تەرەت ۋە سالامەتلىك

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
تەرەتنىڭ راۋان بولۇشى قان ئايلىنىشنىڭ نۇرمال بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي يەنە ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ ، يۈرەكنىڭ بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل . قەۋزىيەت كېسەللىكلىرىدە كۆپىنچە قان بېسىم يۇقىرىلاش ئاڭ ئاساسلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، يۇقىرى قان بېسىم بولسا نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى مەنبەدۇر ....
ستاتىستىكىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈنكى دەۋر كىشىلىرىنىڭ تەرەت چىقىرىش مىقدارى 20 يىل بۇرۇنقىغا قارىغاندا %20 تۆۋەن ئىكەن. بىزنىڭ ئۈچەيلىرىمىز ئىلگىرىكى ئىنسانلار دۇچ كېلىپ باقمىغان دەرىجىدە ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىماقتا. ئۈچەي تازىلاش تەجرىبىسىدە، ئۈچەيدىكى تەرەت ھەرقېتىم تولۇق تازىلانسا بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 1-15 كلوگرام يېنىكلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.
بىرىنچى ھەقىقەت: بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنىڭ ھەزىم قىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا بولماقتا.
ئىلگىركىلەر 8~12 سائەت سەرپ قىلىپ ھەزىم قىلغان يېمەكلىكنى بىز ھازىر يېتەرلىك يېمەكلىك تالاسى ئىستېمال قىلماسلىق سەۋەبلىك تەخمىنەن 80~120 سائەتتە ھەزىم قىلىمىز. دېمەك سىز ئوبورنىدا چىڭقىلىپ ئولتۇرۇپ چىقارغان نەرسىلىرىڭىز بەلكىم سىز ئۈچ كۈن بۇرۇن يېگەن نەرسىلەر بولۇشى مۇمكىن. بۇرۇنقىلار قارا ئاشلىق، قوناق تامىقىنى جىق يەيتتى، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتنى جىق يەيتتى. بىز يەۋاتقان ئاپئاق بۇغداي ئۇنى، گۆشلەرنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن ئەڭ چوڭ پايدىسى مۇشۇ بولۇشى مۇمكىن.
ئىككىنچى ھەقىقەت: تەرىتىم ياخشى دەپ ئويلىماڭ، ھامان قۇتۇلالمايسىز.
مەيلى ئورۇق-سېمىز، ئەر-ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ھەممە ئادەمنىڭ بەدىنىدە تەرەت ساقلىنىپ قالىدىكەن. نورمال ئادەملەرنىڭ بەدىنىدە 3~6 كلوگرام، سېمىز ۋە قەۋزىيەت بولۇپ قالىدىغانلارنىڭ بەدىنىدە 7~11 كلوگرام تەرەت بولىدىكەن.
بەدەندە ساقلىنىپ قالغان تەرەت قانداق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
1. ئوزۇقلۇقلارنىڭ شۈمۈرۈلۈشىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىدۇ. ئۈچەي تىرپىلىرىنىڭ ئېلاستىكىلىقنى بۇزۇۋېتىدۇ.
2. بەدەندە تەرەت تۇرۇپ قېلىش داۋامىدا، ئېچىيدۇ ۋە گاز ئىشلەپ چىقىرىدۇ. بۇ گاز قانغا قوشۇلۇپ قان بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە كىسلاتالىق زەھەرلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ (acidosis) . ئۇندىن باشقا جىگەر، بۆرەك ۋە تېرە قاتارلىق زەھەر تازىلىغۇچى ئەزالارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىپ بالدۇر قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. بەدەندە تەرەت ساقلىنىش جەريانىدا ئىچكى ئەزالارنى بېسىپ تۇرغاچقا، نۇرغۇن ئەزالارنىڭ كاردىن چىقىرىدۇ ياكى ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىۋېتىدۇ. قورساق ۋە ئومۇرتقىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئەڭ قورقۇنچلۇقى، سېمىزلىكنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبكارى مۇشۇ تەرەتتۇر. ئەتراپىمىزدا داۋاملىق 40 ياشلار ئەتراپىدىكى ئەرلەرنىڭ دوۋسۇنى يوغان تۇرغانلىقىنى، ئورۇقلاي دەپمۇ ئورۇقلىيالمىغانلىقىنى كۆرىمىز، ئادەتتە بۇنداق ئادەملەرنىڭ ئۈچىيىدە تەخمىنەن 10 كلوگرام ئەتراپىدا تەرەت ساقلانغان بولىدۇ.
ئۇنداقتا بۇ تەرەت ساقلىنىپ قېلىش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟
1. كۈنىگە كەمىدە 10 مىڭ قەدەم مېڭىپ بېرىڭ. قەدىمىڭىزنى ساناپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئادەم تەخمىنەن بىر سائەت ئەتراپىدا يول ماڭسا 10 مىڭ قەدەم ئالىدۇ.
2. ئەتىگەن ئورنىڭىزدىن تۇرۇپلا 500 مىللىلىتىر ئىلمان سۇ ئىچىڭ. كۈنىگە 2000 مىللىتىر قايناقسۇ ئىچىپ بېرىڭ. (سوغۇق سۇ، دەملىگەن چاينى ئامال بار ئازراق ئىچىڭ. قايناقسۇ ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلاپ، تېرىنى ياخشىلايدۇ.)
3. كۈنىگە ئاز دېگەندە 5~9 خىل مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتات يەڭ. ئامال بار ھەرخىل رەڭلىكلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ يەڭ.
تۆۋەندىكى ئامالنى ھەپتىسىگە بىر قېتىم سىنىسىڭىز ھەر قېتىمدا بىر كلوگرام مەينەتتىن قۇتۇلىسىز :
جۈمە كۈنى كەچلىك تامىقىڭىز: 250 گرام قېتىق + 500 گرام تاتلىق بەرەڭگە (قاسقاندا پىشۇرۇپ پوستى بىلەن قوشۇپلا يەڭ) + ئىككى تال ئالما (باشقا تاماق يېمەيسىز)
شەنبە كەچلىك تامىقىڭىز : 250 گرام قېتىق + 500 گرام تاتلىق بەرەڭگە.
يەكشەنبە ئەتىگىنى ئۇبۇرنىغا يۈگۈرۈڭ

قوللاش شەكلى

تاۋباۋ چىقىمدانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

ئۈندېدار ھەميانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

    ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

    مۇئەللىم
  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

بىر باھا بىر كۆڭۈل !

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: