نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت | ئۆرنەكلەر | ئاساسىي مەزمۇن
ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە…
2012-يىلى07-ئاينىڭ25-كۈنى | ئۆرنەكلەر |جەمئى 2997خەت بار | 562 قىتىم كۆرۈلدى+ | 7پارچە ئىنكاس بار

ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنىڭ پىرىنسىپى

ئۇسلۇب ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش(تۆۋەندە ئوخشاشلا تەرجىمە قىلىش دەپ ئالغۇسىمىز) مەشخۇلاتىنى باشلاشتىن بورۇن، بىز بۇ مەشخۇلاتنىڭ پىرىنسىپى ھەققىدە ئازراق ئۇقۇمغا ئىگە بولۇشىمىز زۆرۈر. يەنى، ئۇسلۇب ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش دېگەن نېمە؟ پىرىنسىپىچۇ؟

بىلگىنىمىزدەك، WordPress سېستىمىسى-دۇنيادىكى نوپۇزلۇق بېكەت-بلوگ سېستىمىلىرىدىن بىرى بولۇپ، مەزكۇر سېستىمىنىڭ ئارقا سۇپىسى-پىداكار توردىشىمىز مۇرشىدى ئەپەندىم تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى. ئەمما، سىرىتقى قىسمى، يەنى ئۇسلۇب قىسمىنى تورداشلارنىڭ ئۆزىگە تاشلاپ بەرگەن بولۇپ، تورداشلار ئۆزىنىڭ ئېھتياجىغا ئاساسەن ئۇسلۇب ياساپ بېزىسە بولىدۇ. ئەمدى، بىز تەكىتلەۋاتقان ئۇسلۇب ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش دېگەن ئۇقۇمغا كەلسەك-بۇ ئۇقۇم دۆلەت-ئىچى سىرتىدىكى تورداشلارنىڭ ئىجادىي ئۇسلۇبلىرىنى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ قوللىنىش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش؛ئۇيغۇر توربەت ئۆلچىمىگە چۈشۈرۈشدىن ئىبارەت.

ئۇسلۇب ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ.بىرىنچى، ئۇسلۇب ھۆججەتلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، يەنى ئۇسلۇبنىڭ قېلىپىدىكى يات تىل يېزىقلىرىنى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش. ئىككىنچى قىسمى، ئۇسلۇب پاسون ھۆججىتى style.cssنى تەڭشەش ئارقىلىق، ئۇيغۇرچىلاشقان ئۇسلۇبلارنى ئۇيغۇر توربەت ئۆلچىمىگە چۈشۈرۈش ياكى يېقىنلاشتۇرۇشدىن ئىبارەت.

بۇنىڭ ئىچىدە تېخنىكىلىق جەھەتتە بىر قەدەر نازۇك ھەمدە بىر قەدەر سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان قىسمى ئۇسلۇب پاسون ھۆججىتى style.cssنى تەڭشەش قىسمىدۇر.

تەرجىمانغا قويۇلىدىغان تەلەپ ۋە بىرىلىدىغان پىكىرلەر

مەن css بىلمەيمەن قانداق قىلىمەن؟ مەن phpدىن ئازراق بىلىمگە ئىگە،قانداق قىلىمەن؟مەن توربېكەت تەرجىمە قىلىپ باققان، ئەمما مەزكۇر سېستىمىغا ئەمدى كۆچۈپ كەلگەن، قانداق قىلىمەن؟…

مەن css بىلمەيمەن قانداق قىلىمەن؟ مەن phpدىن ئازراق بىلىمگە ئىگە،قانداق قىلىمەن؟بەلكىم، سىز مۇشۇنداق نۇرغۇنلىغان سۇئاللار ئىچىدە ئۆزىڭىزنى تۆۋەن تۇتۇپ يۈرگەن بولىشىڭىز مۇمكىن. بىلمىسىڭىز ھىچۋەقەسى يوق،ئەمما سىز بىلىپ تۇرۇپ تىرىشمىسىڭىز يەنىلا بولمايدۇ. مەسىلەن، ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان php,css بىلىملىرىنى بىلمىسىڭىز ھىچ ۋەقەسى يوق،ئەمما يۇلۇققان مەسىلىنى چوقۇم ئۆزىڭىز ئىزدىنىپ، كۆپرەك قول سېلىپ ئىشلەپ كۆرۈشۈڭىز كېرەك.ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن phpنى يىرتىۋەتكۈدەك سەۋىيە كەتمەيدۇ، مەنمۇ php ھەققىدە قارىغۇمەن،ئەمما سىزدىن ئەستايىدىللىق ھەمدە مەسئۇلىيەتچانلىق تەلەپ قىلىدۇ.يەنى، مەشخۇلات داۋامىدا، بىر تال چىكىت ياكى پەشنى ئۇياق-بۇياق قىلىۋەتسىڭىز ئۇسلۇبنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ قۇيۇشىڭىز مۇمكىن.

تۆۋەندە ئۆزۈمنىڭ قارىشى بۇيىچە تەرجىمانغا قويۇلىدىغان بىرقانچە تەلەپ ۋە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغۇسىمەن.

1.php،cssلەردىن خەۋىرىڭىز بولمىسا ھۇدۇقماڭ.ئەمما يېنىڭىزدا بۇ ئىككى تىلنىڭ قوللانمىلىرى بولسۇن.
2.ئەستايىدىل بولۇڭ،كود بىلەن ھەپىلىشىڭ،ئەمما كودقا چاقچاق قىلماڭ، ئۇ چاقچاق كۆتۈرەلمەيدۇ.
3.سەۋىرچان بولۇڭ، ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش بىر جەريان، بەزىدە سىزنىڭ نەچچە سائەتلەپ ۋاقتىڭىزنى ئالسا بەزىدە كۈنلەپمۇ ئېلىۋېتىشى مۇمكىن.
4.ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇسلۇبنى بىر قېتىم سېنىۋېتىڭ.
6.ئۇسلۇب ئاپتورىنىڭ بايانلىرىغا قۇلاق سېلىڭ. ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇسلۇب ئاپتورى نىمە دەپتۇ،ئۇسلۇبنىڭ قانداق ئىقتىدارى بار، قانداق قىستۇرمىلارنى ئىشلىتىدۇ دېگەن مەسىلىلىرىگە ناھايىتى دىققەت قىلىڭ،بۇ بەك مۇھىم.
7.ئىزدەش ماتورلىرىدىن پايدىلىنىشنى بىلىڭ. بىرەر مەسىلىگە يولۇقتىڭىز، ئىزدەش ماتورلىرى سىزنىڭ ئەڭ ياخشى ياردەمچىڭىز بولغۇسىدۇر.

يازمىنى يىزىشتىن بۇرۇن،نۇرغۇن تەلەپ-پىكىرلەر كاللامغا كەلگەنتى، ئەپسۇس، ھازىر يەنە نېمىلەرنى دىيىشنى ئونتۇلۇپ قالدىم. شۇنداق قىلىپ،بۈگۈنكى يازمىمىز مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتى،كېلەر قېتىملىق يازمىمىزدا ‹‹Wordpress مۇھىتى ھازىرلاش››ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتكۈسىمىز.

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ
مەنبە :ئۇيغۇربەگ تۇراسى

بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان !
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ .

ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

    نۆۋەتتە 7 پارچە ئىنكاس بار | بۇنىڭ ئىچىدە :زىيارەتچى قالدۇرغىنى :5 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى :2 پارچە

    1. شاتمەن China Google Chrome Windows : 2012-يىلى07-ئاينىڭ26-كۈنى14:15:10  1-رەت @جاۋاب جاۋاب

      مەن پەقەت بىلوگقا دىۋاندا ئولتۇرۇش ئۈچۈنلا كىرىمەن . :evil: :evil: 1_120404193938_1.jpg

      • مۇئەللىم China Internet Explorer Windows : 2012-يىلى07-ئاينىڭ26-كۈنى23:51:44  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

        ئىنكاستا دىۋان يەتمىسە ، سىزلا ئەقىل ئىشلىتىپسىز ، ئەكىرگەن كىرسلۇ لارمۇ باشقا كىرگەنلەرگە يەتكۇدەك جۇمۇ ؟!!!

    2. تورسودا China Google Chrome Windows : 2012-يىلى07-ئاينىڭ26-كۈنى07:55:58  2-رەت @جاۋاب جاۋاب

      ئەلگە نەپ بۇرادەر دائىم دىۋان دىۋانلا دەيدۇ، ئەپسۇس ، كۆپىنچە ھاللاردا دىۋاندا باشقىلار ئولتۇرۇپ بولغان بولىدۇ…. :smile:
      نىمە ئۈچۈنكى مۇشۇ دىۋان پىۋان دىگەنلەرگە ئانچە ئەھمىيەت بىرىپ كەتمەيمەن …
      مەن شۇ ئازدۇر-كۆپتۇر بىلىم ۋە چۈشەنچىگە ئىگە بولساملا ماڭا شۇ دىۋان…… :oops:

      • مۇئەللىم China Internet Explorer Windows : 2012-يىلى07-ئاينىڭ26-كۈنى08:34:02  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

        دىۋان جىق ، پەقەت ئەلگە نەپ ئەستايىدىل ئىزدىسلا !!!

    3. ئەلگە نەپ China Internet Explorer Windows : 2012-يىلى07-ئاينىڭ25-كۈنى07:39:47  3-رەت @جاۋاب جاۋاب

      مەن ئەڭ باشتا دىۋاندا ئولتۇراي :grin:

      • يالغۇز China Google Chrome Windows : 2012-يىلى07-ئاينىڭ26-كۈنى05:02:05  1-قاتار @جاۋاب جاۋاب

        يازمىغا ئىنكاس يېزىش ئېسىل خىسلەت ، قېنى سىزمۇ يېزىپ قويۇڭ…

    4. تورسودا China Google Chrome Windows : 2012-يىلى07-ئاينىڭ25-كۈنى07:34:14  4-رەت @جاۋاب جاۋاب

      ھەقىقەتەن نان تىگىدىغان يازما بوپتۇ…رەھمەت :smile:

    بىر ئىنكاس-بىر كۆڭۈل !