WordPress تىن پايدىلنىپ تور بەت قۇرۇپ بەرسەڭلار (ھەقلىق)

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تور دۇنياسىدىكى ئاكا ھەدە ،ئىنى سىڭىللار ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيىرلىك بولسۇن ، ھەممىڭلارنىڭ تىنىڭلارنىڭ سالامەت،ئائىلەڭلارنىڭ خاتىرجەم ،قىلىۋاتقان ئىشڭلارنىڭ بەركەتلىك بۇلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ،
مەن بۇ تور دۇنياسى بىلەن ئۇچراشقىلى 15 يىلدىن ئېشىپ قاپتۇ ، شۇ جەرياندا تور بەت قۇرۇشقا قىزىقىپ بىرقانچە تور بەتنى باشقىلارنىڭ ياردىمىدە قۇرۇپ چىققانمۇ بولدۇم،ئاخىرى يەنىلە توردىن ۋازكەچتىم ،بۇنىڭدىكى ئاساسى سەۋەپ تور سېستىما بىلىمىمنىڭ بولمىغانلىقى ،سېستىما يېڭىلاش ياكى كۈرۈلگەن مەسىلىنى ئوشاش دىگەندەك مەسىللەردە داۋاملىق باشقىلارغا تاينىيدىغان بولغاچقا ،ئۇستازلارنىڭ ۋاقىت چىقىشىنى كۈتمەكتىن باشقا ئامال بولمىدى ،مەسىلە ھەل بولماي ئارقىغا سۈرۈلۈپ ياكى تور بەت ئىتىلىپ قېلىپ دىگەندەك سەۋەپ بولدى .
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەم يېقىندىن بىرسى مەلۇم ئېھتىياج تۈپەيلىدىن يەنە بىر بەت قۇرۇش ئھتىياجى تۇغۇلۇپ قېلىپ بىر ئىككى ئادەمنى ئىزدىگەنمۇ بولدۇم ،دىگەن ھەقنى بىرىپ مەن دىگەندەك تەكشەپ بىرىشنى ئۈمۈت قىلىپ ئىسىم ،بوشلۇق ماتىريالىنى تەمىللەپ بەردىم ،تور بەت ئىشلىنىپ يېرىم بولغاندا ،تور بەت ئىشلەۋاتقان ئۇستاز ئاخىرنى چىقارماي يوقاپ كەتتى ،مانا 4 ئاي بولدى تور بەت پۈتمىدى ، سوز قالدۇرسام جاۋاپ بەرمەيدىغانلا بولدى ، تېلفۇن قىلاي دىسەم قاتتىق گەپ قىلىپ سېلىپ باشقىلارنىڭ كوڭلىگە ئازار بىرىپ قويامەنمۇ دەپ ئويلاپ بۈگۈنگىچە كۈتۈپ تۇردۇم ،بۇنداق كۈتۈۋەرسەم ۋاقىت ئۈتۈۋەردى ،شۇڭا مۇئەلىم بىلوگىدىكى ئۇستازلاردىن ياردەم ئىزدەم بۇ سۇرۇنغا كىردىم . ئۇستازلاردىن سورايدىغان ياردىمىم ،ماڭا مۇشۇ WordPress تىن پايدىلنىپ مۇكەممەل بىر تور بەت قۇرۇپ بەرسەڭلار (ھەقلىق)، ئەگەر خالايدىغانلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىلىشىپ ئۇسلۇپ توغۇرسىدا بىرلىككە كەلگەندىن كىيىن ئىش باشلىساق بولىدۇ ، مەندە ھازىر ئالەيۈن بوشلۇقى(云服务器 )بار( بۇ بوشلۇققا قارتا ئوزىمىز تەڭشەش ئېلىپ باردىكەنمىز ،بۇنى ئىشلىتىپ باققانلار بىلىدىغۇ دەيمەن) ،icp دىن ئوتكەن ئىسىم بار .
ئۇستازلاردىن كۈتۈدىغان تەلەپ ،راسچىل سەمىمى بولسا ، قىلغان ئىشنى پاكىز ئاخىرى چىقارسا،يېرىم يولدا ھەرخىل بانا سەۋەپ كورسەتمىسە ،تېخنىكا جەھەتتە ئوزىگە ئىشەنچ قىلالىسا بولدى
ئەگەر ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلار بولسا چ چ ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ .مىنىڭ چ چ نومۇرۇم 785596372

ھەممىڭلارغا خاتىرجەملىك ،خوشال خوراملىق،ئىشلىرىڭلارغا بەتكەت تىلەيمەن

تارىختىكى بۈگۈندە:

قوللاش شەكلى

تاۋباۋ چىقىمدانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

ئۈندېدار ھەميانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

بىر باھا بىر كۆڭۈل !

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: