىن ،ئوقۇپ كۆرسەم خېلى قاملاشقاندەك قىلىدۇ .ناۋادا راستىنلا شۇ نىجىس كېسەل يۇقۇپ قالغان بولسا ، قانداقمۇ قىلار ئىدىم ،دېگەننى كۆپ ئويلاپ ،ئاخىرىدا باشقىلار ئۈچۈن ئىبرەتلىك ساۋاق بولۇپ قالسۇن ئۈچۈن ئۈشبۇ ئەسەرنى يازدىم .يازغانلىرىم مەتپائات يۈزىدە ئېلان قىلىنامدۇ – يوق ، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم .ناۋادا ئېلان قىلىنىپ قالسا ،كەچمىشلەردىن خەۋەردا بولغان ھەر بىر يولداشنىڭ ئۆز ھاياتىنى قەدىرلىشىنى ، ناشايان يولدىن ئۈزۈل – كېسىل قول ئۈزىشىنى ،بىلىپ – بىلمەي سادىر قىلغان ئازغىنا ئىشلىرى بەدىلىگە بىر ئۆمۈر پۇشايماندا قالماسلىقىنى تەۋىسىيە قىلىمەن .
ـــ ئېھتىرام بىلەن نىجات .

بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان !
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ .

يازمىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى باھايىڭىزنى تاللاپ باقمامسىز ؟

قالتىسكەن ياخشى ئادەتتىكىچە پايدىسىز چۈشەنمىدىم ئەخلەت

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !