版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/104119051.html

    قەشقەردىكى كوچىلار

    قەمەرجان قابىل
    خۇدابەردى ئابدۇللا


              قەشقەر-خاسىيەتلىك، ئۇلۇغ شەھەر. مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ئەللامەلەر، ھىرقىتى(گۇمنام)، ئابدۇرېھىم نەزارىدەك بۈيۈك شائىرلار ياشىغان بۇ شەھەر تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ موللۇقى، تارىخىي ئىز، مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەنلا ئەمەس، ئۆز زامانلىرىدا ئاشۇنداق نۇرغۇن ئۇلۇغ زات ئاياغ باسقان ئۆمۈچۈك تورىدەك بىر-بىرىگە تۇتىشىپ، گىرەلىشىپ كەتكەن كوچا، مەھەللىلىرى بىلەنمۇ داڭلىق.
              1986-يىلى 12-ئايدا بۇ شەھەرنى گوۋۇيۈەن ئېلىمىزدىكى 38 تارىخىي مەدەنىيەتلىك مەشھۇر شەھەر قاتارىدا «تارىخىي مەدەنىيەتلىك مەشھۇر شەھەر» دەپ ئېلان قىلدى.
              بۇ شەھەردىكى ئۈچەيدەك تار، ئەگرى-بۈگرى كوچىلارغا كىرىپ قالسىڭىز، بۇ سىرلىق كوچىلاردىكى چوڭ-كىچىك، ئۇزۇنچاق ۋە تومىلاق كاكۇل، گەج، كېسەك، ياغاچ قۇرۇلمىلىق، ھەرە كۆنىكىدەك زىچ، بىر-بىرىگە چاپلاپ، مىنگەشتۈرۈپ، گىرەلەشتۈرۈپ سېلىنغان سانجاق-سانجاق ئۆي-ئىمارەتلەرگە قاراپ، ئاجايىپ گۈزەل، سىرلىق دۇنياغا قەدەم بېسىپ قالغاندەك ئۆزگىچە تەسىراتقا چۆمىسىز.

              بۇ كوچىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تارىخىنى مەھمۇد كاشغەرىي ياشىغان دەۋرلەردىن، بەزىلىرىنى چىڭگىزخان ھۆكۈمرانلىق قىلغان، چىڭ سۇلالىسى باشقۇرغان دەۋرلەردىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.
              ئۇزۇن كوچىلارنىڭلا ئەمەس، ھەر بىر دوقمۇش، ئايلانما، كوچا ئېغىزلىرىنىڭمۇ يېزىلمىغان، ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن رىۋايىتى بار.
              بۇ شەھەرنىڭ يەنە قەدىرلەشكە، ئەزىزلەشكە ئەرزىيدىغان خاس ئەۋزەللىكلىرى، باشقا شەھەرلەردىن تېپىلمايدىغان ئالاھىدىلىكلىرى، ساياھەتچىلەرنى مەھلىيا قىلىدىغان، ئۆزىگە تەلمۈرتىدىغان سېھرىي-جادۇسى، تارىخنى پاكىتلار بىلەن بېيىتىدىغان ئاسارە-ئەتىقىلىرى، ھېيتگاھتەك جامائەت سورۇنلىرى بار.

              قەشقەر شەھىرىدىكى كونا كوچا، مەھەللە، بازار، ئۆي-ئىمارەتلەر، رەستىلەر قەشقەر شەھىرىنىڭ ئۇزاق تارىخىنىڭ دەلىلى-ئىسپاتى.
              ھازىرقى زامان تارىخچى، تەتقىقاتچىلىرى ئەنە شۇ قاتمۇ-قات، ئۇزۇن-قىسقا، كەڭ-تار، ئۈستى ئوچۇق-يېپىق كوچىلاردىن، ئەسىرلەردىن بۇيان غەرب-شەرق سودىگەرلىرىنى جەلپ قىلغان قايناق بازارلىرىدىن شەرق مىمارچىلىقىنىڭ كارامىتىنى ھېس قىلالايدۇ، بىلەلەيدۇ.
              بىز ئەۋلادلارنىڭ ئۆز ماكانىنىڭ تارىخىنى بىلىۋېلىشى ئۈچۈن ۋە چەت ئەللەردىن، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ھەر يىلى تۈركۈملەپ كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۇزاق زامانلاردا قەشقەر شەھىرىنى كېڭەيتىپ ياساش، ئۆزگەرتىش جەريانىدا يېڭىدىن قويۇلغان، ساقلىنىپ قالغان نام-ئاتالغۇلارنى بىلگىنىمىزچە ئېلان قىلدۇق.
              قەشقەر شەھىرىنىڭ كوچا، مەھەللىلىرى ھەقىقەتەن ئاجايىپ مۇرەككەپ ھەم سىرلىق. بىز قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ، 60 نەچچە يىللىق ھاياتنى شۇ يەردە ئۆتكۈزگەن بولساقمۇ، ئۇنىڭ كوچىلىرىنى ھېلىھەم تولۇق بىلىپ كەتمەيمىز، كىرىپ باقمىغان كوچا، مەھەللىلەرمۇ بار. تارىختا قەشقەر شەھىرىدىكى بەزى قەدىمىي كوچا، بازارلارنىڭ نامى ئۆزگىرىپ ياكى ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
              بۇ تىزىملىكىمىزدە بەزى كوچا، مەھەللىلەرنىڭ نامى ئۆزگىرىپ قالغان ياكى ئۇنتۇلۇپ قېلىنغان، توغرا ئېلىنمىغان بولسا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

              قەشقەر شەھىرى تارىختا «ئىچكەركى شەھەر» ۋە «تاشقارقى شەھەر» دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىلغان (ھازىرمۇ مۇ شۇنداق ئاتايدىغانلار بار).

              «ئىچكەركى شەھەر» دەپ ئايرىلغان قىسمى
    شەرق تەرەپتە تۆشۈك دەرۋازا، ئاۋراڭقاي مەھەللىسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، بۇلاقبېشى مەھەللىسىنى چۆرىدەپ شىمالدا جاڭقورغان، تۆرە يارباغ مەھەللىسى، غەربتە توققۇزاق دەرۋازىسى(ھازىرقى خام بازىرى)نى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، دوپپا-تۇماق بازىرى كوچىسىنى سىرتتا قويۇپ، بەشئېرىق (باشئېرىق) مەھەللىسىنى بويلاپ، لايپەشتاق مەدرىسىسى(ئابدۇقادىر داموللام مەدرىسىسى) نىڭ غەربى كەسكەن ياردىن ئۆتۈپ، ئەۋرىشىمگاھ كوچىسىنى قوينىغا ئېلىپ، جەنۇبتا كەتمەن بازىرى بىلەن مىرزىلار كوچىسى، ئەگلەكچى كوچىسىنى ئىچىگە ئالغان ھالەتتە سېپىل ئىھاتىسىغا ئېلىنغان قىسمىنى كۆرسىتىدۇ.


              قەشقەر شەھىرىنىڭ «ئىچكەركى شەھەر» قىسمىدىكى كوچا، مەھەللىلەر:

    ئاۋراڭقاي مەھەللىسى،
    سەررارچىلار كوچىسى،
    كونا دەرۋازا مەھەللىسى،
    جىننە گۈزىرى (ئارا كوچا)،
    مىرزىلار كوچىسى،
    ئەگلەكچى كوچىسى،
    ساقىيە كوچىسى،
    خانىقا كوچىسى،
    ھېكىم ئاغچام كوچىسى،
    تاختا مەسچىت كوچىسى،
    كونا ئوردا مەھەللىسى،
    ئوردا ئىشىكى مەھەللىسى،
    كاللا مەھەللىسى،
    زىلچى كوچىسى،
    سۇ دەرۋازىسى،
    بۇلاقبېشى مەھەللىسى،
    زىندان كوچىسى،
    ئارائوردا مەھەللىسى،
    دۆڭ مەسچىت كوچىسى،
    جاڭقورغان مەھەللىسى،
    زەيتاپ كوچىسى،
    مەخسۇم كوچىسى،
    تۆرە يارباغ مەھەللىسى،
    خام بازىرى(توققۇزاق دەرۋازىسى)،
    بەشئېرىق مەھەللىسى،
    زەگەرلى كوچىسى،
    لايپەشتاق مەھەللىسى،
    قۇرۇق كۆلبېشى مەھەللىسى،
    غوجىلار كوچىسى،
    چاچ مەدرىسىسى مەھەللىسى،
    ئەۋرىشىمكاھ كوچىسى،
    كەسكەن يار مەھەللىسى،
    ئامبارچى مەھەللىسى،
    چاپان بازىرى،
    ئارائوردا مەھەللىسى.


    «تاشقارقى شەھەر» دەپ ئاتالغان قىسمى:

    شەرق-جەنۇب تەرەپتىن:
    قازانچى ياربېشى،
    گورباغ مەھەللىسى،

    جەنۇب تەرەپتىن:
    بورىچى كوچىسى،
    قاراقى دەرۋازا(قاراقىر دەرۋازىسى)
    كىپەك بازىرى،
    شامچى كوچىسى،
    يېڭى مەھەللە،
    قوناق بازىرى مەھەللىسى،
    ياغ بازىرى،
    دورغابەگ كۆلبېشى مەھەللىسى،
    يامۇل ئالدى مەھەللىسى،
    گۇڭگاڭ كوچىسى،
    دەڭ كوچىسى،

    غەربىي تەرەپتىن:
    باغچە كوچىسى،
    سېپىل تۈۋى كوچىسى،
    يۇمىلاق شەھەر مەھەللىسى،

    غەرب-شىمال تەرەپتىن:
    نور بېشى مەكتەپ ئورنى،
    لىجىڭ يامۇل،
    چوكانلار مەكتىپى ئورنى،
    يارباغ دەرۋازىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


    «تاشقارقى شەھەر» قىسمىدىكى كوچا، مەھەللىلەر:

    قازانچى ياربېشى مەھەللىسى،
    گورباغ مەھەللىسى،
    بورىچى كوچىسى،
    قارقى دەرۋازا(قاراقىر دەرۋازىسى)،
    شامچى كوچىسى،
    كىپەك بازىرى،
    كەتمەن بازىرى،
    ياغ بازىرى،
    قوناق بازىرى،
    يىلقىچى كوچىسى،
    زەيكەش توغراق كوچسى،
    كەسكەنيار مەھەللىسى،
    دورغابەگ كۆلبېشى مەھەللىسى،
    ئوردا ئالدى(قۇم كوچا ياكى ئەلچىخانا)،
    دوپپا-تۇماق بازىرى،
    تايخان غوجام خانىقا مەھەللىسى،
    پىچاقچى كوچسى،
    يېڭى مەھەللە،
    يامۇل ئالدى كوچىسى،
    گۇڭگاڭ كوچىسى،
    دەڭ كوچىسى،
    ئارقا ئوردا،
    خەزىنىچى بەگ مەھەللىسى،
    تۇرۇمتاي كۆلبېشى،
    سەي(كۆكتات) بازىرى،
    قۇرۇقتېرەك مەھەللىسى،
    زوھىرىدىن بەگ كوچىسى،
    جانان كوچىسى،
    ئۆستەڭ بويى زەرگەر مەسچىت مەھەللىسى،
    گوداڭ كوچىسى،
    بۆشۈك بازىرى،
    قادىربەگ ھاجى مەھەللىسى،
    چۆگۈنچى ھاجى مەھەللىسى،
    ئېگىزئېرىق بېشى مەھەللىسى،
    باغ كوچىسى مەھەللىسى،
    ئەنجان رەستە كوچىسى،
    نادىرخان ھاجى كوچىسى،
    ئەنجان كوچا مەھەللىسى،
    لىجىڭ يامۇل كوچىسى،
    خوجا ئەررار ئاخۇنۇم كوچىسى،
    داموللا ھاجى كوچىسى،
    باغچە كوچا،
    سېپىل تۈۋى كوچىسى،
    نور بېشى مەھەللىسى،
    يۇمىلاق شەھەر كۆلبېشى مەھەللىسى،
    كونا قازىخانا مەھەللىسى،
    ياغاچچى كوچىسى،
    زەردەك بازىرى مەھەللىسى،
    قاسقان بازىرى كوچىسى،
    تاغارچى كوچىسى،
    ئارىپ ھاجى كوچىسى،
    سۈت-قايماق كوچىسى(موفاڭ كوچىسى)،
    ئىمىن خەلپىتىم كوچىسى،
    ئاتۇش مەھەللىسى،
    جىڭچى كوچىسى،
    موللاخۇن خەلپىتىم كوچىسى،
    يېڭى ئاچقان دەرۋازا.


    شەھەر سىرتىدىن قېتىلغان كوچا، مەھەللىلەر:

    كوزىچى ياربېشى مەھەللىسى،
    ئاراتۈمەن بويى مەھەللىسى،
    گۈزەر،
    چاۋاك مەھەللىسى،
    گۆر مەھەللىسى،
    پاخال بازىرى مەھەللىسى،
    چىنەباغ مەھەللىسى،
    گۈلباغ مەھەللىسى،
    كونا ياغاچ بازىرى مەھەللىسى،
    گۆر ئۆستەڭ مەھەللىسى،
    پاختا بازىرى مەھەللىسى،
    توخۇ بازىرى،
    تاش بازىرى،
    خوجام كۆلبېشى مەھەللىسى،
    يېڭى جاي مەھەللىسى،
    تۈرمىنىڭ ئالدى مەھەللىسى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


              قەشقەر كوچىلىرى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر

              ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي فامىلە قىلىپ قوللانغان بۇ شەھەردىكى بەزى كوچىلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 200-300 مېتىر كەلسە، بەزى كوچىلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون مېتىرمۇ كەلمەيدۇ. بەزىلىرىنىڭ كەڭلىكى ئۈچ-تۆت مېتىر، بەزىلىرىنىڭ بىر مېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ. بەزى بازارلارنىڭ ئورنى پۇتبول مەيدانىچىلىك كەلسە، بەزىلىرىنىڭ ۋالىبول، ۋاسكېتبول مەيدانىچىلىك كەلمەيدۇ. كۆپىنچە كوچا، مەھەللە بىرەر ھۈنەر، كەسىپ ياكى مەلۇم شەخسنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. بۇ، بۇ شەھەردە ياشاۋاتقان ئاھالىلەرنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئىگىلىك قۇرۇلمىسى، ئالاھىدە ئىجتىمائىي تۇرمۇشى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئادىتى، شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپ، ھۈنىرى، ئوقىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
              خۇددى كاتېرىن ماكارتنىي «قەشقەرنى ئەسلەيمەن» ناملىق ئەسىرىدە خاتىرىلەپ: «ئادەتتىكى كىچىكرەك كوچىلاردا كۆپىنچە ئالاھىدە مەھسۇلاتلار بازىرى بولىدۇ. شۇڭا سىز پاختا بازىرى، خام-ماتا بازارلىرىغا بارسىڭىز، ئۇ يەرلەردە رۇسىيىنىڭ گۈللۈك ماتالىرى سېتىلىدۇ. يەنە تۆمۈر-تەسەك بازىرى، زەرگەرلىك بازىرى، ئۇن، گۈرۈچ بازىرى قاتارلىق بازارلار بار» دەپ يازغىنىدەك، دائىرىسى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، تارىخىي ئۇزاق بۇ قەدىمىي كوچا، مەھەللىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ بازار نامى بىلەن ئاتىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

              قەشقەر شەھىرىدىكى كوچا، بازار، رەستىلەر ھازىرقى زامانىۋى شەھەرلەردىكىدەك كەڭ، ئازادە بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئاجايىپ تارىخى بار.
              بۇنىڭدىن كۆپ يىللار ئىلگىرى قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىدە سودا-سېتىق تىجارىتى گۈللەنگەن «قاراڭغۇ رەستە» دەپ ئاتىلىدىغان بىر يەر بولۇپ، بۇ يەر ھېيتگاھ مەيدانىنىڭ شەرقىي شىمالىغا، «ئەلچىخانا» رەستىسىنىڭ شىمالىغا، توققۇزاق دەرۋازىسى گۈزىرىنىڭ غەربىگە، يارباغ مەھەللىسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئىدى. ئۇ يەرنىڭ %60 ئى ھەر خىل گەزلىمە مال ساتىدىغان سودىگەرلەرنىڭ تىجارەت ئورنى، %40 ئى باشقا بۇيۇملارنى ساتىدىغان دۇكاندار ۋە قول ھۈنەرۋەنلەرنىڭ دۇكىنى ئىدى.
              بۇ رەستىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى نۇرغۇن دۇكاننى باي سودىگەرلەر ئىگىلىۋالغان بولۇپ، ئادەتتىكى تىجارەتچىلەر بۇ قاتاردىن ئورۇن ئالالمايتتى. رەستىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ يانلىرىدىكى قوشۇمچە ئايلانما رەستىلەر قوشۇلغاندا يەنە 300 دىن ئارتۇق دۇكان بار ئىدى، بۇ دۇكانلاردا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئەكەلدۈرگەن جاڭدەن، خاڭدەن، شاخاڭدەن دەپ ئاتىلىدىغان ھەرخىل تاۋارلار، رۇسىيىنىڭ موۋۇت، دۇراپ، زەرباب قاتارلىق ماللىرى، ھىندىستاننىڭ ئاپئاق پارقىرايدىغان خەسىلىرى ۋە «مىسقالە» دەپ ئاتىلىدىغان سىپتا داكىلىرى، تەتىللالىرى، يۇرتىمىزنىڭ ئېسىل شايى-ئەتلەسلىرى سېتىلاتتى.
              ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، دۇنيانىڭ يىپەك ماللىرى بۇ يەردە تېپىلاتتى. بۇ رەستىنىڭ ئۈستى باشتىن ئاخىرى ياغاچ بىلەن باستۇرما قىلىپ يېپىلغانلىقتىن، رەستىگە كۈن نۇرى چۈشمەي كۈن بويى غۇۋا تۇراتتى. شۇڭا بۇ يەر «قاراڭغۇ رەستە» دەپ ئاتالغان.
              «قاراڭغۇ رەستە»نىڭ قالغان قىسمىغا ماتاچىلار، پىچاقچىلار، غىلاپچىلار، كىتابپۇرۇچلار، يايمىچىلار، كىيىم تىككۈچىلەر، شاپاق دوپپا تىككۈچىلەر، قاسساپلار ۋە ساماۋەرچىلەر ئورۇنلاشقانىدى. بۇ رەستىدىكى سودا-سېتىق، ئاۋاتچىلىق، يۈكسىلىش چارەك كەم بىر ئەسىر داۋاملاشقان. 1956-يىلى ھېيتگاھنى كېڭەيتىش ئۈچۈن بولغان كوچا ئىسلاھاتىدا بۇ رەستە پۈتۈنلەي يوق بولۇپ كەتتى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قەشقەرنىڭ ئاۋات رەستىسى بولغان «قاراڭغۇ رەستە» كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئايىغىدىكى قالدۇق رەستە «توققۇزاق دەرۋازا گۈزىرى»نىڭ نامى يەنىلا ساقلانماقتا.

              قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزى بولغان ھېيتگاھ مەيدانىنىڭ شەرق تەرىپىدە «ئوردا ئالدى» دېگەن ھەممىگە تونۇشلۇق بىر يەر بار. بۇ يەر ئىلگىرى كەڭرى سەينا بولۇپ، ئۇنىڭ غەربىي تەرىپىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارى ئۆمەر ھېكىمبەگ 1830-يىلى ياساتقان ناھايىتى ھەشەمەتلىك بىر مەدرىسە بار ئىدى. ئەرەب، پارس تىللىرىنى ئۆگىنىپ، ئىلىم تەھسىل قىلىدىغانلار ماكانى بولغان بۇ مەدرىسىنىڭ شەرق تەرىپىدە ئۆمەر ھېكىمبەگ كولاتقان چوڭ بىر كۆل بولۇپ، كىشىلەر بۇ كۆلنى «قوزۇقلۇق كۆل» دەپ ئاتىشاتتى. كۆلنىڭ سۈزۈك ھەم پاكىز سۈيىدىن ئەتراپتىكى كىشىلەر پايدىلىناتتى. سەينانىڭ شىمال تەرىپىدە بىر رەستە بار بولۇپ، جەنۇب تەرىپى ئوردا تېمىغا تۇتاش ئىدى. شۇڭا بۇ كەڭرى سەينانى كىشىلەر «ئوردا ئالدى گۈزىرى» دەپ ئاتىشاتتى.
              كېيىن «ئوردا ئالدى گۈزىرى» دېگەن نامدىكى «گۈزىرى» سۆزى چۈشۈپ قېلىپ «ئوردا ئالدى» دېگەن نام ئومۇملىشىپ قالغان.
              قەشقەر شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بېجىرىدىغان ئورگانلار ئىلگىرى «كونا ئوردا»، «ئارا ئوردا» دەپ ئاتىلىدىغان جايلاردا ئىش بېجىرىپ كەلگەن.
              19-ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرىغا كەلگەندە، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارى زوھورىدىن ھېكىمبەگ قەشقەر شەھىرىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى قىلىپ، يېڭىدىن قوشۇلغان تاشقارقى شەھەردە بىر ئوردا ياساتقان ۋە ئىش بېجىرىش ئورنىنى ئىچكىركى شەھەردىكى ئىلگىرى بار بولغان ئوردىدىن يېڭى ياساتقان ئوردىغا يۆتكىگەن ھەم ھازىرقى «كەسكەن يار» دەپ ئاتىلىدىغان يەردىن يول ئېلىپ، ئىككى شەھەرنى تۇتاشتۇرغان.
              تاشقارقى شەھەردىكى يېڭى ئوردا ھازىرقى ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ئورنىدا بولۇپ، ئىلگىرى ئۇنىڭ دەرۋازىسى جەنۇب تەرەپتە ئىدى. 1864-يىلى بۇ ئوردىنىڭ دەرۋازىسى شىمال تەرەپكە يۆتكەلگەن ۋە ئوردا ئالدىدىكى كەڭرى سەينا «ئوردا ئالدى» دەپ ئاتالغان. ئوردا دەرۋازىسى كېيىن يەنە ئەسلىدىكى ئورنىغا (جەنۇب تەرەپكە) يۆتكەلگەن بولسىمۇ، لېكىن «ئوردا ئالدى» دېگەن نام ئۆزگەرمىگەن.

              مىلادى 1682-1692-يىللاردا شەھەر سېپىلىنىڭ ئوراڭقاي كوچىسى بىلەن ئەگلەكچى كوچىسىنىڭ تۇتىشىدىغان ئېغىزىدىكى شەرقىي جەنۇب دوقمۇشىغا بىر دەرۋازا قويۇلغان. بۇدەرۋازا «تۆشۈك دەرۋازا» دەپ ئاتالغان.
              بۇ دەرۋازىغا نېمە ئۈچۈن «تۆشۈك دەرۋازا» دەپ ئات قويۇلغانلىقى ھەققىدە «ئاپاق غوجا تەزكىرىسى»دە مۇنداق بىر رىۋايەت بار:
              «ئاپاق غوجىنىڭ يارمۇھەممەدباي ئىسىملىك بىر مۇخلىسى بار ئىكەن. ئۇنىڭ ھەزرەت، قارا ساقال، ئاۋات، بەشكېرەم قاتارلىق جايلاردا ناھايىتى نۇرغۇن يەر-زېمىنى، ئۆي، مال-مۈلكى، باغ-ۋارانلىرى، چارۋىلىرى بار ئىكەن. بايلىقىنىڭ بېھىسابلىقىدىن 1638-يىلى ھەزرەتتىكى بەش پاتمان(75مو) زېمىنىنى ئاپاق غوجىنىڭ ئاتىسى ھاجىمۇھەممەد يۈسۈپ خوجىغا ھەدىيە قىلىۋەتكەن ئىكەن. يارمۇھەممەدباينىڭ شەھەر ئىچىدىمۇ كاتتا قورۇ-جاي، ساراي، دەڭلىرى بار ئىكەن. ياز، كۈز كۈنلىرى يېزىدىكى زېمىنلىرىدىن يىغىۋالغان ئاشلىقنى شەھەر ئىچىگە توشۇپ ئەكىرىشتە تولىمۇ قىينىلىدىكەن، ئاشلىق، ئوتۇن، سامان بېسىلغان ھارۋىلىرىنى قاراقىر دەرۋازىسى بىلەن ئەكىرمەكتىن باشقا يول يوق ئىكەن.
              كۈنلەرنىڭ بىرىدە يارمۇھەممەدباي ئاپاق غوجىغا: «ھەزرىتى غوجام، خۇدانىڭ ماڭا بەرگەن نېمەتلىرىنى سەھرادىن توشۇپ ئەكىرىشىمگە يول تولىمۇ مۈشكۈل بولۇۋاتىدۇ، مۈشكۈلۈمنى ئاسان قىلىشىمغا ماڭا بىر ئىلتىپات كۆرسەتكەيلا، سېپىلدىن بىر كىچىك تۆشۈك ئاچسام، ھارۋا، ئات-ئۇلاغلىرىمنى شۇ تۆشۈكتىن ئۆتكۈزسەم» دەپ ئىلتىماس قىپتۇ. يارمۇھەممەدباينىڭ بۇ ئىلتىماسى ئاپاق غوجىغا تولىمۇ خوپ چۈشۈپتۇ. چۈنكى بۇ يەردىن بىر تۆشۈك ئېچىلسا، ئاپاق غوجا ۋە ئۇنىڭ مۇرت-مۇخلىسلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىشىغا ۋە ئۇ جايدىكى خانىقالىرىنى چۆرۈشكە ئاسانلىق تۇغۇلىدىكەن. ئاپاق غوجا دەرھال ماقۇل بولۇپ، بىر تۆشۈك ئېچىشقا ۋە ئۇنىڭغا دەرۋازا ئورنىتىشقا ئەمىر قىلىپتۇ. قەشقەر خەلقى شۇنىڭدىن بۇيان بۇ دەرۋازىنى ‹تۆشۈك دەرۋازا› دەپ ئاتاپ كەلگەن»

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «شىنجاڭ گېزىتى»-(2008-11-20)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址:

    评论

  • ھەقىقەتەن ئىسىل كوچىلار ئىكەنتۇق ، ئۆتكەن يىلى بىر بېرىپ كۈرۈپ كەلگەن ئىدىم .