-
ھېساپ ئۆگىتىش - [ئەدەبىي ئەسەرلەر]
2010-12-22
ھېساپ ئۆگىتىش
فىليەتونئابلىز ئىبراھىم دۇلان
-ئاتا،مۇئەللىم بىزگە ئون ئىچىدىكى سانلارنى قۇشۇش-ئىلىشنى ئۆگىنىپ كىلىڭلار دەپ تاپشۇرۇق بەردى ،ماڭا ئۆگىتىپ قويىڭە.
-بولىدۇ ئوغلۇم، ئۇنداقتا مەن ساڭا ئەتراپىمىزدىكى ئەمەلىي ئىشلاردىن مىسال ئېلىپ تۇرۇپ ئۆگىتەي،ئاۋال بىز ئون ئىچىدىكى سانلارنى قوشۇشتىن باشلايلى.ئىسىڭدە بارمىكىن،مەھەللىمىزدىكى كۆلنىڭ بويىدا ئون تۈپ قاپاق تېرەك بار ئىدى؟
-دائىم بالىلار بىلەن شۇ كۆلنىڭ بويىدا ئوينايدىغان تۇرساق،نىمىشقا ئىسىمدە بولمىغىدەك،بىراق ھازىر بۇ تېرەكلەر يۇققۇ ئاتا؟
-شۇنداق،بۇ ئەسلىدە كوللىكتىپنىڭ تېرەكلېرى ئىدى،بىراق باشقىلار ئۇنى كىسىپ ئىشلىتىۋالدى.ئەمدى بىز ھېساپ ئۆگىنىشنى ئاشۇ تېرەكلەردىن باشلايلى.ئەسلىدە ئون تۈپ تېرەك بار ئىدى،قىنى بىز مۇشۇنىڭ ھېسابىنى قىلىپ كۆرەيلى.مەھەللە باشلىقى كىسىۋالغان بىر تۈپ تېرەككە كەنىت باشلىقى كىسېۋالغان ئىككى تۈپنى قوشساق نەچچە تۈپ بولىدۇ،ئوغلۇم؟
-ئۈچ تۈپ.
-ياخشى،توغرا جاۋاپ بەردىڭ.شۇ ئۈچ تۈپ تېرەككە كەنىت بوغالتىرى كېسىۋالغان ئۈچ تۈپنى قوشساقچۇ؟
-ئالتە تۈپ بولىدۇ ئاتا.
-خوش،ئەمدى شۇ ئالتە تۈپ تېرەككە كەنىت سېكىرتارى كېسىۋالغان تۆت تۈپنى قوشساق جەمئىي قانچە بولىدۇ؟
ئون تۈپ.
-ئۆگىنۋالدۇڭمۇ ئوغلۇم؟
-شۇنداق،ئۆگىنۋالدىم،ئەمدى ماڭا ئون ئىچىدىكى سانلارنى ئېلىشنى ئۆگىتىپ قويىڭە.
-بولىدۇ،گېپىمگە قولاق سال،قوشنۇمىز مەمىتكامنىڭ ئۆيىدە تېلۋىزۇر بارمۇ -يوق؟
-يوق.
-مەن ساڭا ھېساپنى مۇشۇنىڭدىن باشلاپ ئۆگىتەي.كەنتىمىشگە نامرات دېھقان ئائىلىرى ئۆچۇن يۇقۇردىن ئىئانە قىلىنغان رەڭلىك تېلۋىزۇرلاردىن ئون دانىسى تەقسىم بولدى.قېنى بىز بۇ تېلۋىزۇرلارنى ئادىل،ئاشكارا تەقسىملەپ كۆرەيلى.شۇ ئون دانە تېلۋىزۇرنىڭ يېزا باشلىقىنىڭ شىرەم توققانلېرىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتكەن تۆت دانىسىنى قايتۇرۋىلىپ بۇنى بىرىنچى مەھەللىدىكى تۆت نامرات دېھقانغا تەقسىملەپ بەرسەك،تېلۋىزىردىن نەچچىسى قالىدۇ؟
-ئالتىسى.
-خوش،ئەمدى شۇ ئالتە دانە تېلۋىزۇرنىڭ كەنىت سېكىرتارىنىڭ تۇققانلېرىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتكەن ئۈچ دانىسىنى قايتورۇپ ئەپچىقىپ كەنتىمىزنىڭ ئىككىنچى مەئەللىسىدىكى ئۈچ نامرات دېھقانغا بەرسەك نەچچىسى قالىدۇ؟
-ئۈچى.
قالغان ئۈچ تېلۋۇزىرنىڭ كەنىت باشلىقىنىڭ تۇققانلېرىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتكەن ئىكى دانىسىنى ياندۇرۋىلىپ ئۈچىنچى مەھەللىدىكى ئىككى دېھقانغا بەرسەكچۇ؟
-تېلۋىزۇردىن پەقەتلا بىرىلا قالىدۇ،ئاتا.
-ئەمدى كەنىت بوغالتىرىنىڭ ئىنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتكەن بىر دانە تېلۋىزۇرنى قايتۇرۋىلىپ قۇشنىمىز مەمىتىكامغا بەرسەكلا ئىش پۈتىدۇ ،ئوغلۇم.
-ئەمما،مەمىتىكامغا نېمىشقا تېلۋىزۇر بەرمەيدۇ،ئاتا؟
-ھېساپ بىلمىگەنلىگى ئۈچۇن،شۇڭا سەنمۇ ھېساپنى ياخشى ئۆگەن.مەنبە:شىنجاڭ مائارىپ ژورنىلى
2010-يىل12-ئاينىڭ 21-كۇنى
收藏到:Del.icio.us