版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/113158444.html

     

    بۈگۈن، تارىخنىڭ ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ بايرىمى - نەۋرۇز

    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(21.03.2011) خەۋىرى:
    بۈگۈن، تارىخنىڭ ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ تونۇلغان ئەڭ قەدىمىي بايرىمى نەۋرۇز...
    ئەزەربەيجاندىن تۈركمەنىستان، شىمالىي ئىراققىچە بولغان كۆپلىگەن دۆلەتتە نەۋرۇز بايرىمى جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە تەبرىكلىنىدۇ. نەۋرۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن دۆلىتىمىز رەھبەرلىرى تەبرىك تېلېگراممىلىرى تارقاتتى.
    جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل تېلېگراممىسىدا بىرلىك، باراۋەرلىكنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
    گۈل، «بۇ ئاڭ بىلەن، ئىگە بولغان بىرىكمىلىرىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى شەكىلدە مۇھاپىزەت قىلىنىشى ۋە ئەتىلەرگە يەتكۈزۈلۈشىدە ھەممىمىزنىڭ ئۈستىدە ئېغىر مەسئۇلىيەتلەر بار» دېدى.
    تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مەھمەت ئەلى شاھىنمۇ، نەۋرۇزنىڭ ناھايىتى كۆپ دۆلەتتە ئوخشاش تۇيغۇلار ئىچىدە تەبرىكلىنىشى بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تارىخىي ۋە مەدەنىيەت ئورتاقلىقىنىڭ تەڭداشسىز بىر مىسالى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
    «يېڭىدىن تىرىلىشنىڭ، يېڭىلىنىشنىڭ سىمۋولى بولغان نەۋرۇز بايرىمى؛ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ياۋروپانىڭ ئىچكى قىسىملىرىغىچە سۇزۇلغان ئورتاق مەدەنىيەت ساھەسىدە، ئەسىرلەردىن بۇيان ئوخشاش روھ ۋە ھاياجان ئىچىدە تەبرىكلەنمەكتە» دېگەن باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ تېلېگراممىسىدا، «نەۋرۇز بىزلەرگە ھەممىمىزنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكىمىزنى، ھەممىمىزنىڭ ئوخشاش مەنبەدىن، ئوخشاش روھتىن كەلگەنلىكىمىزنى ئەسلەتمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەنىلىك كۈننى پۈتۈن مىللىتىمىز بىلەن قولمۇ قول تۇتۇشۇپ، قەلبنى قەلىبكە بېرىپ تەبرىكلەيمىز. بىر –بىرىمىزگە چىڭ يېپىشىپ؛ بارلىق ئامىللىرىمىز بىلەن، پۈتۈن پەرقلىقلىرىمىز بىلەن بۇ زېمىننىڭ، بۇ ۋەتەننىڭ ئاساسلىق ئامىلى ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يېتىپ، بىر –بىرىمىزنى باغرىمىزغا باسىمىز» دېدى.
    ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ باشلىقى قىلىچدارئوغلىمۇ تېلېگراممىسىدا، نەۋرۇزنىڭ بايرامغا ئوخشاش تەبرىكلىنىشى تىلىكىنى ئورتاقلاشتى.
    مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى باشلىقى باھچەلى تېلېگراممىسىدا بىرلىك، باراۋەرلىكنى تەكىتلىدى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    «نورۇز - بىرلىكىمىزنىڭ سىمۋولىدۇر»

    تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى(20.03.2009) خەۋىرى:
    ئابدۇللاھ گۈل: نورۇزنىڭ شاتلىق ۋە ھوزۇر ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىشى كېرەك بولغان، بىر پۈتۈن ئىكەنلىكىمىزنىڭ سىمۋولىدۇر
    دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، نورۇزنىڭ قېرىنداشلارچە، شاتلىق ۋە ھوزۇر ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىشى كېرەك بولغان، بىر پۈتۈن ئىكەنلىكىمىزنى ئەسلىتىدىغان بىر بايرام ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
    جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، ئېلان قىلغان تېلېگرامما خېتىدە، تۈرك دۇنياسىنىڭ، نورۇزدا باھارنىڭ كېلىشىنى، تەبىئەتنىڭ جانلىنىشىنى تەبرىكلىگەندە، بۇ يېڭى ئويغىنىشنىڭ تىنچلىققا، دوستلۇققا ۋە قېرىنداشلىققا ۋاسىتە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
    تۈركىيە ۋە پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن بەخت ۋە باياشاتلىقنىڭ ئاچقۇچىنىڭ تىنچلىق ۋە ئادالەت ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان گۈل، «يانمۇ يان ۋە مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ تۇرۇپ ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن تەبرىكلىنىۋاتقان نورۇزدا تۈرك دۇنياسى، كەمسىتىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدىغان بىر دۇنيانى، تىنچلىق ۋە قېرىنداشلىقنى سېغىنغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە» دېدى.
    جۇمھۇر رەئىسى گۈل، تۈركىيىنىڭ ھەر خىل ئېتىقاد، تىل، مىللىي كېلىپ چىقىش ۋە رەڭگارەڭ مەدەنىيەتلەرگە ئىگە كىشىلەر دوستانە ھالدا ياشاۋاتقان، ھەر خىل ئىجتىمائىي ھەقىقەتلەرنى ۋە ئەنئەنىلەرنى باغرىغا بېسىپ تۇرىۋاتقان چوڭ بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
    ئابدۇللاھ گۈل مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىمىزدىن ئالغان كۈچىمىز بىلەن، مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ، بىر-بىرىمىزگە مېھرى-مۇھەببەت، مەنىۋىي بايلىقلىرىمىزغا ھۆرمەت قىلىش ئارقىلىق نىشانىمىزغا يېىتىشىمىز ئۈچۈن، ھەممەيلەننىڭ بۇ ھەقتە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.»
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

     

    بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا نورۇز تەنتەنەسى

    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(25.03.2011) خەۋىرى:
    بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خەلقارا تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيىتى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «نەۋرۇز بايرىمى»نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
    خەلقارا تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيىتى تەشكىلاتى باش كاتىپى دۈسېن كاسېنوۋ، بۇ ھەقتە نىيۇ يوركتا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە، «نەۋرۇز بايرىمى»نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن سېتىلىۋاتقان بېلەتلەرنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ خەلقارا تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيىتى تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنى تولىمۇ خۇرسەن قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
    دۈسېن كاسېنوۋ، نىيۇ يوركتا، تۈرك مەدەنىيەت يۇرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كەڭ كۆلەملىك «نەۋرۇز بايرىمى»نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
    دۈسېن كاسېنوۋ، «نەۋرۇز بايرىمى»نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشتىن، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەدەنىي مىراسلىرىنى پۈتكۈل دۇنياغا تونۇتۇش نىشان قىلىنغانلىقىنى، بۇ مەقسەتتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك، ۋاشىنگتون ۋە بوستون قاتارلىق شەھەرلىرىدە كۆپلىگەن كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
    دۈسېن كاسېنوۋ، «نەۋرۇز بايرىمى»نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ھەم سمۋوللۇق خاراكتېرگە ھەم ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە خەلقارا تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيىتى تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ نىشانىنىڭ سىياسىي ئەمەس، بەلكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەدەنىي مىراسلىرىنى پۈتكۈل دۇنياغا تونۇتۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
    دۈسېن كاسېنوۋ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى 2010 -يىلى 21 -مارت كۈنىنى «خەلقارا نەۋرۇز بايرىمى كۈنى» قىلىپ بېكىتكەندىن كېيىن، «نەۋرۇز بايرىمى»نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدا خىزمەت ئىشلەشكە باشلىغانلىقلىرىنى، بۇ ھەقتە تۈركىيە قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرلىكلىرىنىڭ ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى قەيت قىلدى.
    دۈسېن كاسېنوۋ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تۈركىيە قاتارلىق 10 دۆلەتتىن 120 نەپەر سەنئەتچىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «نەۋرۇز بايرىمى»نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ھارپىسىدا چەكسىز ھاياجانغا تولغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارالىق نەۋرۇز ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى

    ئابدۇكېرىم راخمان

    1995-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە «ئاتا تۈرك كۇلتۈر، تىل ۋە تارىخ يۈكسەك قورۇمى»(تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ نامى)نىڭ باشقۇرۇشىدا تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا نەۋرۇز سىمفوزىيۇمى(ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى) ئۆتكۈزۈلدى.
    بۇ ئىلمىي پائالىيەتكە ئۆزبېكىستان، ئەزەربەيجان، رۇسىيە، ئوكرائىنا، ۋىنگىرىيە، گېرمانىيە، بولغارىيە، تۈركىيە، سىپروس قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە قارا قالپاق، ياقۇتىستان، تاتارىستان، قارا چاي قاتارلىق ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلەردىن 60 تىن ئارتۇق ئالىم-مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى.
    تەكلىپكە بىنائەن جۇڭگودىن مەن «ئۇيغۇرلاردا نەۋرۇز» ناملىق ئىلمىي ماقالەم بىلەن بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇم.
    بۇ خەلقئارا ئىلمىي پائالىيەتنىڭ 2-كۈنى كەچتە، ئەنقەرەدىكى دۆلەتلىك تەنتەربىيە سارىيىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىننىڭ قاتنىشىشى بىلەن ھەيۋەتلىك «نەۋرۇز فېستىۋالى» ئۆتكۈزۈلدى. بۇ فېستىۋالدا ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان، قارا قالپاق، تۈركىيە، سىپروس قاتارلىق تۈركىي ئەللەردىنكەلگەن فولكلور سەنئەت ئۆمەكلىرى ئۆز رايونىدىكى نەۋرۇز بايرىمىنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تىياتىرلاشقان قۇيۇق مىللىي سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى. فېستىۋالغا كونا يىلغا سىمۋول قىلىنغان «قىش بوۋاي» بىلەن ھۆسن جامالىدىن باھار قىياپىتى چاقناپ تۇرىدىغان «باي چېچەك» سىياقىدىكى «باھار قىز» رىياسەتچىلىك قىلدى.
    تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنڭ باشباقانى(باش مىنىستىرى-زۇڭلىسى) تاڭسۆي چىللەر خانىم ساھىبخان دۆلەتكە ۋاكالىتەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۇ ئەنئەنىۋى بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ تەبرىك سۆزىدە، «نەۋرۇز بايرىمى»نىڭ ئۇزاق قەدىمدىن تارتىپ پۈتۈن خەلقنىڭ دۇنياۋى بايرىمى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، «نەۋرۇز» - تەبىئەت بايرىمى، ئەمگەك بايرىمى ئىكەنلىكىنى، «نەۋرۇز بايرىمى» - ئىنسانلارغا ياخشى تىلەك، گۈزەل ئارزۇ بېغىشلايدىغان، تەبىئەتنى، ئىنساننى قۇۋۋەتلەندۈرىدىغان بايرام ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ ئىناقلىق-ئىتتىپاقلىنىڭ مىسالى بولغان بۇ بايرامنى دۇنياۋى كالېندارلىق بايراملار قاتارىدا قۇتلۇقلاش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
    بۇ قېتىمقى «نەۋرۇز سىمفوزىيۇمى» ۋە «نەۋرۇز فېستىۋالى»دىكى ئەھمىيەتلىك بىر نۇقتا شۇكى، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە فېستىۋالغا بېغىشلاپ «نەۋرۇز» ناملىق مەخسۇس بىر كالېندار ئىشلەنگەن.
    بۇ كالېندارنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىغا مۇقەددىمە ئورنىدا ھەرقايسى تۈركىي خەلقلەرنىڭ «نەۋرۇزنامە»لىرىدىن تۆۋەندىكى پارچىلار تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.

    مەركىزىي قىسمىغا:
    كەلدى نەۋرۇز، كەلدى بۈگۈن ئەرشى بىنا ئەتكىلى،
    بارچە ئادەم كۆڭلىنى شادۇ-خۇرام ئەتكىلى.
    ھەر كىشى موللاسىدىن ئالسۇن دۇئا كۈنلۈكى،
    مەرىپەتكە تولدۇرۇپ گۈلى-گۈلزار ئەتكىلى.
    (ئۇيغۇر)

    ئوڭ تەرىپىگە:
    ئاشىق بولغان جانلار بۈگۈن كېلۇرلەر،
    سۇلتان نەۋرۇز كۈنى بىرلىك بولۇرلەر،
    تەبىئەت جاھاندىن زىيا ئالۇرلەر،
    ھىممىتى ئۆزگىچە نەۋرۇز سۇلتانىن.
    (تۈركىيە: فىرسۇلتان ئابدۇل)

    كەلسە نەۋرۇز ئالەمگە، رەڭ قىلار جاھان پەيدا،
    ئەبىرلەر ئاۋاز ئۇرۇپ، تاغ قىلار تۇمان پەيدا،
    بىجانلار جانغا كېلىپ، ئاچانلار زىبان قايدا،
    كۆكۈرمىگەن گىياھلار كۆكۈرۈپ زۇۋان پەيدا.
    (تۈركمەنىستان: مەختۇمقۇلى)

    سول تەرىپىگە:
    نەۋرۇز، نەۋرۇز باھارە،
    گۈللەر، گۈللەر ناھارە.
    نەۋرۇز كېلۇر، ياز كېلۇر،
    نەغمە كېلۇر، ساز كېلۇر.
    باغچىمىزدا گۈل بولسۇن،
    گۈل ئولسۇن، بۇلبۇل ئولسۇن.
    باغچىمىزدا گۈل ئولسۇن،
    گۈل ئۈستە بۇلبۇل ئولسۇن.
    (ئەزەربەيجان)

    نەۋرۇز  كېچە ئىلە كۈندۈز ئەشت ئولان كۈن،
    تۇپراق ئانا تۇمۇرىغا قان بېرىپ چېچەكلەر ئاچاركۈن.
    يىل باشى تۇرنا قۇشلار قاتار ئۇچۇپ كېلۇر كۈن،
    قۇربانلىق كېسىلىپ، قېمىز، شوبات ئىچىلەر كۈن.
    (قازاقىستان)

    دېگەن بېيتلار چۈشۈرۈلۈپ، كالېندارنىڭ ئوتتۇرىسىغا «نەۋرۇز بايرىمى»نىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاقلىق رەسسامى ئابدۇشۈكۈر كېرەم كۆكنىڭ قۇمۇل خەلقلىرى ئارىسىدىكى نەۋرۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ جانلىق كۆرۈنۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن «قۇمۇل كۆك مەشرىپى» ناملىق ماي بوياق رەسىمىنى تاللاپ باسقان ھەمدە رەسىمنىڭ ئاخىرىغا «قېرىنداش ئۇيغۇر سەنئىتىدە نەۋرۇز» دەپ يازغان. بۇ رەسىم يەنە شۇ قېتىملىق خەلقئارا نەۋرۇز ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە ئالاھىدە چوڭايتىلىپ، يىغىن زالىنىڭ سەھنىسىگە ئېسىپ قويۇلغان، يىغىنغا بېغىشلاپ ئىشلەنگەن «NEVRUZ-YENi GVN» (نەۋرۇز-يېڭى كۈن) ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغىمۇ مۇشۇ رەسىم رەڭلىك بېسىلغان.
    «ئاتا تۈرك كۇلتۈر، تىل ۋە تارىخ يۈكسەك قورۇمى»نىڭ باشقانى، پىروفېسسور، دوكتۇر رىشات گەنچ ئەپەندى ماڭا بۇ يىغىن بەلگىسىنى تاللاش جەريانىنى تونۇشتۇرۇپ: «بىز يىغىن تەييارلىقى جەريانىدا تارىخىي ۋە بۈگۈنكى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئاختۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن نەۋرۇز بايرىمى پائالىيىتىنى ئەڭ جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مۇشۇ بىر پارچە رەسىمىنى تاللاپ ئالدۇق ھەمدە ئۇنى يىغىن بەلگىسى قىلىپ بېكىتتۇق. سىلەر ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن سەنئەتكەر خەلق!» دېدى.
    بۇ كىچىككىنە ئىلتىپات، نەۋرۇزنى باھار بايرىمى، يېڭى يىل بايرىمى سۈپىتىدە خاتىرىلەپ كېلىۋاتقان دۇنيادىكى كۆپلىگەن خەلقلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلار نەۋرۇزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇدۇملىرىغا گەۋدىلىك ھالدا ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
    دەرۋەقە شۇنداق. «نەۋرۇز بايرىمى» ئۇزاق ئەسىرلەر مابەينىدە تارىخنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئوتتۇرا، مەركىزىي ئاسىيا، شەرقىي ياۋرۇپا، بالقان يېرىم ئارىلى، ئوتتۇرا شەرق، ئىدىل-ئورال بويلىرى، قىرىم ۋادىلىرى، سىبىرىيە دالىلىرى قاتارلىق كەڭ زېمىنلاردىكى بارلىق تۈركىي خەلقلىرى ۋە پارس خەلقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەمگەك بايرىمى، ئىناقلىق-ئىتتىپاقلىق بايرىمى، تەبىئەت بايرىمى، ھۆرلۈك-ئەركىنلىك بايرىمى سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ ھاياتى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن. ئۇ دىنىي بايراملاردىن پەرقلىق ھالدا خەلقىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئىجابىي رول ئوينىغان. ئەسىرلەر بويى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئۆتۈپ، كامال تېپىپ بىباھا مىراسقا ئايلانغان. تارىخنىڭ ھەرقانداق بوران-چاپقۇنلىرىمۇ ئۇنىڭ ھاياتى كۈچىنى توسۇپ قالالمىغان. شۇنداق قىلىپ، ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن شەكىللەنگەن، ئىجىتىمائىي زۆرۈرىيەت ئاساسىدا راۋاج تاپقان، چوڭ قارىمۇ-قارشىلىقلار ۋە توسااقلارنى يېڭىپ «ئەرگىنە قۇن روھى» بىلەن سۇغۇرۇلغان بۇ خاسىيەتلىك بايرام ئۇزاق ۋە باي تارىخقا ئىگە بولغان.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    ئاپتور: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتۇر ئاسپىرانت يېتەكچىسى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    نورۇز بايرىمى ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى

    تۈركىيە ئاۋازى(20.03.2009) رادىئوسى:
    ئوتتۇرا ئاسىيادىن تارتىپ تاكى بالقانلار (بالقان رايونى) غىچە بولغان كەڭ كەتكەن جۇغراپىيىدە تۈركىي مىللەتلىرى يېڭى يىل سۈپىتىدە قۇتلۇقلايدىغان نورۇز بايرىمى، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمى بايراملاردىن بىرى.
    نورۇز (نەۋرۇز)، «يېڭى كۈن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىغان بولۇپ، بۇ سۆزدىكى «نەۋ»، «يېڭى»، «رۇز» بولسا «كۈن» دېمەكتۇر. ئېتمولوگيىلىك جەھەتتىن پارىسچە بولغان نورۇز، باھارنىڭ باشلانغۇچى سۈپىتىدە بىلىنىدۇ. بۇ مەلۇماتقا قەدىمى ئىران كالىندارى مەنبە بولالايدۇ. بۇ كالىندارغا كۆرە، نورۇز يىلنىڭ تۇنجى كۈنىدۇر.
    نورۇز، دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن كۆپرەك شۇغۇللىندىغان رايونلاردا، مول ھوسۇللۇق ۋە بەرىكەت مەنىسىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئالەۋى بەكتاشى جامائەتىنىڭ كۆز قارىشىدا بولسا ھەزىتى ئەلىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. بىر قىسىم كىشىلەرگە كۆرە، ھەزىتى ئەلى بىلەن ھەزرىتى فاتىمە ئۆيلەنگەن كۈندۈر نۇرۇز.
    ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى دەۋىردە، نورۇرغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلەتتى، پادىشاھلارغا «نۇرۇزىيە» تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا قەسىدىلەر ئوقۇلاتتى. بۇ قەسىدىلەرنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى دەرخلەرنىڭ كۆكىرىشى، گۈللەرنىڭ ئېچىلىشى ۋە ھايۋانلارنىڭ ئىسسىق ماكانغا ئېرىشىشى قاتارلىقلار ئىدى.
    1920- يىلىغا كەلگەندە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كەمال ئاتا تۈرك 21- مارتنى نورۇز بايرىمى سۈپىتىدە تەبرىكلىگەن.
    خەلق ئارىسىدا، «نورۇزدا ھەر كىمنىڭ تەقدىرى ۋە كەلگۈسى بەلگىلىنىدۇ» دېگەن قاراش بار. چىرايلىق ۋە پاكىزە كيىملەر كىيىلىپ نورۇزغا يەنى يىڭى يىلغا تەييارلىق قىلىنىدۇ. ئۆيلەردە تاماق ئېتىلىدۇ، خولۇم-قوشىنىلار ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى يوقلىشىدۇ. ئويۇن-تاماشالار قىزىپ كېتىدۇ. بويالغان تۇخۇملار يېيىلىدۇ ۋە دائىرىسى چوڭراق بولغان يەرلەرگە ئوت يېقىلىدۇ.
    نورۇز ھەر بىر جەمئىيەتتە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك بىلەن تەبرىكلىنىدۇ، نورۇز بايرىمى ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، تاتارىستان، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى، ئانادولۇ ۋە بالقانلار قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا ھەر يىلى ئەنئەنىۋى بايرام سۈپىتىدە قىزغىن تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە.
    تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق بايرىمى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان نورۇز بايرىمى، تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدە ھالىتىدە ياشايدىغان، زېممىنى ئانا سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان تۈركلەرگە نىسبەتەن بىر يىلنىڭ ئەلچىسى، دەپ تەرىپلىنىدىغان باھارنىڭ كېلىشىدىن خوش خەۋەر بېرىدىغان بىر بايرامدۇر.
    نورۇز، تەبىئەت، دىنى ۋە مىللىي بىر بايرام بولغانلىقى ئۈچۈن، بىر مەدەنىيەت سىستېمىسى ھادىسىسى ھېسابلىنىدۇ. دىۋان ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تېمىلىرىدىن بىرىدۇر نۇرۇز. . . خەلق تەرىپىدىن قۇتلۇقلىنىدىغان نۇرۇز بىر بايرام سۈپىتىدە، خەلق ئەدەبىياتى ۋە دىۋان ئەدەبىياتىنى بىرلەشتۈرگەن ئامىل ۋە بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسىدۇر.
    نورۇز بايرىمىنىڭ ئاساسلىق پەلسەپىسى بولسا، ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ تەبىئەتكە ماس قەدەمدە داۋام قىلىشىدۇر. ئىنساننى ئويغاتقان باھار، قۇياش، قۇشلارنىڭ ئاۋازى، ھاياجانلىق بىر مەزگىلنى چۈشەندۈرىدۇ... نۇرۇز، يەر-زېمىننىڭ قايتىدىن ئويغانغان مەزگىلى بىلەن ئوخشاش، دەپ قارىلىدۇ.
    ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئۇچرىشىشى نەتىجىسىدە ھەر قايسى مەدەنىيەتلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان نۇرۇزنىڭ كۆپلىگەن ئالاھىدىلكىلىرى بار. ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۈ، مىھرى مۇھەببەت، قېرىنداشلىق تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، ئۆز-ئارا ھەمكارلىق، مول-ھۇسۇللۇق ۋە بەرىكەتنىڭ بىشارىتى، ھۇزۇر ۋە تىنچلىق ھاۋاسىنىڭ دۇنياۋى قىممەت قاراشلىرى بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كېتىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان بىر ۋاستىدۇر.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    نەۋرۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى

    تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى(2010.03.21) خەۋىرى:
    ھەر يىلى 21-مارت كۈنى تۈركىيەدە ۋە ئالبانىيەدىن ئافغانىستانغا قەدەر نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە نەۋرۇز (نورۇز) بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. يېقىن يىللاردىن بويان كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ نەۋرۇز (نورۇز) بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە بولغان قىزىقىشى بارغانسېرى ئاشتى. بۇنداق كەڭ كۆلەملىك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى، نەۋرۇز ئەنئەنىسىنىڭ رايون خەلقلىرىنىڭ ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلماقتا. دىنىي ياكى ئېتنىك بىر تەرەپىنىڭ بولماسلىقى تۈپەيلى، ئوخشىمىغان دىنلارغا ۋە مىللەتلەرگە ئائىت بارلىق رايون خەلقلىرىنىڭ ئەنئەنىسىگە ئايلانماقتا.
    نەۋرۇزنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى خەلقئارا جەمئىيەتلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاۋاتغان بولۇپ، 21-مارت «UNESCO» تەرىپىدىن «دۇنيا مەنىۋىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
    ئۇنداقتا ئەنە شۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە نەۋرۇز دېگەن نېمە؟
    نەۋرۇز (نورۇز) بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟
    تۆۋەندە چانقايا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى باشلىقى پروفېسسور دوكتور رامازان گۆزەننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. . .
    ئالدى بىلەن نەۋرۇز ئۇقۇمى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەيلى.
    «يېڭى كۈن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان نەۋرۇز، كېچە بىلەن كۈندۈز تەڭلىشىدىغان كۈنىگە يەنى 21-مارت كۈنىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. 21-مارت ئەينى ۋاقىتتا باھار مەۋسۇمىنىڭ باشلانغۇچىنى ئىپادىلەيدۇ. كىشىلەر بۇ كۈندە باھارنىڭ كېلىشىنى، تەبىئەتنىڭ جانلىنىشىنى، ھاۋانىڭ ئىسسىشىنى، تەبىئەتنىڭ قوينىغا قايتىدىن ئۆزلىرىنى ئېتىشنى، كۈز پەسلىگىچە داۋاملىشىدىغان تېرىلغۇ ئىشلىرىنىڭ باشلىنىدىغان مەزگىلگە قەدەم قويۇشنى تەشنالىق بىلەن كۈتكەن ھالدا، شاد-خۇراملىق ئىلكىدە داغدۇغىلىق ھالدا تەبرىكلىشىدۇ.
    نەۋرۇز (نورۇز) بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئارىسىدا؛ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى، يەرلىك كىيىم-كېچەكلەر بىلەن ئوينىلىدىغان فولكلور ئويۇنلىرى، شۇ كۈنى كىيىلىدىغان مەخسۇس كىيىم-كېچەكلەر، يالقۇنجاۋاتقان ئوتنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاش، توخۇم چېكىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەر باردۇر. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ، بىر قىسىم ئەپسانىلەرنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بۇ پائالىيەتلىرى بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ. نەۋرۇز (نورۇز) بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى، كۆپلىگەن دۆلەتلەردە 1 كۈندە تاماملىنىدۇ، بەزىلىرىدە بولسا ئۇدا 3 ياكى 7 كۈن ئوخشىمىغان شەكىللەر