-
-
ساقىيا كەلتۈر مەيى گۈلگۈنكى، خۇش دەمدۇر بۇ كۈن.
ئالەمى فەرخۇندەئى نەۋرۇزى ئالەمدۇر بۇ كۈن. -
JAMES GARFIELD -
كۆيۈپ ئوت بولدۇم، ئۆچتۈم ھەم كۈل ئۆلدۈم، داغى دۇد ئۆلدۈم،
كەتىپدۇرمەن، يەتىپدۇرمەن، دۇد ئىلە دىۋار ئەتىپ بولماس. -
-
كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن،
يەر - كۆك تىلىنغان.
پەرزەنتىڭ پىغانى پەلەكنى بويلار.
بىر ياندا ئۆزبىكلەر باش ئېگىپ تۇرغان،
بىر ياندا بالام دەپ يىغلار ئۇيغۇرلار. -
گۈلزارلىقتىن ھەر قېتىم ئۆتسەم
دىلنى ئىلھام گۈلى ئورايدۇ. -
چىكىتلەر - قان.
ئۈندەش - غەزەپ.
جۈملىلىرىم -
كۆرەش قىلار ھامان تىنماي بۇ دۇنيادا.
-
جىبران خېلىل جىبران(1931-1833)
-
تەجرىبە پەنلىرى پىشىپ يېتىلىپ، بەزى ساھەلەردە ئاخىرقى پەللىسىگە بېرىپ قالدى.
پەلسەپە بولسا تېخى بىر بالا،
ئۇ يەنە نەچچە مىڭ يىلدىن كىيىن چوڭ بولىدۇ. -
-
دۇنيادا بىر ئادەمنىڭ ئالاھىدە كۆز قارىشى بىلەن بۇ دۇنيانىڭ ئوبىكتىپلىقى قانداق قىلغاندا بىرلىككە كېلىدۇ؟
بۇ ئادەم بىلەن ئۇنىڭ قاراشلىرى دۇنيانى ئۆزىگە قانداق سىغدۇرىدۇ؟ -
گۇمنام گۈلۈڭ مەۋسىمى بوستان ئۆتتى.
ھەيف ئۈستىگە ھەيف ئىشرەتى مەستان ئۆتتى.
يالغۇز سەن ئېمەس گۈل يوقىدىن يىغلاغالى،
بۇ دەرد ئىلە مىڭ بۇلبۇلى دەرمان ئۆتتى. -
-
-
-
-
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ.
كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ. -
كىشىلەر ئارىسى بىر جاڭگال.
ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەيمەن.
مەن شېئىر ئارقىلىق ئۆزۈمنى تاپالايمەن.
مەن شېئىر ئارقىلىق ئۆزۈمنى داۋالايمەن. -
سىلكىتىپ سۇمبۇل چېچىمنى ئەيلىسەم باغرىمنى قان،
سەن ئۇچۇرغان ئىزگۈ قۇشلار ئايلىنىپ تارىمغا كەلدى.