版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/127331373.html

    پولات ئەلەمدار كىم؟

    پولات ئەلەمدار ئابدۇقادىر شاشمازنىڭ ئوغلى بۇلۇپ، ھەقىقى ئىسمى مۇھەممەت نىجاتى شاشماز.
    نىجاتى شاشماز 1971- يىلى 15-دىكابىردا تۈركىيەنىڭ ئەلازىغ ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. ئەسلى كەسپى ساياھەت باشقۇرۇش بۇلۇپ، ئالىي مەكتەپنى كانادادا ئوقۇپ پۈتتۈرگەن، كېيىن ئامىرىكىدا 6 يىل ئىشلىگەن. 2001-يىلى ئائىلىسنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىپ، قايتىش بېلىتىنى 11-سىنتەبىرگە ئالىدۇ. دەل 11-سىنتەبىر كۈنى ئامىرىكىدىكى ئىككى بىناغا ئايرۇپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلغان كۈنى بولغاچقا، بۇ ۋەقە سەۋەپلىك شۇ كۈنكى ئامىرىكا ئايرۇپىلانىغا چىقىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. كېىين ئائىلىسىنىڭ چىڭ تۇرىشى بىلەن ئامىرىكىغا قايتىشتىن ۋاز كىچىدۇ.
    نىجاتى شاشماز كېيىنىكى ھاياتىنى تۈركىيەدە داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلىپ، ئەنقەرەدە سوغۇرتا شىركىتى قۇرىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىستانبۇلدا ئوسمان سىناۋ ئىسىملىك كىنو سىنارىيە رىژىسورى بىلەن كۆرىشىدۇ. ئوسمان سىناۋ ئۆزى رىژىسورلۇق قىلماقچى بولغان “بۆرىلەر ۋادىسى” فىلىمىدە نىجاتى شاشمازنىڭ باش رولچى بۇلۇشقا ئەڭ ياخشى نامىزات ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئونى بۇ فىلىمدە باش رولچى بۇلۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. نىجاتى شاشماز بىر ئايدىن كېيىن بۇ تەكلىپنى قۇبۇل قىلىپ، «بۆرىلەر ۋادىسى» فىلىمى بىلەن ئۆمىرىنىڭ بۇرۇلۇش قەدىمىنى باشلايدۇ.
    نىجاتى شاشمازنىڭ راجى شاشماز ۋە زۈبەيىر شاشماز دەپ ئىككى قېرىندىشى بار.
    راجى شاشماز «بۆرىلەر ۋادىسى» فىلىمىنىڭ سىنارىيەسىنى يازغۇچىللىرىدىن بىرىدۇر.
    نىجاتى شاشمازنىڭ 20 يېشىدا يازغان ئاللاھنى كۈيلەيدىغان ۋە شۇ ياشلىق دەۋىرىدىكى ئاشىقلىق ھاياتىنى ئىپادىلىگەن «ئاشىق» ئىسىملىك بىر شىئىر كىتابى بۇلۇپ، بۇ كىتاب ئەنقەرەدە نەشىر قىلىنغان. نىجاتى شاشمازنىڭ بۇ شىئىر كىتابىدا «ئاشىقنىڭ نۆۋىتى»، «سەن ۋە تىكەن»، «بېلىقلارنىڭ ھىدى»، «ئاۋازىڭ» قاتارلىق شېئىرلەر بار.
    «بۆرىلەر ۋادىسى» فىلىمىدىكى باش رولچى پولات ئەلەمدار تۈركىيەدىكى قارا جەمىئىيەتلەرنىڭ كاتىبېشى مەھمەت قاراخانلىنىڭ ئوغلى بۇلۇپ، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتى مەخپى ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمى تەرىپىدىن بوۋاق ۋاقتىدا ئېلىپ كېتىلىپ، دۆلەتنىڭ يېتىشتۈرگەن مەخپى ئادىمى بۇلۇپ، چەتئەللەردە ئالاھىدە ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىدۇ. كېيىنكى 3 يىلدا تۈركىيەدىكى قارا جەمىئىيەتلەرنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ، مەھمەت قاراخانلى قاتارلىق قارا جەمىئىيەتلەرنىڭ بېشىدىكىلەرنى تازىلاپ چىقىدۇ. ئۇ تۈركىيە دۆلىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتى مەخپى ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمىدا ئالاھىدە تەربىيلەنگەن بولغاچقا، ئىنتايىن ھۇشىيار، چاققان ۋە ھەر خىل ئېغىر-يىنىك قۇرۇللارنى ئىشلىتىشكە ماھىر. ئۇ يەنە ئىنگىلىزچە، فىرانسۇزچە، ئەرەپچە، كوردچە ۋە رۇسچىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ.
    پولات ئەلەمدار ھىسسىياتقا بېرىلىپ ئەمەس، ئەقىلگە، ئىقتىدارىغا ۋە تەجرىبىسىگە تايىنىپ ھەرىكەت قىلغانلىقى ۋە ئېگىلمەس ۋە سۇنماس ئىرادىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنتايىن قىيىن ئەھۋاللاردىمۇ ھەر خىل خەتەرلەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، ئۆز دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىپ كىلىدۇ. ئۇ تۇغۇلۇشتىن بىر تەشكىلاتچى بۇلۇپ، ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارىشى قىلچە رەھىم قىلمايدۇ، ئەمما ئىنسانلارغا بولغان مىھىر-مۇھەببىتى خۇددى ئۆز ئاشقىغا بولغان ئىشقىدەك چۇڭقۇردۇر.
    پولات ئەلەمدار «بۆرىلەر ۋادىسى» فىلىمىدە مەماتى، ئابدۇلھەي، ئەرخان ۋە جاھىد قاتارلىق ئەڭ سادىق ۋە قابىل ئادەملىرى بىلەن تۈركىيە دۈشمەنلىرىگە قاھشاتقۇچ زەربە بەرمەكتە. پولات ئەلەمدار زامانىمىزدىكى ئادالەتنىڭ سىمۋۇلى، قەيەردە ناھەقچىلىك ۋە قىرغىنچىلىق بولسا، پۇلات ئەلەمدار شۇ يەردە كۈرەش قىلىدۇ.
    ئۇ 5 يىلدىن بويان رول ئالغان «بۆرىلەر ۋادىسى»، «بۆرىلەر ۋادىسى ئىراق»، «بۆرىلەر ۋادىسى پەلەستىن» ۋە «بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق» فىلىملىرى تۈرك دۇنياسى، ئەرەب دۇنياسى ۋە بالقان رايۇنلىرىدا ئاجايىپ ئالقىشقا ئېرىشتى. بۇگۈنكى كۈنلەردە، پولات ئەلەمدار ھەققانىيەتكە تەلپۈنگەن خەلقلەرنىڭ غايىۋى مىللىي قەھرىمانى بۇلۇپ قالدى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئەگەر بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز گوگولدىن Kurtlar Vadisi, Kurtlar Vadisi Pusu, Kurtlar Vadisi Irak, Kurtlar Vadisi Filistin دەپ ئىزدىسىڭىز تاپالايسىز.

    بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمى كۆرۈش ئادىرىسى:
    http://www.diziizleyelim.com/izle-seyret/yerli-diziler/kurtlar-vadisi

    بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق فىلىمى كۆرۈش ئادىرىسى:
    http://www.diziadresi.net/izle-seyret/kurtlar-vadisi-pusu.html

    بۆرىلەر ۋادىسى ئىراق فىلىمى كۆرۈش ئادىرىسى:
    http://www.yenifilmizle.com/film-izle/58-Kurtlar-Vadisi-Irak-izle.html

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    تەييارلىغۇچى:-ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئابدۇلھەمىد قاراخان
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    بۆرىلەر ۋادىسىدىكى مەنىلىك سۆزلەر:

    ★ بۆرىلەر ۋادىسىدىكى پېرىنسىپ، چۈشكەن ئولجىنى قاچۇرماي يېيىش.

    ★ ئىككى كىشىنىڭ بىلگىنى سىر ئەمەس.

    ★ دوستۇڭ دوستۇمدۇر، دۇشمىنىڭ دۇشمىنىم.

    ★ ئاقىۋىتىنى ئويلىغانلار قەھرىمان بولالمايدۇ.

    ★ دۇنيا بىر كۈندۇر، ئۇ بولسىمۇ بۈگۈن.

    ★ دوستۇم بولالمىساڭ، دۇشمىنىم ھايات قالماس.

    ★ سەن، سەن بولغىن! قەتئىي بىز بولۇپ قالما.

    ★ ئاتا-بوۋىسىنى تونۇمىغانلار، ئېتنىڭ پېشدىن كەتمەس.

    ★ ئىنسان بالىسىغا ئېشەنمە ئۆلۈر، دەرەخكە يۆلەنمە قۇرۇر.

    ★ ھاياتتا ھېچقانداق نەرسە تاساددىپى ئەمەستۇر.

    ★ ياخشىلىق مەخپىي قىلىنىدۇ، مەخپىي قالمايدۇ.

    ★ ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار… ۋاقتى بار… ياشاشنىڭ… سۆيۈشنىڭ … ئۆلۈشنىڭ.

    ★ سوقۇشۇشقا رۇخسەت يوق، ئەمما سوقۇشۇپ يەڭسەڭ، مەغلۇپ مۇئامىلىسىگە ئۇچرىمايسەن.

    ★ ياشاش ئۈچۈن ھېچكىمگە يالۋۇرمىدۇق، ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ھېچكىمگە يالۋۇرمايمىز.

    ★ بىز قورالنى بېلىمىزغا ئاستۇق، قۇرال بىلەن كۆكرىكىمىزگە ئېتىلايلى دەپ.

    ★ ئۆلۈم، ئۆلۈم دەيسەن، ئۆلۈم دىگەن نېمىكىن ئۇ، جېنىم؟ ھاياتىم پىدادۇر سەن ئۈچۈن مېنىڭ .

    ★ ئوخشاش تېلدا سۆزلەشكەنلەر ئەمەس، ئوخشاش ئوي-پىكىردە بولغانلار ئېتتىپاقلىشالايدۇ.

    ★ ئۆلگەنلەرنىڭ ئارقىسىدىن يېغلاپ قالما، ئۆلسەڭ ئارقاڭدىكىلەرنى يېغلىغان ھالدا قويما.

    ★ بوران قانچە كۈچەپ چېقسىمۇ، تېك قىيادىن ئالىدىغىنى ئۈستىدىكى بىر قەۋەت توپىدۇر.

    ★ ئەگەر سېنى بىرى ئالدىغان بولسا بۇ ئۇنىڭغا گۇناھى، ئەگەر ئۇ كىشى سېنى داۋاملىق ئالدايدىغان بولسا بۇ سەندىكى گۇناھ.

    ★ ھەرگىز ھېچكىشىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلما، بەلكى ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئەڭ ئاخىرقى چېقىش يولىدۇر.

    ★ ئاقىل كىشىلەر يېڭىلىقلار ئۈستىدە پاراڭلىشىدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەر ئۇنىڭ نەتىجىسىگە قىزىقىدۇ، پەسكەشلەر بولسا باشقا كىشىلەرنىڭ ھەققىدە پاراڭلىشىدۇ .

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://uyghuracademy.com/?p=16351
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址:

    评论

  • پولات ئالەمدارنىڭ ياش ھاياتى قالتىس ھېكمەتكە تولغان ھايات ئىكەن!