ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
چىش مىلىكى قاناش
بۇ كېسەللىك چىش مىلىكىنى ئوزۇقلاندۇرغۇچى قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە ئۇششاق قان تومۇرلارنىڭ سۇسلىشىپ ، شۇ ئورۇندا تۇتقۇچى قۇۋۋەتلەرنىڭ ئاجىزلىشىشى سەۋەبىدىن چىش مىلىكىنىڭ رەڭگى ئۆزگىردىغان ۋە قاناش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك . داۋالاش رېتسىپلىرى؛
1_ رېتسىپ؛ ئانار گۈلىدىن بىر سىقىم ، تاباشىردىن بىر ئوچۇم ، سەرپىستاندىن بىر ئوچۇم ، يۇلغۇن مېۋىسىدىن بىر سىقىم ، يېرىم ئاچچىق ئانارنىڭ پوستى ، قىزىلگۈلدىن بىر سىقىم قاتارلىقلارنى ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ ، يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە ، چىش مىلىكى قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ .
2 _ رېتسىپ؛ موزىدىن بىر تال ، سېمىز ئوت ئۇرۇقىدىن بىر ئوچۇم ، سارغايتىلغان زەمچىدىن ئۈچ چىمدىم ئېلىپ ، بىر چىنە سۇدا ئېرىتىپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ، سۈيىدە غار _ غار قىلىنىدۇ .
3 _ رېتسىپ؛ ناماز شام گۈلىدىن بىر ئوچۇم ، سۇماقتىن بىر چىمدىم ، ئەرەب دەرىخىنىڭ پوستىدىن بىر چىمدىم ئېلىپ قوشۇپ ، يۇمشاق سوقۇپ ، چىش تۈۋىگە باسسا ، چىش مىلىكى قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ .
4 _ رېتسىپ؛ موزىدىن ئۈچ تال ، تاباشىردىن بىر ئوچۇم ، يېرىم ئانارنىڭ پوستى قاتارلىقلارنى يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ ، چىش تۈۋىگە بېسىلىدۇ .
5 _ رېتسىپ؛ ناماز شام گۈلى ئۇرۇقىدىن ئون تال ، موزىدىن بىر تال ، كۆپۈكى دەريادىن گۈلە چوڭلۇقىدا ، قىزىلگۈلدىن بىر سىقىم ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ ، چىش تۈۋىگە باسسا ، چىش مىلىكى قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ .
6 _ رېتسپ؛ موزىدىن بىر تال ، ئاقاقىيادىن گۈلە چوڭلۇقىدا ، كۆپۈكى دەريادىن ئۆرۈك چوقلۇقىدا ئېلىپ ، چىش تۈۋىگە باسسا چىش مىلىكى قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ .
7 _ رېتسىپ؛ ئانارگۈلىدىن بىر ئوچۇم ، موزىدىن بىر تال ، فۇپەلدىن بىر چىمدىم ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ ، چىشقا باسسا چىش مىلىكى قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ .
8 _ رېتسىپ؛ كەتھىندىدىن چىلان چوڭلۇقىدا ، ناماز شام گۈلىنىڭ ئۇرۇقىدىن بەش تال ، كاۋاۋىچىندىن ئون تال ، موزىدىن ئىككى تال ئېلىپ ، يۇمشاق سوقۇپ چىشقا باسسا مەنپەئەت قىلىدۇ .
9 _ رېتسىپ؛ ئىككى چىمدىم مورمەككىنى بىر سىقىم قىزىلگۈلنىڭ بىر چىنە چىلانغان سۈيىدە ئېرىتىپ غار _ غار قىلسا بولىدۇ.
10 _ رېتسىپ؛ كاۋاۋىچىندىن بىر سىقىم ، موزىدىن ئىككى تال ، ئانار گۈلىدىن بىر ئوچۇم ئېلىپ ، ئىككى چىنە سۇدا قاينىتىپ ، غار _ غار قىلسا ، چىش مىلىكى قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ .
2014-يىلى 04-ئاينىڭ 10-كۈنى 5:22 چۈشتىن كېيىن تەخىت
تېخىمۇ ئۈنۋېرسال بولسۇن دەپ يوللاپ قويدۇم …..
2014-يىلى 04-ئاينىڭ 10-كۈنى 3:18 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
مۇئەلىمكا تىبابەت جەھەتتىمۇ كامالەتكە يەتكەن، توربىكەت جەھەتتىمۇ كامالەتكە يەتكەن ئۇستا دوختۇر جۇمۇ سىز، سىزنى كەلگۈسىدە توربىكەت شىپاخانىسى ئىچىشنى ئويلشىۋاتامسىز ياكى مىللىي شىپا خانىمۇ(چاق چاق) ماۋۇ ئوبدان ئۇسۇلكەن، نەخ پۇل يانچۇقتا ئاز تولا بولسىمۇ تىجىلىپ قالغۇدەك