ھازىرقى ئورنىڭىز: باشبەتشېئىرلىرىم>تەپسىلىي مەزمۇن
مەكتەپتىكى كەچ
2012-يىلى03-ئاينىڭ22-كۈنى / شېئىرلىرىم / ئىنكاس سانى 3 / كۆرۈلۈشى : 147 قېتىم+

يۈتۈپ كەتتى قۇياشنى بىنا،

كەشىسىنى سۆرەپ زىرىكىش

شىپىلداقلاپ چىقتى ئاستىلا.

قەيەردىدۇر ئۈنلەيدۇ گىتار ،

ئۇھسىنىدۇ قىرى مەجنۇنتال .

كۆز قىسماقتا چاقچاقچى يۇلتۇز ،

دەرىزەمدە ئولتۇرىدۇ ئاي .

ياتاقتىكى قۇرۇق كارۋات ،

قۇچۇقۇمدا كەتمەكتە يۇمشاپ ،

خىياللىرىم توقۇماقتا تور ،

يىراقلاردىن-يىراققا ئۇلاپ .

【ئالدىنقى يازما】
【كېيىكى يازما】

ھازىرغا قەدەر جەمئىي 3 پارچە ئىنكاس قالدۇرۇلدى. ئۇنىڭ ئارىسىدا زىيارەتچىلەر 2 پارچە، بىكەت باشلىقى 1 پارچە ئىنكاس قالدۇردى.

  1. ئىقبال : 2012-يىلى03-ئاينىڭ23-كۈنى07:41:21  1-قەۋەت جاۋاب

    سىزنى چاقچاق قىلسا ، مېنى تىرىكىپ قالمىسۇن دەپ چىقماي قالغان چىغى بۇ چىراي ئىپادىسى…..

  2. تىلەك : 2012-يىلى03-ئاينىڭ23-كۈنى00:32:17  2-قەۋەت جاۋاب

    ۋاي سىزمۇ شائىر كەنسىزغۇ…………….(قېنى ماۋۇ چاقچاق قىلغان چىراي ئىپادىسى)
    بەت chrome چىرايلىق چىقىدىكەن.

  3. ئەلپىدا : 2012-يىلى03-ئاينىڭ22-كۈنى14:40:54  3-قەۋەت جاۋاب

    يەنىلا شائىر ئادىل تۇنىياز كىچىكلىكىدە دەسسەپ چوڭ بولغان تۇپراقنى دەسسەپ چوڭ بولغان ئادەمدە مۇئەللىم ئۆزلىرى . ئايرىم مىسرالىرى ئادىلنىڭكىدەكلا چىقىپتۇ …

قېنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يېزىڭ

باش سۈرەت؟