ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
بۈگۈن سىلەرگە تىزىملاتماي تۇرۇپ پاراڭلاشقىلى بولىدىغان قىستۇرمىدىن بىرنى ئېلىپ كەلدىم . بۇ قىستۇرما ئارقىلىق سۆز قالدۇرغىلى ، ئەگەر ھەر ئىككى تەرەپ توردا بولسا بىۋاستە پاراڭلاشقىلى بولىدۇ . ھەم ئۆز ئارا ئېلخەت يوللاشقا بولىدۇ . ئىشلىتىشمۇ قولاي . كەڭ بىلوگگىر دوستلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ، قىستۇرمىنىڭ ئالدى ۋە ئارقا تەڭشەك بەتلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويدۇم شۇنداقلا كەسمە يۈز رەسىملىرىمۇ يوللاندى . رەسىمگە ئاساسەن تەڭشەپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .
بۇ قىستۇرمىنىڭ ھەقسىز نەشرى ، يەنىمۇ كۆپ ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىشنى ئويلىسىڭىز ھەقلىق نەشىرىنى سېتىۋىلىپ ئىشلىتىڭ .
كەسمە يۈز رەسىملىرى
كۆرۈش ۋە چۈشۈرۈش
ھۆججەت سىغىمى :628KB
يېڭىلانغان ۋاقتى :2014-09-07
چۈشۈرۈش ئادرېسى: ئۈنۈمىنى كۆرۈش 丨 كۆچمە خەۋەرلىشىش تور دېسكىسى 丨 چىيەنناۋ تور دېسكىسى
قىستۇرما ھەققىدە سورايدىغان سۇئاللىرىڭىز بولسا ، يازما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ . ئەگەر قىستۇرما يارىغان بولسا ، قىممەتلىك باھالىرىڭىزنى ئايىماڭ ، بىر باھايىڭىزغا يارىمايدىغان يازمىنى يوللىماسلىققا جەزمەن كاپالەتلىك قىلىمىز .....
2015-يىلى 02-ئاينىڭ 09-كۈنى 4:15 چۈشتىن بۇرۇن تەخىت
مەنمۇ چۇشۇرۇپ قىستۇرما قاچىلايدىغان ئۇسلۇپ قاچىلايدىغان ئورۇنلارغا تاشلاپ سىناپ باقتىم ھىچ كۆرۇنمىدى قاچىلاش ئۇسۇلىنى بىلەك بولاتتى .؟
2015-يىلى 02-ئاينىڭ 09-كۈنى 10:35 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@مەمەتجان @مەمەتجان ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، مەمەتجان بۇرادەر ، بۇ بىر بىلوگ قىستۇرمىسى ، مۇنبەر سىستېمىلىرىغا ئەسلا ماس كەلمەيدۇ ، مۇئەللىم بىلوگى WordPress سىستېمىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان بىلوگ تېپىدىكى تور بېكەت . ئۇ سىلى Discuz سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ قۇرغان مۇنبەرگە ئەسلا ئوخشىمايدۇ . گەرچە بېكەت تىلى ئوخشاشلا php بولسىمۇ ، يېزىلىش شەكلى ئوخشىمىغاچ ، قىستۇرما ۋە ئۇسلۇبلىرىمۇ ماس كەلمەيدۇ ……
2014-يىلى 09-ئاينىڭ 12-كۈنى 6:07 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
بۇ قىستۇرمىنى قانداق قاچىلايمىز