-
كومپىيوتېردا مۇزىكا ئىشلەش تىخنىكىسى : ماتېماتىكا ۋە مۇزىكا - [يېڭى ئارىلىق پەنلەر]
2010-09-25
20-ئەسىرنىڭ 40-يىلىرىنىڭ باشلىرىدا ، ئامىرىكا تەۋەلىكىدىكى ئوكرائىنلىق كومپىزىتور شىللىنگېر ( 1895-1948) مۇزىكا نەزەرىيىسىدە بىر يۇرۇش يېڭى ئىجادىيەت پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە ، شەكىل باغلاپ تەسەۋۇر قىلىش يوشۇرۇن قابىلىيەتكە ئىگە، ئۇنىڭدىن ئىستېتېك سەزگۈ بەرپا قىلغىلى بولىدۇ . ھەر قانداق سەنئەتتىن ئۇنىڭ فىزىكىلىق مەۋجۇدىيەت شەكلىنى ئايرىپ چىققىلى بولىدۇ، شەكىلنى سان بىلەن ئۆلچىەىلى بولىدۇ . بۇ نوقتىئى نەزەر بويىنچە ، مۇزىكا شەكلى ماتېماتىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، ئۇنىڭدىن ماتېماتىكىلىق قانۇنىيەتنى كەلتۇرۇپ چىقارغاندىن كېيىن ، ئىقادىيەتنى ساپ ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن تاماملاش مومكىن. ينەنى، ھەر خىل ماتېماتىكىلىق بەلەە ، تەڭلىمە ، ياكى گىرافا ، جەدىۋەللەر بىلەن ئىجاد قىلغىلى ، ئاۋاز ئېگىزلىكى ، ۋاقتى، سالمىقى ، تېزلىكى ، تېمبىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش سېستىمىسىغا كىرگۈزگىلى بولىدۇ. شىللىنگېرنىڭ قارىشىچە، مۇزىكا ئىشلەشتە مۇزىكىنىڭ ھەر قانداق ئامىلىنى چىقىش قىلىپ ، ئاۋۋال مەلۇم بىر ئامىلنىڭ لايىھەسىنى مۇئايەنلەشتۇرۇپ ( بۇ ئاساسىي تەركىب دېيىلىدۇ) ، ئاندىنكېيىن باشقا ئامىللارنى ( بۇ ئىككىلەمچى تەركىب دېيىلىدۇ ) بىرلەشتۇرۇپ ، ئاساسىي تېمىغا ئايلاندۇرۇشقا بولىدۇ. مۇنداق مۇزىكا سېستىمىسى ئومومىي تەرتىپلىك مۇزىكا ياكى تەرتىپلىك مۇزىكا ، ياكى ئۇدۇللا قىلىپ ماتېماتىكىلىق مۇزىكا ئىشلەش سېستىمىسى - دەپ ئاتىلىدۇ. 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، بۇ ئىقىمدىكى مۇزىكا غەرپ مۇزىكا دۇنياسىدا تارقىلىشقا باشلىدى، ۋەكىللىك كومپىزوتىرلاردىن فرانسىيىلىك بروتىس، مىسسىئان، گىرمانىيىلىك سىتوكخاۋىسن ، ئىتالىيىلىك نونو قاترلىقلار بار. غەرپنى بىر مەزگىل زىلزىلىگە سالغان بۇ مۇزىكا سېستىمىسى گەرچە تېزلا ئۇنتۇلغان بولسىمۇ ، لېكىن ، كومپىيوتېر تېخنىكىسى تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن ، ئۇ يېڭىدىن گۇللەنگەن كومپىيوتېر مۇزىكىسىغا يەنە روشەن تەسىر كۆرسەتتى.
ئېلىكتېرون تېخنىكىسىنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا بارلىققا كەلدى. ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا ئېلېكتىرونلۇق تەۋرەتكۇچ تەمىنلىگەن بىر قاتار ئاساسىي دولقۇن تىزمىسىنى قايتا سۇزۇش ، چوڭايتىش، تەڭشەش قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن بىرىكتۇرۇشتىن ھاسىل بولىدۇ. ئۇ كونكېرىت چالغۇلارنىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. دولقۇن تەڭلىمىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، شۇڭا ئاۋاز دائىرىسى زور دەرىجىدە كىڭىيىدۇ؛ ئەمما ھەر قانچە مۇرەككەپ ئېلېكتىرونلۇق چالغۇ بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ئاۋاز بېرىكتۇرۇش مومكىنچىلىكى يەنىلا چەكلىك بولىدۇ. بۇ ئەھۋال مۇنداق ئېلېكتىرونلۇق چالغۇ ياسىغاندا ئۇنىڭغا چەكلىمە بولۇپ قالىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ماتېماتىكلار ۋە مۇزىكانىتلار قانائەت ھېس قىلمىدى، بەلكى كومپىيوتېر تىخنىكىسىنىڭ تەرققىياتى ئۇلارغا ئۇمۇد ئىلىپ كەلدى. كومپىيوتېر ياردىمىدە ھاسىل بولغان ئاۋاز ۋە چالغۇ قۇرۇلمىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ، ھەم ئالدىن بېكىتىلگەن ئېلېكتىرونلۇق تەۋرەتكۇچنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. كىشىلەر كومپىيوتېر ياردىمىدە ئۆزى ئۇمۇد قىلغان ھەر قانداق ئېگىزلىك ۋە تىمبېردىكى ئاۋازغا ئېرىشەلەيدۇ. شۇنۇڭ بىلەن كومپىيوتېرلىق ئاۋاز تىخنىكىسى دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى كىرەكلىك ئاۋاز دولقۇنىنى سانلىق بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ماتېماتىكىلىق تەسۋىرلەپ ، ئاندىن ئۇنى ئاۋاز دولقۇنىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. كومپىيوتېرلىق ئاۋاز ئاساسىدا يەنە ، كومپىيوتېردا مۇزىكا ئىشلەش بارلىققا كەلدى. ئۇنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى مۇزىكىنى نوتىنىڭ مەلۇم بىر خىل بىرىكتۇرلىشى ۋە ئالماشتۇرلىشى دەپ قاراپ ، ئاۋال چەكلىمە شەىتلەر ( نەزەرىيىۋىي قائىدىلەر، مۇزىكىغا قويۇلدىغان تەلەپلەرنىڭ بەلگىلىرى) نى كومپىيوتېرغا كىرگۇزۇپ ، ئاندىن ئۇنى مۇشۇ بويىچە مۇزىكىلىق بىرىكتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. كونكىرېت ئىيىتقاندا ، كومپىزىتور ئالدى بىلەن بەلگىلەنگەن تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئاندىن كېرەكلىك ئاۋاز ئېگىزلىكى ۋە رېتىمى قاتارلىقلاردىن بىر پروگرامما تۇزىدۇ، ئاندىن كومپىيوتېردا مۇشۇ بويىچە مۇزىكىلىق بىرىكتۇرۇش ئىلىپ بېرىپ ، بۇ بىرىكتۇرۇش نەتىجىسىنى كومپىيوتېر پروگراممىسى كارتىسىنىڭ ياردىمىدە ئېلېكتىر سىگنالىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئاخىرىدا، ئېلېكتىر سىگنالىنى ماگنېتلىق لېنتىغا ىاتىرلەپ ، ئۇنى چىقىرىش ئۇسكىنىلىرى ۋە ئاۋاز ئۇسكىنىلىرى بىلەن قويۇپ بېرىدۇ....داۋامى يىزىلىۋاتىدۇ.......
收藏到:Del.icio.us