版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/113156848.html

    *****************************

    بىلقۇت تورى» ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلىغان «ئانا يۇرت» رومانىنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىنى چۈشۈرۈۋىلىڭ:
    *****************************



    «ئانا يۇرت» رومانى توغرىسىدا نەشىرىيات سۆزى :

    ئاتاقلىق يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» ناملىق بۇ ترىلوگىيىسىدە 1940-يىللاردا شىنجاڭ تارىخىدا يۈز بەرگەن ئەڭ زور ۋەقە - «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» ئاساسىي تېما قىلىنغان. ئەسەردە بۇ ئىنقىلابنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى، ئەگرى-توقاي، مۇرەككەپ تارىخىي مۇساپىلىرى، ئاخىرىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىنى قۇبۇل قىلىپ شانلىق غەلبىگە ئېرىشكەنلىكى ماركىسىزملىق تارىخىي قاراش ئاساسىدا يۈكسەك بەدىئىي ماھارەت بىلەن يورۇتۇپ بىرىلگەن ھەمدە داھىي ماۋزېدوڭنىڭ :«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پۈتۈن جۇڭگو خەلق دېموكراتىك ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىمى» دېگەن يۈكسەك باھاسى ئەينەن تارىخىي پاكىتلار بىلەن دەلىللەنگەن. ئاپتورنىڭ قان تەرى بەدىلىگە پۈتكەن بۇ بۈيۈك ئابىدە ئاجايىپ يارقىن تارىخىي ۋە بەدىئىي چىنلىق تۇيغۇسى، مۇرەككەپ ھېس-تۇيغۇلارغا باي ئىنچىكە تەسۋىرلىرى، يېقىملىق بەدىئىي ئۇسلۇبى، راۋان، مەنىلىك تىل سەنئىتى بىلەن بىر پۈتۈن دەۋىرنىڭ تارىخىي ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىزىپ بەرگەن.
    ئاتاقلىق يازغۇچى زوردۇن سابىر «ئانا يۇرت» ناملىق بۇ تىرىلوگىيىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بابلىرىنى نەشىرىياتىمىزغا تاپشۇرۇپ ئون كۈندىن كىيىن يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۇشتۇمتۇت ۋاپات بولدى. ئەپسۇس، مەرھۇم بۇ يىرىك بەدىئىي ئەمگىكىنىڭ بۈگۈنكى كۆركەم نەشىر نۇسخىسىنى كۆرەلمەي كېتىپ قالدى. ئىشىنىمىزكى، مەرھۇمنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرى بۇ كىتابنى ئۆز قەلبىگە ئىلھام ۋە ئوزۇق ئېلىشتىكى بىر ۋاستە ۋە مەنبە قىلغۇسى، ئۇلارنىڭ زوق-ئىلھاملىرىدىن قاناتلانغان ئارزۇ-ئارمانلىرى مەرھۇمنىڭ پاك روھىنى تېخىمۇ شادلاندۇرغۇسى!
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_01.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_02.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_03.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_04.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_05.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_06.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_07.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_08.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_09.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_10.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_11.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_12.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_13.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_14.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_15.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_16.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_17.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_18.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_19.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_20.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_21.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_22.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_23.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_24.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_25.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_26.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_27.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_28.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_29.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_30.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_31.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_32.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_33.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_34.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_35.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_36.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_37.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_38.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_39.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_40.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_41.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_42.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_43.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_44.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_45.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_46.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_47.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_48.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_49.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_50.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_51.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_52.mp3
    http://awazliq.bilqut.com/01_romanlar/ana_yurt/ana_yurt_53.mp3

    ^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^
    < بىلقۇت تورى> ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلىغان.
    ھۆججەت ئادرىسلىرىنى saadat «يازغۇچىلار مۇنبىرى»گە يوللىغان.

    ^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^

     

    «ئانا يۇرت» رومانىنىڭ خاتىمىسى

    زوردۇن سابىر


    1949-يىل 22-ئاۋغۇست ئەخمەتجان قاسىمى سەھەر تۇرۇپ ھويلىسىنى سۈپۈرۈپ، كوچىغا سۇ چاچتى ۋە قايتىپ كىرىپ يۇيۇندى - دە، كۈلرەڭ كاستۇم-بۇرۇلكا، گۈللۈك مانچىستىر دوپپىسىنى كىيدى. قىبلىگە قارىغان دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا يېپيىڭى سوۋىت ماشىنىسى توختىدى.
    - ئاخمات، تەييارمۇ سەن؟ - دېدى ئىسھاقبېك ماشىنىدىن كۈلۈپ چۈشۈپ. ئابباسۇفمۇ بىللە چۈشتى. ئۇ بىر ئاز خاپا ئىدى. سەۋەبى، ئۇنىڭ مىڭ بىر جاپادا قۇرۇپ چىققان «خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى»تارقىتىۋىتىلگەن، 1948-يىل 8-ئاينىڭ 1-كۈنى «شىنجاڭدا تىنچلىق، خەلىقچىللىقنى ھېمايە قىلىش ئىتىپاقى»قۇرۇلغاندا، ئۇ رەھبەرلىك ئىچىگە كىرگۈزۈلمىگەنىدى. بۇ ئىشلارغا ئۇنىڭ نارازىلىقى بار ئىدى.ئىتتىپاق بىر يىل ئىچىدە راۋاجلاندى. ئۇ نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىدى. ھازىر ئۇنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ئىككى يۈز سەكسەن ئالتە شۆبىسى، ئەللىك مىڭدىن كۆپرەك ئەزاسى بار. ئۇيغۇر، قازاق، مۇڭغۇل، قىرغىز، شىبە، ئۆزبېك، تاتار، رۇس، خۇيزۇ، تاجىك، داغۇر مىللەتلىرىدىن تەركىب تاپقان بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان قاسىمى، مۇئاۋىن رەئىسى مۇشۇ ئىسھاقبېك ئىدى. ئابباسۇف مۇسكىۋا ئارقىلىق غۇلجىغا كەلگەن پارتىيە مەركىزىي كومىتىتىنىڭ ۋەكىلى دېڭ لىچۈەنگە بۇ ئىشلارنى تولۇق ئېيتتى. دېڭ لىچۈەن:
    1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلەھەت كېڭىشىگە ۋەكىل بۇلۇپ كىتىۋاتىسىز. ھەممە ئىش ھەل بۇلىدۇ، ھەممىمىز ئالغا قارايلى، يولداش ئابباسۇف! - دەپ جاۋاب بەردى.
    ئەخمەتجان قاسىمى قىزى ئادالەتنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى. ئۇ قەپەستە بېقىلىۋاتقان ئېيىقنى چىقاردى -دە، قىزىنى مىندۈرۈپ ئويناتتى، ماھىنۇر خانىم - چاچلىرىنى ئىككى تال ئۆرۈپ، كۈلرەڭ كاستۇم، قارا يوپكا كىيگەن چىرايلىق ئايال ئۇماق ئوغلى ئادىلجاننى كۆتۈرۈپ، قىزى بىلەن دادىسىنىڭ خۇشاللىقىدىن لەززەتلەنمەكتە ئىدى.
    ھايات توقۇنۇشلىرى بىلەن لەززەتلىك. تېخى بۈگۈنلا بۇ كىشىنىڭ زوقى كىلىدىغان ئائىلە تارىخىدا كىچىككىنە قارا بۇلۇت پەيدا بولغانىدى.
    - بۇ نىمە قىلغىنىڭىز؟ - دىگەنىدى ئەخمەتجان قاسىمى ئايالىنىڭ يىپەك رەخىتتىن بىرلا ۋاقىتتا بىرنەچچە كۆڭلەك تىكتۈرىۋالغىنىغا خاپا بۇلۇپ، - ئۆزىڭىزنى خانىش ھىسابلامسىز يە؟ خەلق نىمە كويدا، سىز نىمە كويدا. بىز ئاشۇ تېخىچە قەد كۈتۈرەلمەيۋاتقان ئەمگەكچىلەرنىڭ بىرى. ھەرقانداق ۋاقىتتا بۇنى ئۇنتۇماڭ.
    - باشقىلارمۇ كىيىدىكەنغۇ! ماھىنۇر كۆزىگە ياش ئالدى.
    - باشقىلار دىگىنىڭىز كىم؟ بىچارە دېھقان ئايالىمۇ، نامرات ئىشچى ئايالمۇ؟ ياق. سىز دىگەن باشقىلار شەھەر بايلىرىنىڭ خېنىملىرى. ئۇلار بىلەن تەڭ بولماقچىمۇ سىز؟
    ماھىنۇرنىڭ كۆزلىرىدە غىلىلدىغان ياش ئەخمەتجاننىڭ قەلبىنى يۇمشاتتى.
    - ئەپۇ قىلىڭ، ماھىنۇر، قاتتىق كەتتىم! - دىدى ئۇ مېھرىبانلىق بىلەن ئانىنىڭ قۇلىدىن ئوغلىنى ئېلىپ سۆيۈپ تۇرۇپ، - بالىنى قورقۇتۇپ قويدۇم.كىچىككىنە تۇرۇپ خەت يېزىش، ھېسابات چىقىرىشقا كىرىشكەن قىزى ئادالەت دادىسىنىڭ پۇتلىرىغا يۈلىنىپ ئەركىلىدى:
    - دادا، ئەمدى ئۇيۇنچۇق دەپ يىغلىمايمەن !
    «ئويۇنچۇق» ۋەقەسىمۇ بۇ ئائىلە تارىخىدىكى قىزىق بىر خاتىرە. ئەخماتجان ئەپەندىم قىزىغا تۆت دانە ئويۇنچۇق ئەكىلىپ بەردى. ماھىنۇر ئويۇنچۇقنىڭ ئىككىسىنى ئېلىپ قۇيۇپ، ئىككىسىنى قىزىغا بىرىۋىدى، قىزى ھەممىنى ئوينايمەن دەپ قەغىشلىك قىلىپ يىغلىدى. ئەخمەتجان ئەپەندىم:
    - بۇ نىمە قىلغىنىڭىز؟ - دەپ ۋارقىرىدى خاپا بۇلۇپ، - بالىنى يىغلىتىش ئۈچۈن ئەكەلمىگەنىدىم بۇ ئويۇنچۇقلارنى - ھە؟ھەممىنى بەرسىڭىز بولمامدۇ؟
    مانا ھازىر قىزى قاقاقلاپ كۈلمەكتە، ئېيىق ئاستا ماڭماقتا، ئادىلجان قوللىرىنى سۇزۇپ مېڭىشقا تەمشەلمەكتە. ئائىلە خۇشاللىقى ئانا ئۈچۈن چەكسىز بەخت - ماھىنۇر ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بۇلۇپ قاقاقلاپ كۈلمەكتە!
    بايىلا رەپىقىسى لۈ سۇشىن ۋە كىچىككىنە ئوغۇللىرى بىلەن مۇشۇنداق كۈلۈپ تۇرۇپ خۇشلاشقان ئابدۇكېرىم ئابباسۇف بۇ كۈرۈنۈشتىن زوقلىنىپ:
    - سۈرەتكە تارتىۋالايلى! - دېدى.
    - خۇشاللىقلار تېخى ئالدىمىزدا! - دېدى ئىسھاقبېك كۈلۈپ.
    ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاينىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن كىچە-كۈندۈز جان كۆيدۈرۈپ، ئۆز خەلقىگە بەخىت يارىتىش، ئانا يۇرتىنى باي، ئاۋات، مەڭگۈلۈك بەخىت بۈشۈكى قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەپ، خەلقى ئارىسىدا ئاجايىپ قىزىقار؛ىق ھېكايىلەرنى پەيدا قىلغان بۇ ئەل رەھبەرلىرى ئائىلە خۇشاللىقىنىڭ ھاياتتىكى ئورنىنى ياخشى چۈشىنەتتى.
    ئەخمەتجان بالىلىرى بىلەن سۆيۈشۈپ خۇشلاشقاندا ئىسھاقبېك چاقچاق قىلدى:
    - ماھىنۇر قالدى، ئاخمات، ئۇنىمۇ سۆيۈپ قوي!
    - ھا - ھا -ھا!...
    ئۇلار ماشىنىغا چىقىشتى. پاكىز سۈپۈرۈلۈپ، سۇ چىچىلغان ئۈچدەرۋازا، نوۋىگورد كوچىلىرى ئۇلارغا پايانداز بولدى.
    - مىللەتنىڭ تەقدىرىمۇ بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىگە ئوخشايدىكەن، - دېدى ئەخمەتجان قاسىمى بىللە ماڭغان ھەمرالىرىغا، - ئازادلىق ئۈچۈن نەچچە يىل قانلىق كۈرەش قىلدۇق. ئازادلىق، باراۋەرلىك، ئەركىنلىك دەپ نەچچە يۈز مىڭ قىز-يىگىتلىرىمىزنىڭ قانلىرى تۈكۈلدى. بىزنىڭ دۈشمىنىمىز باشقا بىر مىللەت ئەمەس، ھەممىمىزنى ئىزىۋاتقان، خورلاۋاتقان ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيەت. بۇ ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيەت جۇڭگۇ زىمىنىدا يۇقۇلۇشقا ئازلا قالدى. بېيجىڭدا يېڭى بىر ھاكىمىيەت - خەلقچىل ھاكىمىيەت، كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ھاكىمىيەت قۇرۇلىۋاتىدۇ. بىز ئاشۇ ئۇلۇغ ھاكىمىيەتنىڭ قۇرۇلىشىغا قاتنىشىمىز. خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيانقى ئازادلىق، باراۋەرلىك، ئەركىنلىك ئارزۇلىرى ئەمدى ھەل بۇلىدىغان بولدى...راست، جۇڭگۇ زىمىنىدا تاڭ يۇرۇماقتا، يەنئەن غالىبلار سۈپىتىدە بېيجىڭغا يۆتكەلدى. جاڭ جىشى تەيۋەنگە قېچىش ئالدىدا، شەرىقتىكى بۇ بۈيۈك تۇپراقتا ئالامشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. جۇڭخۇا مىنگونىڭ ئورنىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئىگىلىمەكچى! بۇ زور خۇشاللىق تەنتەنىسىگە ماڭغۇچىلارنى قائىدە بۇيىچە غۇلجىدىكى بارلىق ھۆكىمەت، ئارمىيە رەھبەرلىرى، خەلق ۋەكىللىرى، ئۇقۇغۇچىلار داغدۇغا بىلەن ئۇزۇتىشى كىرەك ئىدى، لىكىن ئۇلار ئالتاينى كۆزدىن كەچۈرۈش نامى بىلەن مەخپى يولغا چىقتى. ماشىنىلار غۇلجىدىن ئالمۇتىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى...
    1949-يىل 9-ئاينىڭ 3-كۈنى سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى كونسۇلخانىسىدىن سەيپىدىن ئەزىزىنى جىددى چاقىرىتتى ۋە ھال-ئەھۋال سورىمايلا مۇسكىۋادىن كەلگەن جىددى تىلگىراممىنى ئوقۇپ بەردى: «ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۈمىكى ئولتۇرغان ئايروپىلان ئىركۇتسىكى شەھىرىدىن ئۈتۈپ، بايقال تاغ تىزمىلىرىغا يېقىنلاشقاندا، ھاۋا كىلىماتى ناچارلىشىپ، بەختكە قارشى تاغقا سوقۇلۇپ كەتتى، ئايروپىلاندىكى ئون يەتتە ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا تاپتى!»
    - يالغان! - دەپ ۋارقىرىۋەتتى سەيپىدىن ئەزىزى ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ ۋە تىلىگىراممىنى مىجىقلاپ تۇتقىنىچە ماشىنا بىلەن جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتىتىنىڭ مۇشۇ ۋەكىللەر ئىشى بىلەن غۇلجىغا كەلگەن مەخسۇس ۋەكىل دېڭ لىچۈەننىڭ ياتىقىغا باردى.
    - شۇم خەۋەر! - دىدى دىڭ لىچۈەن چۆچۈپ،- مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتىتىغا دوكلات قىلىمەن!
    غۇلجا ئاسمىنى ئەخمەتجان، ئىسھاقبېك، ئابدۇكىرىم ئابباسۇف، دەلىلقان سۇگۇر بايۇف، لوجىدەك چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلىرىدىن ئايرىلدى. غۇلجا ماتەم قايغۇسىدا ھۆڭگىرەپ يىغلىدى، ئىلى دەرياسى قەھرى بىلەن ئۆركەشلىدى.
    - ئەخمەتجان سۇلتانىم! ئەخمەتجان سۇلتانىم!... - دەپ ۋارقىرىدى غېنى باتۇر كوچىمۇ كوچا ئات چاپتۇرۇپ، ئۇ مائۇزىرنى سۇغۇرىۋالدى ۋە ئاسمانغا قارىتىپ شىددەت بىلەن ئوق ئۈزدى. غەزەپلىك ئوق ئاۋازى كۆكنى يېرىپ يىراق-يىراقلارغا ئاڭلاندى...
    گويا تۈكۈلگەن قانلار پاجىئەنى مەقسەت قىلغاندەك، ئەزىز قۇربانلار تىرىكلەرنى يانلىرىغا چىللاۋاتقاندەك، ھەممىلا ئادەمنىڭ بۇدۇنيا بىلەن خوشلاشقۇسى كەلگەنىدى. لىكىن قۇيۇق ئورمانلار كەينىدىن - كۈنچىقىشتىن ئاستا باش كۈتۈرىۋاتقان قۇياش ئىنسانلارنى ھاياتقا، ياشاشقا - بەخىتكە چىللىماقتا ئىدى!
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «ئانا يۇرت رومانى»نىڭ 3-تومى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址:

    评论

  • كۆپ جاپا چىكىپسىز،رەھمەت سىزگە،ئۈچ قىسىمنىڭ ھەممىسى تۇلۇقمىدۇ؟
    ketmenbay回复ھونزادە 说:
    toluq emestek turidu. 3-qisimdin kem oxshaydu.
    2011-04-04 17:38:02