ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچى-قانداق كۈچ؟ - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:تارىخ   2010年12月03日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/86757747.html

    ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچى - قانداق كۈچ؟


    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(13.01.2009)خەۋىرى:
    ئىسرائىلىيىنىڭ 2008-يىلى 27-دېكابىردىن بۇيان پەلەستىننىڭ غەززە رايۇنىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھەرىكىتى، ھەممىنى چوڭقۇر قايغۇغا چۈمدۈردى.
    سەبىي بالىلار، ياشانغانلار ۋە ئاياللارنىڭ پەقەت پەلەستىنلىك بولغانلىقى ئۈچۈنلا، پەقەت ئۇ يەردە ياشىغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆلتۈرۈلۈشى، ھەم ئەخلاقىي ھەم قانۇنىي جەھەتتىن جىنايەتتۇر.
    ئەمما، قانداق ئىشكىن، 1948-يىلىدىن ئېتىبارەن، يەنى ئىسرائىلىيە قۇرۇلغاندىن بۇيان، كۆپلىگەن قانۇنسىز ھەرىكەتلەر ۋە ئىنسان ھەقلىرى ئاياغ ئاستى قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، نە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، نە باشقا خەلقئارالىق بىرەر تەشكىلات ياكى ئورگان تەرىپىدىن ھېچقانداق بىر جازا ۋە ئىمبارگو يۈرگۈزۈلۈپ باقمىدى.
    ئىنسان ئىختىيارسىز ھالدا، «ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچى ھېچكىم قول تەككۈزەلمەيدىغان قانداق كۇچتۇر؟!» دەپ سوراپ قېلىشى مۇمكىن.
    ئىسرائىلىيە 1948-يىلىدىن ئېتىبارەن ئېزىلگەن، زۇلۇمغا دۈچ كەلگەن، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرگەن، بىچارە بىر خەلقنىڭ رولىنى ئويناش ئارقىلىق ھېسداشلىق ۋە قوللاشقا ئېرىشىپ كەلمەكتە.
    ھازىرقى ئىسرائىلىيە-بۇرۇنقى ئىسرائىلىيە ئەمەس.
    يەھۇدىيلارمۇ-بۇرۇنقى يەھۇدىيلار ئەمەس.
    يەھۇدىيلار ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدىكى ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارتۇقچىلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە ھەم تەسىر كۆرسىتىش كۈچىگە ئىگە، ھەم بايدۇر. بۇ دۆلەتلەر، ئىسلام دۆلەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە.
    دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ تۈرلۈك ياردەملىرى ۋە تەشكىلى ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەم ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ۋە سىياسەتلىرىنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەت ۋە ئورگانلاردا ھېمايە قىلماقتا،
    ھەم ھېچكىمنىڭ ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشىغا يول قويمىدى ۋە قويمايمايۋاتىدۇ.
    شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ھېچكىم ئېغىز ئاچالمايدىغان كۈچلۈك بىر دۆلەتكە ئايلاندى.
    يەر كۆلىمىنىڭ كىچىك ۋە نوپۇسىنىڭ ئاز بولۇشىغا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇنچىلىك ئەسكەر ۋە قۇرال-ياراققا ئېگە بولۇشى، شۇنىڭدەك ئەرەبلەرگە قارشى بىرەر قېتىم بولسىمۇ يېڭىلىپ قالماسلىقىمۇ ئىسرائىلىيىگە خاس بىر خىل ئەھۋالدۇر.
    ئىسرائىلىيە مۇداپىئە ئىشلىرىغا قانچىلىك پۇل سەرپ قىلغانلىقىنى ۋە قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىماي كەلمەكتە.
    ھەربىي ساھەگە بۇنچىلىك كۆپ چىقىم قىلىشىغا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ تىلغا ئالغۇدەك بىرەر كىرىزىسقا دۈچ كېلىپ باقمىغانلىقىغا شاھىت بولماقتىمىز.
    چۈنكى بۇ پۇللار دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان يەھۇدىيلار تەرىپىدىن تەمىنلىنىپ كەلمەكتە.
    قەغەز ئۈستىدە 5 مىليون نوپۇس بولۇپ كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىسرائىلىيەدە پەقەت 2 مىليون ئىنسان ياشىماقتا. بىر قىسمى ئۇرۇشتىن قاچماقتا، يەنە بىر قىسمى ئىسرائىلىيەگە ياردەم بولسۇن ئۈچۈن، قوش پۇقرالىق تۈزۈمدىن پايدىلىنىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ نۇپۇسىنى كۆپ قىلىپ كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىشقا ئورۇنۇپ كەلمەكتە.
    بۇنچىلىك قوللاش ۋە كۈچكە ئېگە بولغان ئىسرائىلىيە، 1948-يىلىدىن تارتىپ، تا ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ ئامانلىقىنى كاپالەتكە ئېگە قىلالماي كەلمەكتە.
    تۈركلەرنىڭ ‹قاپاقنىڭ سۈيىدە تۈگمەن چۆرگىلىمەيدۇ› دەيدىغان ناھايىتى مەشھۇر بىر ماقالى بار. ئىسرائىلىيىنى ئىسرائىلىيە قىلغان ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ۋە ئامېرىكىدىكى يەھۇدىيلار بىلەن ئۇلارنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى ھۆكۈمەتلەردۇر.
    لېكىن، بۇ خىل ياردەملەر قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟
    بۇنىسى ھازىرچە بىزگە نامەلۇم.
    بىراق، مەيلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى مەيلى غەربتىكى باشقا دۆلەتلەردە بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئىسرائىلىيىگە بېرىۋاتقان بۇ ياردەملىرى دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن تالاش-تارتىش قىلىنىشقا باشلىدى.
    ئىسرائىلىيە بۇنچىلىك دەرىجىدە سىرتنىڭ ياردىمىنى ئالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ھەم بۇنچىلىك كۆپ جىنايەتلەرنى سادىر قىلالمىغان بولاتتى، ھەم ئەرەبلەر بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلىشتا تېخىمۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلغان بولاتتى.
    ئىسرائىلىيىنى قوللاۋاتقان بارلىق دۆلەتلەر، ئورگانلار ۋە كىشىلەرنىڭ ئىسرائىلىيە سادىر قىلىۋاتقان بۇ جىنايەتلەردە ئەلۋەتتە مەسئۇلىيىتى بار.
    ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئەمدى بولسىمۇ ئىسرائىلىيىگە ئۇلارنىڭ بىر مۇقەددەس مەۋجۇتلۇق ئەمەسلىكلىرىنى ئېيتىشى لازىم.
    چۈنكى، ئىسرائىلىيىنى بۇ قەدەر جۈرئەتكە ئىگە قىلغان ئەڭ ئاساسىي ياردەم-ئامېرىكىنىڭ ياردىمىدۇر؟؟؟

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەگە دائىر بىلىملەرنىڭ مەنزىلى:
    http://palastinbiz.blogspot.com
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

     

    ئىسرائىلىيەنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ھەققىدە چۇشەنچە


    (1) يەر مەيدانى:
    1947 - يىل ب د ت يىغىنىدا بەلگىلەنگەن يەر مەيدانى 15000 كۇۋادىرت كىلۇمىتىر.
    تۆت قىتىملىق ئۇرۇش ئارقىلىق ئىگەللىگەن زىمىن 10000 كۇۋادىرت كىلۇمىتىر.
    شۇنىڭ بىلەنن ھازىرقى ئەمىلىي كونتىرول قىلىۋاتقان زىمىنى- 25000 كۇۋادىرت كىلۇمىتىر ئەتىراپىدا.

    (2) ئاھالىسى:
    ئىسرائىلىيەنىڭ ھازىرقى نوپۇسى تەخمىنەن 6 مىليون 500 مىڭ ئەتىراپىدا.
    بۇنىڭ ئىچىدە يەھۇدىيلار %77 نى، ئەرەب ۋە باشقا مىللەتلەر %23 ئىگەلەيدۇ.
    ئاھالىلەرنىڭ %85 تى يەھۇدىي دىنىغا، %13 تى ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدۇ.

    (3) سىياسىي تۈزۈمى
    ئىسرائىلىيە - دىموكىراتىك تۈزۈمدىكى دۆلەت بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي رەھبەرلىرى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. باش مىنىستىر - دۆلەتتىكى ئەڭ ھوقۇقلۇق شەخس ھىساپلىنىدۇ. پرىزدىنتنىڭ ھوقۇقى سىمۋۇللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە.

    (4) ئىقتسادىي ئەھۋالى:
    قېزىلما بايلىقى كەمچىل بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، ئىلىكتىرۇن ۋە ھەربىي سانائىتى تەرەققىي قىلغان.
    2005-يىلدىكى ئىچكى ئشلەپچىقىرش ئومۇمىي قىممىتى 115 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە قىممەت 17500 دوللار.

    (5) بايلىقى:
    ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىنى - قانلىق تارىخى، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش، مائارىپ ۋە ئىقتىسادقا ئەھمىيەت بېرىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەم مىللىي ئىتتىپاقلىق دىيىشكە بولىدۇ.

    (6) ھەربىي كۇچى:
    ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئۇمۇمىي ئەسكىرى: 180 مىڭ.
    زاپاس ئەسكىرى: 400 مىڭ ئەتراپىدا.
    قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 134 مىڭ.
    ھەر خىل تانكىسى: 3800 .
    بروۋنىۋىك: 10000.
    چوڭ زەمبىرەك: 400.
    ئۆزى يۈرەر زەمبىرەك: 1300.
    پىيادىلەر زەمبىرىكى: 7500.
    ھاۋا مۇداپىئە زەمبىرىكى: 1300.
    ھەر خىل ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى: 10000،
    ئۇزى ياسىغان ئىلغار باشقۇرۇلدىغان بومبىنى ئىكسپورت قىلىدۇ.
    ھاۋا ئارمىيسى ئەسكىرى: 32 مىڭ.
    ھەر خىل ئايرۇپىلان: 850،
    قۇراللىق تىك ئۇچار ئارۇپىلان: 130،
    ئادەمسىز ئايرۇپىلان ياساش تېخنىكىسى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
    ھاۋا ئارمىيەسىنڭ مۇداپىئە ۋە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى ئامىرىكا ئارمىيسەدىن قېلىشمايدۇ.
    زۈرۇر تېپىلسا 15 كۇن ئىچىدە يادرو قورالىغا ئىگە بولالايدۇ.
    دىڭىز ئارمىيسى ئەسكىرى: 9000 ئەتراپىدا،
    سۇ ئاستى كېمىسى: 3،
    قوغدىغۇچى پاراخۇتى: 3،
    باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق ھۇجۇمچى پاراخوتى: 21،
    چارلىغۇچى پاراخۇتى: 19.
    قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى پاراخوتى: 5

    ئىسرائىلىيەنىڭ مەخپىي ھەربىي ئاخبارات ئورگىنى بولغان «مۇساد» ۋە ئالاھىدە قىسىملىرىمۇ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

    دىمەك، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى ئوتتۇرا شەرقتىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىمۇ خىلى كۈچلۈك ئارمىيە دىيىشكە بولىدۇ.
    يەنە كېلىپ، ئامىرىكا ھەر يىلى ئىسرائىلىيەنى 2-3 مىليارد دوللارلىق قورال - ياراق بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەگە دائىر بىلىملەرنىڭ مەنزىلى:
    http://palastinbiz.blogspot.com
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

     

    يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنى «ئەقىللىق» دەپ قارامدۇ؟


    غەرب دۇنياسىدا:
    «ئۈچ يەھۇدىي بىر يەرگە كەلسە، دۇنيانىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىيەلەيدۇ» دەيدىغان گەپ بار.
    يەھۇدىيلارنىڭ «ئەقىللىق» دەپ سانىلىشىغا يەھۇدىيلارنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ۋە ئۇلار ئىگە بولغان زور بايلىق سەۋەب بولغان. ئەمەلىيەتتە يەھۇدىيلار تۇغۇلۇشىدا باشقا مىللەتلەردىن «ئەقىللىق تۇغۇلغان»  بولماستىن، ئۇلار پەقەت ئەقىل بۇلىقىدىن ئىبارەت بۇ بىباھا بايلىقنى قانداق ئېچىشنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئەقىللىق، دېيىشكە بولىدۇ.
    يەھۇدىيلارنىڭ نەزەرىدە ھەر قانداق نەرسە باھالىق بولۇپ، يوقاتقان تەقدىردىمۇ قايتا ئېرىشكىلى بولىدۇ، لېكىن پەم – پاراسەت ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى بىباھا بايلىق ھېسابلىنىدۇ.

    «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ بىر مۇخبىرى ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزاق يىل تۇرغان بولۇپ، يەھۇدىيلار بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە زېرەك مىللەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمىغان.
    ئۇنىڭ قارىشىچە، يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى ئىقتىدارلىق ئەمەس ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە نۇتۇق ئىقتىدارى يوق، ئىچ مىجەز كىشىلەرمۇ بار ئىكەن. مۇخبىر يەھۇدىيلار بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا،
    ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «يەھۇدىيلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى»، «يەھۇدىيلارنىڭ سودا قىلىش يولى»  دېگەندەك كىتابلاردىن بىزار ئىكەنلىكى، ئۇنى پەقەت نەشرىيات سودىگەرلىرىنىڭ پۇل تېپىش ۋە قايمۇقتۇرۇش ئۇسۇلى، دەپ قارايدىغانلىقى، بۇ خىلدىكى كىتابلاردا قاملاشمىغان مەزمۇنلار، مەسىلەن: «يەھۇدىي دادىلار بالىلىرىنى ئېگىزدىن پەسكە سەكرەشكە بۇيرۇپ، ئۆزىنىڭ پەستە تۇرۇپ تۇتۇۋالىدىغانلىقىنى ئېيتىدىكەن، بالا سەكرىگەن چاغدا، دادىسىنىڭ كارى بولمايدىكەن، بالا قاتتىق يىقىلغاندىن كېيىن، ئاندىن بالىسىنى ‹ئۆزۈڭدىن باشقا ھېچكىمگە ئىشەنمە› دەپ تەربىيىلەيدىكەن؛  شۇنىڭدەك ئانا تەۋراتقا ھەسەل سۈرۈپ، بالىسىنى كىچىكىدىن باشلاپ تەۋراتنى ياخشى كۆرۈشكە ئۈندەيدىكەن» دېگەنگە ئوخشاش  ساغلام بولمىغان سۆز – جۈملىلەر بارلىقىنى بىلگەن.

    مۇخبىرنىڭ بىر يەھۇدىي دوستى ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئەزەلدىن بۇنداق تەربىيىلىمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلار ئائىلە تەربىيىسىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن. يەھۇدىيلار ئېسىل ھېكمەتلىرى ئارقىلىق بالىلىرىنى سەمىمىي، تىرىشچان بولۇشقا ئۈندەيدىكەن.
    مۇخبىر يەھۇدىي دوستلىرىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن بايراملىق ئائىلىۋى ئولتۇرۇشلارغا كۆپ قېتىم قاتنىشىپتۇ. بۇ جەرياندا ئۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قولىدا «يەھۇدىي ھېكمەتلىرى» دېگەن كىتابنىڭ بارلىقىنى، ئولتۇرۇشتا يېشى كىچىك بالىدىن باشلاپ كىتاب ئوقۇيدىغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇلارنىڭ قولىدىكى كىتابلار ئېسىل، جەلپ قىلارلىق بولۇپ، پەلسەپىۋى، ئاممىباپ، چۈشىنىشلىك ئىكەن، بۇنى ئوقۇپ چوڭ بولغان بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن سۆز – ھەرىكىتىدە كىتابنى ئاساس قىلىدىكەن.
    ئىسرائىلىيىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ئوز: «يەھۇدىي مىللىتىنىڭ گېنىنى ھەرگىز باشقا مىللەتنىڭ گېنىدىن ياخشى، دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا جاۋاپ تېپىشقا توغرا كەلسە، جاۋابى ناھايىتى ئاددىي - يەنى كىتاب.
    سەۋەبى، ناھايىتى ئۇزاق دەۋرلەر جەريانىدا، يەھۇدىيلارنىڭ كىتابتىن باشقا ھېچنېمىسى بولمىدى.
    جۇڭگولۇقلار سەددىچىن سېپىلىنى ياساۋاتقاندا، يەھۇدىيلار كىتاب كۆردى،
    مىسىرلىقلار ئەلئېھرامنى ياساۋاتقاندا يەھۇدىيلار يەنىلا كىتاب كۆردى» دېگەن.

    **************************
    «شىنجاڭ گېزىتى»-(2009-02-27)
    http://palastinbiz.blogspot.com
    **************************

     

    يەھۇدىي جەمئىيتىدە مائارىپ


    بىلىم - مەڭگۈلۈك بايلىق

    تارىختا يەھۇدىيلارنىڭ مەۋجۈدلۇق ۋە تەرەققىيات ھوقوقى كاپالەتكە ئىگە بولمىغاچقا، ماددىي بايلىقنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يوقلىدىغانلىقىغا، ئەمما بىلم ۋە ئەقىل-پاراسەتنىڭ ئۆزلىرىگە مەڭگۈ ھەمراھ بولىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنگەن.
    ئۇلار بىردىنبىر تايانچىسىنىڭ ئەقىل-پاراسەت ئىكەنلىكىنى، ئەقىل-پاراسەت ئارقىلىق بايلىق يارىتىپ، مەۋجۈت بولۇش، تەرەققىي قىلش بوشلۇقىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن.
    يەھۇدىي دىنىنىڭ دەستورى ھېسابلىنىدىغان «تەلمۇت»تا: «دۇنيا ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ نەپەسلىنىشى بىلەنلا ئۇزاققىچە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ»،
    «ئۆگەنگۈچىلەر يوق شەھەر گۇمران بولىدۇ» دېگەندەك سۆز-ئىبارىلەر ئۇچرايدۇ.
    شۇڭا ھەر بىر يەھۇدىي ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتلىرىگە:  «كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆيگە ئوت كېتىپ، مال - دۇنيالار ئوتتا كۆيۇپ كەتسە، نىمىنى ئېلىپ قاچىسەن؟» دەپ سوئال قويغىنىدا،
    كۆپ ساندىكى بالىلار :«پۇل» ياكى «ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى» دەپ جاۋاب بېرىشىدىكەن. ئاتا-ئانىسى «شەكىلسىز، رەڭسىز، تەمسىز بىر نەرسە بار، ئۇنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسەن؟» دەپ قايتا سورايدىكەن،
    پەرزەنتى جاۋاب بېرەلمىسە، ئاتا-ئانىسى: «بالام ، سىلەر ئېلىپ كېتىدىغان نەرسە - پۇل ياكى ئۈنچە-مەرۋايىت ئەمەس، بەلكى بىلىمدۇر. چۈنكى بىلىمنى ھېچكىم تارتىۋالالمايدۇ. تىرىكلا بولساڭ، بىلىم ساڭا مەڭگۈ ھەمراھ بولىدۇ،
    مەيلى قەيەرگە بارما، ئۇنى يوقىتىپ قويما» دەپ تەلىم بېرىدىكەن.


    مەكتەپنى قەدىرلەش ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش

    يەھۇدىي جەمئىيىتىدە «پاراسەتلىك كىشى پادىشاھتىن ئۇلۇغ. پاراسەتلىك كىشىلەر ئۆلۈپ كەتسە، دۇنيادا ئەقىل-پاراسەتمۇ مەۋجۈت بولمايدۇ، ئەمما پادىشاھ ئۆلسە، ھەرقانداق پاراسەتلىك كىشىنىڭ شاگىرتى ئۇنىڭ ئورنىغا چىقالايدۇ» دەپ قارايدىكەن.
    يەھۇدىيلار مەكتەپ قۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىكەن. ئۇلار مەكتەپنى «مەۋجۈدلۇقنى ساقلاپ قېلىشتا سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان قۇدۇق» دەپ قارايدىكەن.
    1919-يىلى يەھۇدىيلارنىڭ ئەرەبلەر بىلەن بولغان توقۇنۇشى بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە، يېرۇسالىمدىكى ئىبراي ئۇنۋېرىسىتىتىغا توپ-زەمبىرەك سادالىرى ئىچىدە ئۇل سېلىنىپ، ئۇرۇش-توقۇنۇش ئىچىدىمۇ بۇ قۇرۇلۇش توختىتىپ قويۇلماي، 1925-يىلى پۈتۈپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.
    ئىسرائىلىيەدە ئىبراي ئۇنۋېرىستىتى، تىلئاۋىف ئۇنۋېرىستىتى، خەيفا ئۇنۋېرىستىتى، ئىسرائىلىيە سانائەت ئۇنۋېرسىتىتى،
    بارىلان ئۇنۋېرىستىتى، بىگىن-گورىئان ئۇنۋېرىسىتىتى قاتارلىق دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالتە ئۇنۋېرىسىتىت بار.
    ئىسرائىلىيەدىكى نۇرغۇن ئۇنۋېرىسىتىتلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى خەلقئارا ئىلىم ساھەسى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدۇ.


    ئۆگىنىش  ئەقىل-پاراسەتنى ئاشۇرىدۇ

    يەھۇدىيلار: «ئادەتتىكىچە ئۆگىنىش - بىر خىل دورامچىلىق، ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق يېڭىلىق ياراتقىلى بولمايدۇ، بىلىم ئۆگىنىشنىڭ پۈتكۈل جەريانلىرىنى چىڭ تۇتقاندىلا، ئەقىل-پاراسەتنى قېزىش ئارقىلىق ئىقتىدارنى نامايەن قىلغىلى بولىدۇ» دەپ قارايدۇ.
    شۇڭا ئۇلار بىلىمىلا بار، ئەمما ئىقتىدارى يوق كىشىلەرنى «كىتاب ئارتىۋالغان ئىشەك»كە تەمسىل قىلىدۇ.
    ئۇلار ئۆگەنگەندە چوڭقۇرلاپ بىلىم ئېلىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ، «چوڭقۇر قۇدۇقنىڭ سۈيىنى تارتىۋەرسىمۇ تۈگىمەيدۇ، تېيىز قۇدۇقنىڭ سۈيى بىرلا تارتسا تۈگەپ كېتىدۇ» دەپ قارايدۇ.


    مائارىپقا مەبلەغ سېلىش-ئەڭ ياخشى مەبلەغ سېلىش

    ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، باشتىن-ئاخىر مائارىپنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلدى. «مائارىپ ئارقىلىق دۆلەت قۇرۇش، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق دۆلەت قۇرۇش» - ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئىنتىلىش نىشانى قىلىنغان.
    رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنلەرمۇ ئىزچىل رەۋىشتە «يوقىرى سۈپەتلىك ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى مىللەتنىڭ مەۋجۈد بولۇپ تۇرۇش-تۇرالماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپكى مەسىلە» دەپ قارىغان.
    1949-يىلى ئىسرائىلىيە «مەجبورىيەت مائارىپى قانونى»نى ئېلان قىلغان.
    1953-يىلى «دۆلەت مائارىپ قانونى»نى ئېلان قىلغان.
    1969-يىلى «مەكتەپلەر تەكشۈرۈش قانونى»نى ئېلان قىلغان.
    ئىسرائىلىيە «كۆچمەنلەر دۆلىتى» بولغاچقا، «دۆلەت مائارىپ قانونى» دا ئېنىق قىلىپ: «ئىسرائىلىيە مائارىپىنىڭ نىشانى:
    بىرى، ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ۋە ئىقتىدار ئۆگىتىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش. يەنەبىرى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىيلار ئوتتۇرىسىدىكى قوشۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت پەرقىنى يوقىتىپ، يېڭى بىر خىل يەھۇدىي مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش» دەپ بەلگىلەنگەن.
    ئىسرائىلىيىنىڭ مائارىپقا سالغان مەبلىغى ئىنتايىن يوقىرى. 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ ئىسرائىلىيىنىڭ مائارىپ خىراجىتى باشتىن-ئاخىر خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومىي قىممىتىنىڭ 8% ىنى ئىگىلەپ كەلگەن.
    ئىسرائىلىيىنىڭ نوپوسى ئارانلا 5 مىليون نەچچە يۈزمىڭ. ئەمما مەكتەپلەرنىڭ سانى 1 مىليون 380 مىڭدىن ئارتۇق.
    ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن پۇقرالارنىڭ نوپوسىنى نىسبەتلەشتۈرگەندە، ئامىرىكا ۋە كانادادىن تۆۋەن ، ياۋروپا ئەللىرىدىن يوقىرىكەن.
    ئىسرائىلىيىدە ھەر 4500 كىشى ئىچىدە بىر پراففېسسور ياكى دوتسېنىت بار ئىكەن.


    ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىش

    يەھۇدىيلار: «ئىلىم تەھسىل قىلىشنىڭ چېكى بولمايدۇ، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش - بىر خىل مۇقەددەس بۇرچ، بىر ئادەم مەيلى قانچە ياشقا كىرگەن بولسۇن، قانچىلىك دەرىجىدە نامرات بولسۇن، توختىماي ئۆگىنىشى كېرەك» دەپ قارايدىكەن.
    شۇڭا بارلىق يەھۇدىيلار «ئۆگەنگۈچى - مول بىلىمگە ئىگە كىشىدىنمۇ ئۇلۇغدۇر» دېگەن ئەقىدىگە ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىدىكەن.
    ئۇلار يەنە «ئۆگىنىش ئارقىلىق ياشلىق باھار ۋە ياشلارغا خاس كەيپىياتنى ساقلاپ قالغىلى، ئۆگىنىش ئارقىلىق ‹بايلىق›قا ئېرىشىپ، مەنەۋىي جەھەتتە قانائەت ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ» دەپ قارايدىكەن.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «شىجاڭ ياشلىرى» ژورنىلى
    مەنزىل: http://palastinbiz.blogspot.com/
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址:

    评论

  • يەھۇدىيلارنىڭ مۇنچىۋالا ئەقىللىق ئاتىلىپ، بايلىق توپلىيالىشى دەل ئۇلارنىڭ پۇل، بايلىق توپلاشتا ۋاستە تاللىماي ئىش ئېلىپ بارغانلىقىدا.