يېقىنقى 15كۈندىن بىرى مۇئەللىم بىلوگىنى ئاچمىدىم ، كۆپلىگەن بىلوگگىر دوستلىرىم ۋە مۇئەللىم بىلوگىنىڭ ھەمسۆھبەت ئوقۇرمەنلىرىنىڭ بەزىلىرى ئىلخەت ۋە مۇڭدىشىش قوراللىرى ئارقىلىق ، مەندىن مۇئەللىم بىلوگىنىڭ ئېچىلماسلىق سەۋەبىنى سورىدى . مەنمۇ ئۇلارغا ئېنىق سەۋەبنى ئېيتىپ بەردىم .
بۇنىڭدىن مەنمۇ خۇشال بولدۇم . چۈنكى ، مۇئەللىم بىلوگىنى ياقتۇردىغان دوستلار خىلى كۆپكەن . مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۆپچىللىك بىلەن ئورتاقىلىشىش مەقسىتىدە ئەسلى سەۋەبنى ئوتتۇرغا قويىۋىتەي ؛
باشقا ئالاھىدە سەۋەبمۇ يوق ، ئاساسلىق سەۋەب ؛ مۇئەللىم بىلوگى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بوشلۇق چەتئەل بوشلۇقى (كورىيە)بولۇپ ، يېقىنقى مەزگىلگە كەلگەندە ، سېستىما نۇرمال ئىشلىگەن شارائىتتىمۇ ، بىلوگ نۇرمال ئېچىلمايدىغان ۋە ئېچىلىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىشەك ئەھۋاللار كۆپلەپ يۈز بىرىشكە باشلىدى ، بۇنداق بولىۋەرسە ، ئۆزۇممۇ ۋە باشقىلارنىمۇ زىرىكتۈرۈپ قويىدىكەنمەن . بوشلۇق ۋاقتى ئەسلىدە كېيىنكى يىلى 3-ئايدا توشىدىغان بولسىمۇ ، مۇئەللىم بىلوگىنىڭ نۇرمال ئېچىلىشغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە ، دۆلەت ئىچىدىكى سۈرئىتى تىزراق بوشلۇق ئېلىپ كۆچمەكچى بولدۇم ، ھەمدە بوشلۇقمۇ ئالدىم . ئەمما دۆلەت ئىچى بوشلۇقىغا ICP(تەستىقنامە)كېتىدىكەن ، بوشلۇق ساتقان تەرەپ ICPنى ھەقسىز بىجىرىپ بېرىدىكەن ، بۇنىڭغا 15-20كۈن ۋاقىت كېتىدىكەن . مۇشۇ سەۋەب بىلەن ، ICPبىجىرىلىپ بولغۇچە ۋاقىتتا مۇئەللىم بىلوگىنى نۇرمال ئاچالمىدىم ، مۇشۇ سەۋەبلىك دوستلارغا كەلتۈرگەن قولايسىزلىقلاردىن سەمىمىي ئەپۇ سورايمەن . ھەمدە بۇندىن كېيىنمۇ دوستلارنىڭ يەنمۇ قوللىشىنى ، مۇئەللىم بىلوگىنىڭ ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ تاللىشىغا يەنىمۇ لايىقلىشىشى ئۈچۈن پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن .
ھۆرمەت بىلەن : مۇئەللىم
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
نېمىدىسەم بولا مۇئەللىم،سىزدىكى ئىلگىرىلەشكە قايىل بولماي تۇرالمايمەن،باشقىلارنىڭ مېنى ماختىشىنى بەك ياخشى كۆرۈپ كەتمەيتتىم،بىراق يەنىلا دېمەي تۇرالمىدىم،يېڭى يىلدا يېڭىچە قەدەملەر بىلەن تېخىمۇ مول بىلىملەر بىلەن تەمىن ئېتىشىڭىزغا تىلەكداشمەن،مەڭگۈ سالامەتلىك يار بولسۇن.
مۇئەللىم بىلوگىنىڭ سىپىمىزگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى قىزغىن ئالقىشلايمىز…
مۇئەللىم بىلوگى ئاخىرى ئەسلىگە كەپتۇ مۇبارەك بولسۇن بۇگۇن مۇئەللىم بىلوگىغا كىرسەم سۇرئەت باشقىچىلا تىز بەك خوش بولدۇم ھە راس مۇئەللىم بىلوگىنى ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم مۇمكىن بولسا بىزدەك يىڭى كەلداخۇنلىنىمۇ مۇئەللىم ئۇلىنىش قوشونىغا قىتىۋالسىڭىز
كورىيەنىڭ بوشلۇقىمىتى ئەسلى ؟ كورىيەنىڭ ھازىر گاڭنام ئۇسۇلىدىن باشقىسى باكا .