ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
مەزكۇر قىستۇرمنى ئۆزۇم ياسىغان ئىجادىي قىستۇرما بولۇپ WordPress نىڭ 3.5.1 نەشرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى نەشىرىدە ئاپتوماتىك قوشۇلىدىغان JS كىرگۈزگۈچ ۋە باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ خەت نۇسخىسى قاتارلىق ئۇچۇرلار ئېلىۋېتىلگەن بولۇپ، WordPress نى بۇ يېڭى نەشرگە كۆتۈرگەندە گەرچە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتى نورمال بولسىمۇ، بىراق باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ خەت نۇسخىسى نورمال ئۇيغۇرچە كۆرۈنمەيدۇ. شۇ سەۋەبىتىن بىلوگىرلارغا بىر ئاز ئاۋارىچىلىك بولۇۋاتىدۇ . مەزكۇر قىستۇرما شۇ ئېھتىياج تۈپەيلى ياسالغان بولۇپ، ئېھتىياجى بار تورداشلار چۈشۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدۇ. مەزكۇر قىستۇرما ناھايىتى ئاددىي ھەم يېنىك بولۇپ تورداشلار خاتىرجەم ئىشلەتسە بولىدۇ .
قىستۇرما ئالاھىدىلىكى :
سىز مەيلى يېڭى نەشىردىكى ۋوردپىرەس قاچىلغان بولۇڭ مەزكۇر قىستۇرمىنى قوزغىتىپلا قويسىڭىز بىلوگىڭىز باشقۇرۇش تاختىسى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە قوللايدۇ .
كۆرۇنۇش:
ئىنگلىزچە 3.9 ۋوردپىرەس نەشىرىگە كۆتۇرگەندىن كىيىنكى كۆرۇنۇشى :
http://yunpan.cn/QNLwtRB27GvKh (访问密码:031b
访问密码:031b
2016-يىلى 06-ئاينىڭ 10-كۈنى 5:56 چۈشتىن كېيىن تەخىت
چۈشۈرۈش مەنزىلى يوقاپ كېتىپتۇ……….
2014-يىلى 04-ئاينىڭ 23-كۈنى 1:51 چۈشتىن بۇرۇن ئورۇندۇق
بلوگنى 3.9 غا كۆتۈرۈۋالدىڭىزما ؟
2014-يىلى 04-ئاينىڭ 24-كۈنى 10:44 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@قاسىمجان ياق
2014-يىلى 04-ئاينىڭ 18-كۈنى 10:04 چۈشتىن كېيىن پەگاھ
پاھ . بۇ بىلوگنى ئىچىش نىمىدىگەن ھۇزور ھە….. ئىشىم بولمىسىمۇ بىلوگىڭىزنى ئىچىپ قۇيۇپ ئولتۇرسام بولغۇدەك…لېرىك مۇزىكا، كۆركەم كۆرۈنمە يۈزى….. گۈل بېرەي دىسەم يوق تۇرىدۇ…..
2014-يىلى 04-ئاينىڭ 18-كۈنى 9:52 چۈشتىن كېيىن 4-قەۋەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم ۋە بۇ يەرگە يىغىلغان قېرىنداشلار!…..
بىلوگىڭىزنىڭ IE11 دىكى باش سۈرەت ئۈنۈمى ئالاھىدە ئىكەن. يىقىندىن بۇيان ئالدىراش بۇلۇپ قىلىپ wix تۇغۇرلۇق بىر نەرسە يازالمىدىم. بۇ مەن قۇرغان ھەقسىز بىلوگنىڭ ئادرىسى http://begmurad.wix.com/yaqupjan
قانداق ئالاھىدلىكى بارلىقىنى تازا بىلىپ كەتمىدىم HTML5 تىخنىكىسى قوللىنىغان ئىكەن.
2014-يىلى 04-ئاينىڭ 21-كۈنى 6:24 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@بەگمۇراد ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، مۇمكىن بولسا ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبتىن بىرنى تاشلاپ قويۇڭ ، ئۇيغۇرچە قوللامدۇ-يۇق ؟ بۇنى بىلىۋالسا ، ئاندىن ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز ، چۈنكى ئېنگىلىسچە بىلمەيدىغانلار ئارىمىزدا نۇرغۇن ، مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە …..
2014-يىلى 04-ئاينىڭ 21-كۈنى 10:12 چۈشتىن كېيىن 2-قاتار
@مۇئەللىم نەدىكىنى دەيسىز،!!!! شۇ بىر يىل ئىنگىلىزچە ئۈگىنىپ قويغان ئەمما ئىنگىلىزچىگە بەك قىزىقىمەن. ئۈزۈم يېزىدا بولغاچ داۋاملاشتۇرۇپ ئۆگىنەلمدىم. ئىنگىلىز تىلى ئۆگىشنى باشقا قېرىنداشلرىمىزغىمۇ تەۋسىيە قىلىمەن. يەنە بىرى ئازادە-ئۇيغۇرئىكىسنىڭ ئاساسىي تېمىلېرىنى يۈتكەيمىكىن دەيمەن. ئۇبۇنتۇ-ئۇيغۇرئىكىسنى تۇلا تەشۋىق قىلىپ باشقىلارغىمۇ سەت كۆرۈنۈپ كەتتىم. ئەسەبىي ئۇبۇنتۇچى بۇپ كىتىپتىمەن .
2014-يىلى 04-ئاينىڭ 17-كۈنى 3:27 چۈشتىن كېيىن 5-قەۋەت
قىستۇرمىنىڭ يەنە بىرسىنىڭ كۆپرەك بولغۇنىنىڭ زىيىنى يوق .بىلوگدا eot ياكى كومپيوتىردا خەت نۇسقىسى بولسا يىتەرلىك .نۇرمال ئىشلەۋىرىدىۇ . قالغىننى بىز سىزلەر بار ئالدىرماي ھەل قىلمامدۇق .
2014-يىلى 04-ئاينىڭ 17-كۈنى 3:23 چۈشتىن كېيىن 6-قەۋەت
بۇ قىستۇرما بىلەن wp-bfont نىڭ پەرقى نېمە ؟
2014-يىلى 04-ئاينىڭ 17-كۈنى 1:33 چۈشتىن كېيىن 7-قەۋەت
wp-bfont قىستۇرمىسى بولاتتىغۇ؟ يەنە كېلىپ eot تونۇتۇش ئىشلىرىنى قىلمىسىڭىز خەت نۇسقىسى يوق مۇھىتتا قىستۇرما ئۆز ئەھمىيىتىنى تولۇق يوقىتىدۇ. بولسا خەت نۇسقىسى تاللايدىغان ياكى يۈكلىگىلى بولىدىغان بولسا ياخشى بولاتتى!