版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/223793894.html

    جۇڭگونى چۈشىنىش


    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى(2012-10-16) ماقالىسى:
    ئەنگىليە تارتقۇسى: غەرب نېمە ئۈچۈن جۇڭگوغا خاتا پوزىتسىيە تۇتىدۇ؟
    جۇڭگونى چۈشىنىش!
    ئاپتورنىڭ ئوغلى بەش ياشتىن باشلاپ خەنزۇ تىلى ئۆگەنگەن بولۇپ، ھازىر ئۇ 14 ياشتا كىرگەن. خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، پۇلمۇ كۆپ كېتىدۇ ھەم ئۆگەنگۈچىلەردە چوقۇم ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ روھى بولۇشى كېرەك. توققۇز يىلدىن بۇيان ئاپتور تەكلىپ قىلغان ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرى بىر ھەربىي قوشۇنغا ئايلىناي دەپ قالغان. سەۋەبى تېخى بىر يىل ئىلگىرىلا، ئۇ مەكتەپكە بېرىپ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنى ئويلىغان، لېكىن يەنىلا مۇمكىن بولمىغان. ئەمما فرانسۇز تىل، ئىسپان تىلى، نېمىس تىلى، لاتىن تىلى....قاتارلىقلارنى ئۆگىنىش ئۈچۈن مەكتەپ تېپىش ناھايىتى ئاسان. پەقەت خەنزۇ تىلى ئۆگىتىدىغان مەكتەپ يوق. ھازىرغا قەدەر خەنزۇ تىلى ئۆگەنسە-ئۆگەنمىسە بولىۋېرىدىغان تىل قاتارىدا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. (غەرب) مەكتەپلىرى ئۆگىنىش قىيىن بولغان خەنزۇ تىلىنى ئۆگىتىشنى خالىمايدىغانلىقى يەنە مۇنداق بىر يىراق ھەم كەڭ دائىرىلىك مەسىلىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ: بىز جۇڭگوغا نىسبەتەن ھېچقانداق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس، جۇڭگونىڭ دۇنيانى ۋە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتمىدۇق.
    غەربنىڭ جۇڭگوغا بولغان مۆلچەرى قايتا-قايتا خاتالاشماقتا. ئىقتىسادنى ئېلىپ ئېيتقاندا، 1980-يىلى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ 20 دىن بىرىگە تەڭ بولغان، ھازىر بولسا ئامېرىكىنىڭ يېرىمىغا تەڭ بولۇپ قالدى. ھەمدە بۇ پەرق ناھايىتى تېز كىچىكلىمەكتە. بۇ جەرياندا، جۇڭگوغا گۇمانىي كۆزقاراشتا قارايدىغانلار خېلى كۆپ ساننى ئىگىلىدى. بىراق ئوزاققا قالماي، يىغلايدىغانلار يەنىلا مۇشۇ پەرەزچىلەر.
    نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ جۇڭگوغا بولغان كۆزقارىشىمىز شۇنداق سۇبيېكتىپ بولىدۇ؟
    چۈنكى بىز ھەر دائىم غەربنىڭ ئۈچ قىرلىق ئەينىكى بىلەن جۇڭگوغا نەزەر سالدۇق. ئۆتۈپ كەتكەن ئىككى ئەسىردىن بۇيان، غەرب جەمئىيىتى ئۆزىنى خۇددى باشقىلارنىڭ نەمۇنىسىدەك قاراپ كەلدى. ئەمما جۇڭگو بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ باشتىن ئاخىر بىر خىل ھالەتتە بولالايدۇ.
    كېيىنكى ئەسىردە غەرب دۇچ كېلىدىغان جەڭ - دەل جۇڭگونى چۈشىنىش. ئەلۋەتتە بۇ خىل چۈشىنىش ھەرگىزمۇ غەربچە ئۇسۇل بىلەن ئەمەس، بەلكى جۇڭگوچە ئۇسۇل بىلەن بولىدۇ. بىز چوقۇم ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى ھەقىقىي جۇڭگونى تولۇق چۈشىنىشمىز كېرەك. ھەمدە ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت، تۈزۈم ۋە قىممەت قارىشىمىزنى ئۇلارغا چاچماسلىقىمىز كېرەك. غەرب ھەر دائىم بۇ خىل سىناقتىن ئۆتەلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ غەرب ئەللىرىنىڭ ھاكاۋۇرلىقىنى ۋە جۇڭگوغا نىسبەتەن قىزىقىشى يوقلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
    ھازىر، جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ تېزلىكى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەرقانداق بىر جەمئىيەتتىن ئېشىپ كەتتى دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ داۋاملىق ئالاھىدە تارىخ ۋە ئادەتتىن تاشقىرى خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكتىن بەھرىمەن بولماقتا. ئاپتور نۇرغۇن قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان بولۇپ، دائىم بىر خىل زىددىيەتلىك ئەھۋال ئۇنى ناھايىتى قىزىقتۇرىدۇ. ئەگەر بىر تاكسى شوپۇرى سىز بىلەن ھازىر ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەندە، 3000 يىل بۇرۇنقى مۇتەپەككۇرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ سۆزلىسە سىز ھەرگىز ھەيران قالماڭ. جۇڭگولۇقلارنىڭ فامىلىسىنىڭ ئالدىدا، ئىسمىنىڭ كەينىدە بولۇشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. بۇ بۇ دۆلەتتە جەمەتنىڭ مۇتلەق مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە قەدىمدىن ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان جۇڭگوچە يېمەكلىك ۋە تىبابەتمۇ بار.
    ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، دۇنيادا چوڭ ئۆزگۈرۈشلەر بولىدۇ، جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى باشقا دۆلەتلەرنى ئۆزلىرىگە قايتىدىن نەزەر سېلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئەگەر بىز ھازىرقىدەك قاراشتا چىڭ تۇرساق، جۇڭگونى خاتا چۈشىنىشىمىز تۇرغانلا گەپ. ئەڭ چاتاق بولىدىغىنى، جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ غەرب ئەللىرى زاۋاللىققا يۈزلەنگىنىدە، بىز جۇڭگونى مەركەز قىلغان دۇنيا بىلەن ياتلىشىپ كېتىپ، بارغانسېرى مۇناسىۋەتسىز ئادەم بولۇپ قالىمىز. بۇ دەل غەرب ئەللىرى قەد كۆتۈرگەندىكى جۇڭگو بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ، ئەلۋەتتە جۇڭگو بۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىدى.
    گەرچە ئالدىمىزدا مۈشكۈلاتلار كۆپ بولسىمۇ، ئاپتورنىڭ ئوغلى خەنزۇ تىلىنى خېلى ياخشى ئىگىلىدى. ۋەزىپە ئېغىر، سىز نەچچە مىڭ خەتنى ئۆگىنىشىڭىز، سىزگە ناتونۇش بولغان ئاھاڭدا سۆزلىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ، چۈنكى بۇ تىل جۇڭگونىڭ كارتىنىسى. ھازىرغا قەدەر غەربنىڭ جۇڭگوغا بولغان مۇئامىلىسى يەنىلا «ئېگىزدە تۇرۇپ پەسكە قاراش، ھاكاۋۇرلۇق، ئۆز-ئۆزىگە تەمەننا قىلىش» بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، بىز ھۆرمەت قىلىشىمىز، كىچىك پېئىل بولىشىمىز كېرەك.
    بىز بۇ جەڭگە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەكمۇ؟
    بۇنىڭدىنمۇ بەك مەنپەئەت مۇناسىۋىتى ئېنىق بولمىسا كېرەك.
    ★★★★★
    http://www.uycnr.com/xwzx/lwsj/201210/t20121016_395237.html
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: