-
ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىنى يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇش لازىم - [ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى]
2009-03-21
يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئوقۇتۇش ۋاسىتىسىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشقا، خاسلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، يۇقىرى ساپالىق ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈشكە ئۇل سالدى. ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىنى يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن:
1. ئوقۇتقۇچىلار ‹‹ماتېماتىكا دەرس ئۆلچىمى››نى پىششىق ئىگىلەپ، ئۆلچەم بىلەن دەرسلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى لازىم. ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشتا دەرسلىك ئىنتايىن مۇقەددەس بولۇپ، دەرسلىكتە نېمە بولسا، ئوقۇغۇچىلارغا شۇ مەزمۇننى يەتكۈزۈش تەلەپ قىلىناتتى. يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدا ‹‹دەرس ئۆلچىمى›› پەقەت دەرسلىككە نىسبەتەن يېتەكچىلىك رولىنىلا ئوينايدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆلچىمىنى پىششىق ئىگىلەپ، دەرسلىكنى ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق كېڭەيتىشى ياكى قىسقارتىشى، دەرسلىكنى ئەمەلىيەت بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا ماتېماتىكىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى ۋە ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشى لازىم.
2. مۇۋاپىق دەرسلىك پىلانى بولۇشى لازىم. بىر سائەتلىك دەرس نۇرغۇن قەدەم – باسقۇچلار ئارقىلىق ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىدۇ. ياخشى ئۆتۈلگەن بىر سائەتلىك دەرس ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلاردا ئۇنتۇلماس ئەسلىمە قالدۇرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بىر سائەتلىك دەرسنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئوقۇتۇشقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى دەرس پىلانى تۈزگەندە، ئۇنىڭ ھەر بىر قاتلاملىرىغىچە يېڭى، ئىجادىي ئۇسۇللارنى سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالايدىغان، جەلپ قىلالايدىغان قىلىپ پىلانلىشى، دەرس سۆزلىگەندە، ئوقۇغۇچىلارنى كۆپرەك رىغبەتلەندۈرۈپ، كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۆگىنىشتە ياخشى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆگىنىشتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى پەرقنى تەدرىجىي ئازايتىشى كېرەك.
3. ماتېماتىكىنىڭ ئەمەليەتچانلىقى ۋە ماتېماتىكىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئېچىش رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنپ، ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى ئەمەلىي تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرۇپ ياكى بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر قىلىش، تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
4. تاپشۇرۇق مۇۋاپىق بولۇشى لازىم. ھازىر نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىدا تاپشۇرۇق بەرگەندە، نوقۇل كىتابقىلا ئېسىلىۋېلىش ياكى ئۆلچەملىك تاپشۇرۇق دەپتەردىنلا تاپشۇرۇق بېرىش خاھىشى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ. دەرسلىك كىتاب – بىر خىل ئۆگىنىش قورالى، لېكىن بىردىن بىر ئۆگىنىش قورالى ئەمەس. كىتابتىكى نەزىرىيىۋى بىلىملەر ئەمەلىيەتتىن كەلگەن ھەم ئۆز نۆۋىتىدە ئەمەلىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار كىتاببازلىق خاھىشىنى ئۆزگەرتىپ، تاپشۇرۇق بەرگەندە، تۇرمۇشقا يېقىنلىشىدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرىنى قوزغىتىدىغان، ئىزدىنىش خاراكتېرلىك مەسىلە – مىساللارنى تاپشۇرۇققا ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم.
(ئاپتور: يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ سۆگەت يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىدى(نئەركىن قادىر)
收藏到:Del.icio.us