ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
ۋوردپرس سىستېمىسى ئۇسلۇب ۋە قىستۇرمىلىرىنىڭ مۇللۇقى ، يىڭىلىنىشچانلىقى ، بارغانسىز قولايلىشىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك ، دۇنيادىكى ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن بىكەت سىستېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە ، ھەمدە ئىشلىتىدىغان ئادەم سانىمۇ بارغانسىرى كۆپەيمەكتە .
ئەمما ، ۋوردپرستە قۇرۇلغان بىلوگلارنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنىڭ كۈنسىرى ئاستىلاپ كېتىشىدىكى بىر سەۋەپ ، تور بىكەتنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە ئىقتىدارلاشتۇرۇش يۈزىسىدىن قاچىلانغان قىستۇرمىلارنىڭ كوپ بولۇشىدۇر . قىستۇرمىنى كۆپ قاچىلاش دەرۋەقە بىلوگنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ قويىدۇ ....
شۇڭا ، ئۇنۋىرساللىققا ئىگە بولغان كودلارنى ئىشلىتىپ ، قىستۇرمىنى ئازلىتىپ ، بىلوگنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ ، بۇ يازما تەييارلاندى .
ئاساسى مەزمۇن
يىڭىدىن بىلوگ قۇرغانلار مەندىن :
-بىلوگىمنى ئىزدەش تورىدىن ئىزدىسەم ، تاپالمىدى ...
-گوگىلى تورىدا نېمىشقا مىنىڭ بىلوگىمنىڭ يازمىلىرى چىقمايدۇ ؟
-ئىزدەش تور بىكەتلىرىدە قانداق قىلسام مېنىڭ بىلوگ يازملىرىم تور ئۆمۈچۈكلىرى تەرىپىدىن يىغىۋىلىنىدۇ ؟
مۇشۇنداق سۇئاللارنىمۇ سورايدىغان بولدى .
بۇ مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ يەنىلا ئىككى تۈرلۈك ئۇسۇلى بار ، بىرى قىستۇرما ئارقىلىق ھەل قىلىش ، يەنە بىرى ھەر قايسى بىلوگلارغا ماس كېلىدىغان ، ئۇنۋىرسال ئىشلىتىدىلىغان كودلار ئارقىلىق ھەل قىلىش .
بۇ يازمىنىڭ تېمىسىمۇ ، «قىستۇرمىدىن يىراق تۇرۇش»بولغاچقا ، كود ئارقىلىق ھەل قىلىش ئاساس قىلىپ سۆزلەندى .
بىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئىزدەش ماتۇرى ۋە ئۆمۈچۈكلىرى تەرىپىدىن يىغىۋىلىنىشىنى تىزىلىتىش ئۈچۈن ، تۆۋەندىكى كودنى فونكىسىيە ھۆججىتى ئىچىدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا قويسىڭىزلا كۇپايە ، يەنى ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :
كود قىسمى
- //بىلوگ يازمىلىرىنى ئىزدەش ماتۇرلىرىدا كۆرسىتىش
- function get_naps_bot(){
- $useragent = strtolower($_SERVER['HTTP_USER_AGENT']);
- if (strpos($useragent, 'googlebot') !== false){
- return 'Googlebot';
- }
- if (strpos($useragent, 'msnbot') !== false){
- return 'MSNbot';
- }
- if (strpos($useragent, 'slurp') !== false){
- return 'Yahoobot';
- }
- if (strpos($useragent, 'baiduspider') !== false){
- return 'Baiduspider';
- }
- if (strpos($useragent, 'sohu-search') !== false){
- return 'Sohubot';
- }
- if (strpos($useragent, 'lycos') !== false){
- return 'Lycos';
- }
- if (strpos($useragent, 'robozilla') !== false){
- return 'Robozilla';
- }
- return false;
- }
- function nowtime(){
- date_default_timezone_set('Asia/Shanghai');
- $date=date("Y-m-d.G:i:s");
- return $date;
- }
- $searchbot = get_naps_bot();
- if ($searchbot) {
- $tlc_thispage = addslashes($_SERVER['HTTP_USER_AGENT']);
- $url=$_SERVER['HTTP_REFERER'];
- $file="robotslogs.txt";
- $time=nowtime();
- $data=fopen($file,"a");
- $PR="$_SERVER[REQUEST_URI]";
- fwrite($data,"Time:$time robot:$searchbot URL:$tlc_thispage\n page:$PR\r\n");
- fclose($data);
- }
قوشۇمچە
يۇقارقى كودنى ئىشلەتكەندىن كېيىن ، ئەڭ ياخشىسى ، بىلوگ باش مۇندەرىجىسىگە robotslogs.txt تېمسىدا بىر ھۆججەت قۇرۇپ قويۇپ (لىنۇكىس بوشلۇقلىرى ھۆججەت خاسلىقىنى 777قىلىپ بەلگىلەپ قويۇشى كىرەك ) ، بىر مەزگىلدىن كېيىن ، http://تور بەت ئادرىسى/robotslogs.txt مۇشۇ شەكىلدە زىيارەت قىلىپ باقسا ، بىلوگىنىڭ ئىزدەش ماتورلىرى ۋە ئومۈچۈكلەر تەرىپىدىن سۈمۈرۋىلىنىش خاتىرىسىنى كۆرەلەيدۇ .
خالىغان بىر شەكىلدە بېكىتىمىزنى قوللىيالايسىز