باھار يېشىل ، يېشلرەڭ سۆيگۈ ،
ياپراقلاردا كۈلەر بىر خىيال .
شىلدىر-شلدىر ئۈپۈشلەر بىلەن ،
كۆيسە يۈرەك ، ئاڭا نە ئامال ؟
سۆيسە شەبنەم سۇبھى پەيتىدە ،
يېشىللىقنى قېنىپ بىمالال .
جىمىرلىغان تەبەسسۇملاردا ،
كۆيسە يۈرەك ، ئاڭا نە ئامال ؟
گۈللەر رەڭدار ، رەڭدار كېپىنەك ،
كۆز بىقىشىپ ئۆتەر ئىھتىمال .
بۇلبۇلغىمۇ تەلپۈنۈپ جىمجىت ،
كۆيسە يۈرەك ، ئاڭا نە ئامال ؟
بۇ ئىككىلىك كود كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ! | |
ئىككىلىك كودنى نۇسخىلاش ئارقىلىق ، مەزكۇر يازمىنى تىلىفۇنىڭىزدىلا ئوقۇپ ، باھا يېزىڭ . |
لىرىكا يېزىشقا قابىلكەنسىز جۇمۇ.يۈرەككە ياقىدىغان شېئىرلىرىڭىز بىلەن تەبرىكلەيمەن سىز. مۇشۇ لىرىكىنىڭ ماۋۇ مىسرا«سۆيسە شەبنەم سۈبىھى پەيتىدە »دىكى«سۈبھى»بولماي «سۈبىھى» دەپ يېزىلىپ قالغاچقا بىر بوغۇم ئېشىپ كېتىپتۇ.ئوڭشاپ قويغايسىز مۇئەللىم.
پاھ پاھ شائىر بوپ كەتتىڭىز _ھە يېقىندىن بېرى
ۋاي يېقىندىن بېرى شائىر بۇلۇپ كەتتىڭىزغۇ مۇئەللىم
ئوت كەتتى!ئوت كەتتى!نەگە دەمسىز؟يۈرەككە ئوت كەتتى!يۈرەككە!
ھەقىقەتەن ياخشى شىئىركەن….ياخشى شىئىرنى ماختىماي نىمە ئامال؟