-
ماتېماتىك ياكوب بېرنوللى - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-06-27
ياكوب بېرنوللى
ياكوب بېرنوللى [Jacob Bernoulli 雅各.伯努利 1654-1705]
شۋېتسارىيە ماتېماتىكى. بېرنوللىلار ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى، (تأإةندصكص رامكىدىكى ياكوب Ⅰ). ۋارىئاتسىيىنىڭ ئىجاتچىلىرىدىن بىرى. لېيبنىز بىلەن بىرلىكتە دىففېرېنسىئال- ئىنتېگرالدا نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ دىففېرېنسىئال تەڭلىمىلەرنىڭ ئىنتېگرالى مەسىلىسىدە تۆھپىسى بار. ياكوب بېرنوللى 1694-يىلى تۇنجى بولۇپ تىك بۇلۇڭلۇق كوئوردىنات بىلەن قۇتۇپ كوردىناتلاردىكى ئەگرىلىك رادىئۇسىنىڭ فورمۇلىسىنى بەرگەن، بۇ قۇتۇپ كوردىناتنىڭ قوللىنىلىشىنىڭ باشلىنىشى بولغان. ئۇ يەنە كاتېنارى (سىزىقى) مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، لېمنىسكاتا ئۈستىدە چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلغان، لوگارىفمىلىق سپىرال ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى ھەر خىل ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ لوگارىفمىلىق سپىرال بولمايدىغانلىقىنى بايقىغان. ياكوب بېرنوللى ئېھتىماللىق نەزەرىيىسىنى ئەڭ بۇرۇن تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ «قىياس مىتودى» دېگەن ئەسىرى ئېھتىماللىق نەزەرىيىسىدىكى «بېرنوللى تېئورېمىسى» ــــــ «چوڭ سانلار قانۇنى» نىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇ يەنە مۇسىبەت پۈتۈن سانلار شارائىتىدا نيۇتۇن ئىككى ئەزالىقلار تېئورېمىسىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇش- گۇرۇپپىلاش نەزەرىيىلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلىغان.مەنبە:تارىم بلوگى
http://tarim68.blogbus.com/logs/27755704.htmlhttp://uyqamus.com/index.php?doc-view-310
历史上的今天:
مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر پارچە رەسىم 2010-06-27يۈرەكنىڭ ماتېماتىكىلىق تەڭلىمىسى 2010-06-27ماتېماتىك رىمان 2010-06-271=2 نىڭ ماتېماتىكىلىق ئىسپاتى 2010-06-27بەش مىنۇت ئىچىدە كۇلمەي قالمايسىز 2010-06-27
收藏到:Del.icio.us