مۇئەللىم بىلوگنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ، مۇستەقىل ھالدا ، پەخىرلىك ۋوردپىرس سۇپىسىدا روياپقا چىققىنىغىمۇ بۈگۈن 100كۈن بولدى ، زىيارەت سانىمۇ مۇناسىپ ھالدا كۈندىن-كۈنگە ئۆرلەش ھالىتىنى ساقلاپ ، 3000دىن ئاشتى .
مۇئەللىم بىلوگى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، كونا-يىڭى بىلوگ ئاتامانلىرىنىڭ ياردىمىدە ، سەمىمىي قوللاپ-قۇۋەتلىشى نەتىجىسىدە مەقسىتى بولماسلىقتىن مەقسىتى بولۇشقا ، ئۆگەنگۈچىدىن بارا-بارا ئۆگەتكۈچى بولۇشقا قاراپ يۈزلىنىپ ، ھازىرقى كۈنگە ئۈلاشتى .
مەن بىر مۇئەللىم ، ئوقۇتقۇچىلىققا بولغان ئوتتەك ئىشياقىم تۈپەيلى ، "مۇئەللىم"نامدىكى بىلوگ ئىچشنى نىيەت قىلدىم ، ھەمدە دوستلارنىڭ ياردىمىدە بىلوگنىمۇ قۇردۇم .
بىلوگ قۇرۇش -قۇرۇشتىن ئىلگىرى ئاساندەك بىلنگىنى بىلەن ، قۇرۇش بىلەنلا گاڭگىراپلا قالدىم ،. خۇددى يىڭى بىلوگگىرلار دائىم سورايدىغان :"تىزىملىكنى قەيەردىن چىقرىمەن ، كاتىگورىيەنى قانداق قوشىمىز ؟"دېگەندەك سۇئاللار بىلەن ئاتامانلارنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىنى ئالاتتىم ، بارا-بارا ئىزدىنىش ، قىتىرقىنىش نەتىجىسىدە ، بۈگۈنگە كەلگەندە ، ئاددى بولغان بىلوگ ئۇسلۇبلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ-تارقىتىشنىڭ دەسلەپكى ساۋاتلىرىغا ئىگە بولدۇم . باشقىلارنىڭ بىلوگ ھەققىدىكى بايانلىرىنى كۆپلەپ كۆرۈش ، يىڭىلىقلارنى سىناش ، بۇزۇپ قويۇشتىن قورقماسلىق (چۈنكى ئۇيغۇربەگ ، رىنات ، پىرىستان ، بىلىكيارلاردەك ئاتامانلار بار ئەمەسمۇ ، بۇزۇپ قويسام ، ئۇششۇقلۇق قىلىپ بولسىمۇ ئوڭشاتتىم .)نەتىجىسدە بىلوگنى ئۆز خاسلىقىغا ئىگە قىلىشقا تىرشتىم ۋە تىرىشىۋاتىمەن . چۈنكى مۇئەللىم-ئۆگەتكۈچى دېمەكتۇر .
ۋاھالەنكى ، مۇشۇ 100كۈن جەريانىدا ئىرىشكەنلىرىم ناھايتى نۇرغۇن . قىسقىسى ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق بىلوگ مەستانىسى بولۇپ قالدىم ، بىلوگلارنى بىر ئاچتىممۇ ، بولدى ، باشقا ئىشلارغا ئاساسەن رايىم بارمايدىغان بولۇپمۇ قالدىم . ھازىر بولسا ، پىشقان بىر بىلوگگىرگە ئايلىنىش ، شۇنداقلا "مۇئەللىم بىلوگى"نى نامىغا لايىق بىر بىلوگقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىش يولىدا كېتىپ بارىمەن .
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەم ، ئەسلى قۇتلۇق كۈنلەردە ، ئەسلى باشقىلار تىلەك تىلەپ ، سوۋغا تەقدىم قىلىدىغان . قارىسام ھىچبىرسى ، "بىلوگىڭىزنىڭ 100كۈنلىكىگە مۇبارەك بولسۇن !" دەپمۇ قويمىدى ، بەلكىم ، بىر يىللىقى ياكى باشقا خاتىرە كۈنلەرنى كۈتۈپ ئولتۇرامدىكىن ؟
ئۆزۈم بولساممۇ بىلوگىمنى قۇتلۇقلاپ قويۇش مەقسىتدە بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇردۇم :
"مۇبارەك بولسۇن بىلوگىم ، سېنىڭ 100كۈنگە توشقان بۈگۈنۈڭگە !!! ، ياراتقان ئىگەم ئىزىز تېنىمنى ئامانلا قىلىدىكەن ، سېنىڭ يىل-يىللاپ مەۋجۇتلۇقىڭنى ساقلىشىڭغا ھەمدەمدە بولىمەن !"
ھەم مۇشۇ قۇتلۇق كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن ، سورۇنغا قۇرۇق كەلمدىم ، دوستىلارغا ئامباردا ساقلاپ قويغان ئۇسلۇپتىن بىرنى سوۋغا قىلماقچىمەن ، دوستلار ياقتۇرارمىكىن ؟!.....
ئۇسلۇب نامى: IPC
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:مۇئەللىم
سىناق قىلىنغان ۋاقتى:2012-06-05
سىناق قىلىنغان تور كۆرگۈچ: IE8 ،IE9،Chrome
سىناق قىلىنغان سېستىما نەشىرى: WordPress 3.1.1
ئۇسلۇب ئالاھىدىكلىرى:
* ئاق رەڭلەر ئاساسلىق رەڭ قىلىپ ئىشلىتىلگەن؛
* باش تىزىملىك ۋە باش سۆرەت(gravatar) قوللايدۇ؛
* ئاساسلىق تور كۆرگۈچلەرنى قوللايدۇ؛
* ئۇسلۇب تەڭشەكلىرى بار؛ ۋىجىت قوللايدۇ .
* ئاساسلىق قىستۇرمىلارنى قوللايدۇ؛
* ئۇسلۇب Alpida unicode system خەت نۇسقىسىدا تەڭشەلگەن؛
كۆرگەزمە ۋە كۆرۈش ئادرىسى:بۇ يەردىن كۆرۈڭ
چۈشۈرۈش:بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
2013-يىلى 05-ئاينىڭ 08-كۈنى 1:24 چۈشتىن كېيىن تەخىت
ئەسەر يوللاش بېتىنى بۇرۇن تور خۇماردا كۆرگەنتىم،ھازىر سىزمۇ چىقىرىۋاپسىز،شەكلىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدىكەن،مۇشۇنداق ئىخچام چىقىرىش ئۈچۈن قايسى قىستۇرمىنى ئىشلىتىدۇ؟ياكى قىستۇرما ئىشلەتمەي ئايرىم بەت يازدىڭىزمۇ؟
جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن
2013-يىلى 05-ئاينىڭ 09-كۈنى 12:47 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@پۇرسەت بۇ قىستۇرما ئەمەس ، ئايرىم بەت ……
2013-يىلى 05-ئاينىڭ 08-كۈنى 1:23 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
بۇ ئۇسلۇبنىڭ ياندىكى «گۈزەل ئىنكاسلار»دېگەن جايدىكى ئىنكاسلار بىر قۇرغا تولۇپ چىقمايدىكەنغۇ؟خەت سانى چەكلىمىسى بارمۇ قانداق؟
2013-يىلى 05-ئاينىڭ 09-كۈنى 12:48 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@پۇرسەت ئۇنى تامامەن تەڭشىگىلى بولىدۇ ، ئەسلى ئۇسلۇبتا شۇنداق ئوخشايدۇ ، بۇنىڭغا تازا دىققەتمۇ قىلمىغان ئوخشايمەن ….
2012-يىلى 06-ئاينىڭ 26-كۈنى 4:17 چۈشتىن كېيىن پەگاھ
ئۇسلۇپ ۋەسلىدە ئوبدانراق ئۇسلۇپ تاپالماي بەك سەرگەردان بولۇپ كەتكەنتىم . مۇشۇ ئۇسلۇپنى سىناپ باقاي .
مۇئەللىمگە رەھمەت .
2012-يىلى 06-ئاينىڭ 19-كۈنى 2:16 چۈشتىن كېيىن 4-قەۋەت
مۇبارەك بولسۇن ، بۇخەۋەنى كىچىكىپ كۈرۈپتىمەن دىسە بولمىسا سوغا ئالغاچ كىلەكەنمەن. بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن
2012-يىلى 06-ئاينىڭ 11-كۈنى 3:32 چۈشتىن بۇرۇن 5-قەۋەت
مۇبارەك بولسۇن، بلوگىڭىز تىخىمۇ گۈللەپ ياشنىسۇن، تىنىڭىز سالامەت بولسۇن مۇئەللىم، ئۇسلۇبىڭىزغا رەھمەت….مەنمۇ بىر نۇسخا چۈشۈرۋالاي….
2012-يىلى 06-ئاينىڭ 08-كۈنى 3:46 چۈشتىن كېيىن 6-قەۋەت
بلوگىڭىز يېڭى قۇرۇلغىنىغا قارىماي سىزدەك تىرىشچان مالىملارنىڭ ئىزدىنىشى ئاساسىدا نۇرغۇن ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ، ھەتتا ئۇسلۇب تارقىتىپ كېلىۋاتىسىز. يامان جۇمۇ سىز!
مۇئەللىم بلوگىنىڭ كۈنسىرى قۇدرەت تېپىشىغا تىلەكداشمەن!
2012-يىلى 06-ئاينىڭ 08-كۈنى 2:04 چۈشتىن كېيىن 7-قەۋەت
بۇ ئۇسلۇبىنىڭ ئىنكاس قىسمىدا يوللاش كۇنۇپكىسىنى باسسا يوللانماي بىرەر ئىككى ئىغىز ئىنكاس يىزىڭ دەپ ئۆشىرىپ تۇرۋالىدىكەن ئىشلەتكىنىم گۇگلىل چورىم تور كۆرگۇ
2012-يىلى 06-ئاينىڭ 09-كۈنى 12:41 چۈشتىن كېيىن 1-قاتار
@قەقنۇس كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! مەن سىنىسامغۇ ئۇنداق ئەمەس ، باشىقلار سىناپ باقمىسۇنمۇ؟ئۇندىن كېيىن ھەل قىلارمىز بۇ مەسلىلەرنى…..
2012-يىلى 06-ئاينىڭ 08-كۈنى 2:00 چۈشتىن كېيىن 8-قەۋەت
تۇزۇت قىلمىدىم ئەمسە كۆپ رەھمەت ھە
2012-يىلى 06-ئاينىڭ 08-كۈنى 12:34 چۈشتىن كېيىن 9-قەۋەت
مۇبارەك بولسۇن! ‹‹ گەرچە ئازىراق كىچىكىپ مۇبارەكلىگەن بولساممۇ››.
ما ئۇسلۇبنى ئاخىرى ھەقسىز تارقىتىپسىزدە.مەن چۇشۇرۋالدىم،رەھمەت!
2012-يىلى 06-ئاينىڭ 07-كۈنى 3:15 چۈشتىن كېيىن 10-قەۋەت
مۇبارەك بولسۇن . ئۆزلىرىنىڭ ياردەملىرىدە مەندەك ھىچنىمىنى بىلمەيدىغان قارا قورساق مۇ بىلوگنىڭ نىمىلىكىنى بىلدىم ، خۇدا خالىسا مەن مۇ ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلىپ باقايمىكىن دەيمەن ،
راس دىۋان …ھى ھى ھى
2012-يىلى 06-ئاينىڭ 09-كۈنى 4:12 چۈشتىن بۇرۇن 1-قاتار
@ئالىمجان قارىسام ھىچكىم يوقتى ، بىگىم چىقىۋاپتۇ دە ئەسلى
2012-يىلى 06-ئاينىڭ 12-كۈنى 7:26 چۈشتىن بۇرۇن 2-قاتار
@ئالىمجان دىۋان ئاشمايدۇ سىزگە!
2012-يىلى 06-ئاينىڭ 12-كۈنى 4:37 چۈشتىن كېيىن 3-قاتار
@ئۇيغۇربەگ ھى ھى ھى قانداق قىلامىز ئەمدى چىقىۋاپلا ئەمەسمۇ