版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34967109.html

    ئافغانىستاندىكى ئۆزبەك شائىرلىرى


    تەزكىرە يېزىش ئەنئەنەسى شەرق ئەدەبىياتىنىڭ قەدىمىي ئەنئەنەلىرىدىن بىرىدۇر.
    مەلۇمكى، ھەر بىر ئەدەبىي دەۋردە يۈزلەپ شائىر ۋە ئىجادكار ئىنسانلار ياشىغان. لىكىن ئۇلارنىڭ بارچەسى ئايرىم دەلىللەرگە كۆرە، جۈملىدىن دىۋان تۈزۈشكە قادىر بولمىغىنى ياكى مەتبۇئات بولمىغان دەۋرلەردە ئۆز دىۋانلىرىنى تۈرلۈك نۇسخىلاردا كۆچۈرۈپ قالدۇرالماسلىقلىرى سەۋەبىدىن بىزگىچە تولۇق يېتىپ كەلمىگەن.

    شەرق ئەدەبىياتى تارىخىدىكى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن «تەزكىرە» ئەسەرلىرى ئەدەبىيات تارىخى ساھەسىدە كاتتا ئورۇنغا ئىگە بولغان. چۈنكى بۇ تەزكىرەلەر گۇمناملىقدا ياشاپ ئىجاد ئەتكەن شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تونۇتۇش ۋە ئۇلار ھەققىدىكى مەلۇماتنى بىزگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن كاتتا خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

    ئەلىشىر نەۋائىينىڭ «مەجالىسۇن نەفائىس» ناملىق تەزكىرەسى ئونلاپ تۈركىي تىللىق شائىرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن نەمۇنىلەرنى 15-ئەسىردىن تۇرۇپ بىزگە تونۇتىدۇ.

    بىز ئۆتكەن ھىجرىي شەمسىي يىلىدا «ئافغانىستاندىكى ئۆزبىك شائىرلىرى» ناملىق بىر تەزكىرەنىڭ نەشىر ئېتىلىشىگە گۇۋاھ بولدۇق.

    كىتاب «ئەمىنىي تەزكىرەتۇل شۇئەراسى» ھەققىدىكى سەيىد مۇھەممەد ئالىم لەبىبنىڭ تەقرىز ماقالىسى بىلەن باشلىنىدۇ:
    «ئافغانىستان دەپ ئاتالغان مەملىكەت ھازىرقى زاماندا كۆپلەپ قەۋىملەر، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئۆلكەسىدۇر.
    جۈملىدىن، بۇ ئۆلكەنىڭ شىمالىي رايونلىرى قەدىمدىن تارتىپ تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى بولۇپ كەلگەن. ئۇزاق ئۆتمۈشلەردە تۈركىي خەلقلەر ئاساسەن شۇ زەمىندىن مۇھاجىرەت قىلىپ، دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدا ئەركىن مەملىكەتلەرنى قۇرغانلەر. شۇنىڭغا بىنائەن، ھازىرقى ئافغانىستان، ئەينىقسە، ئۇنىڭ «جەنۇبىي تۈركىستان» دەپ ئاتالمىش شىمالىي رايونلىرى تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرىنچى مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدىن ھىسابلىنىدۇ...»

    مۇئەللىپ ئۆزى يازغان سۆزباشىدا، كىتابنىڭ دۇنياغا كېلىش سەۋەبلىرى ۋە يېزىش يولىدىكى ئىنتىلىشلىرى خۇسۇسىدا سۆزلەپ، كىتابنىڭ كەمچىلىكلىرىنى تولدۇرۇشتا ئۆز تىلداش ۋە قانداش قەلەمكەشلەردىن يارىدەم سورايدۇ.

    تەزكىرەگە 53 نەپەر شائىر ۋە شائىرەنىڭ تەرجىمىھالى ھەم ئەسەرلىرىدىن نەمۇنەلەر كىرگۈزۈلگەن.
    بۇلاردىن 27 نەپىرى يېقىن ۋە ئۇزاق ئۆتمۈشتە ۋاپات ئەتكەن شائىرلار بولسا، قالغان 26 نەپىرى ھايات ياشاۋاتقان زامانداشلىرىمىزدىن ئىبارەت.
    خۇلاسە شۇكى، ھۆرمەتلىك ئەمىنىي يازغان تەزكىرە سوڭغى ئىككى - ئۈچ ئەسىر مابەينىدە ياشاپ ئىجاد ئەتكەن ئافغانىستان ئۆزبىك شائىرلىرى خۇسۇسىدا مەلۇمات بەرگۈچى ئەسەر سۈپىتىدە كىتابخانلارنىڭ قەلبىگە ياقىدۇ.
    تۆۋەندە بۇ كىتابدىن بىر غەزەلنى ئوقۇرمەنلەرگە ھاۋالە ئېتىمىز:

    بۇ بىر پارچە غەزەل كىيىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلىدۇ
    ****************************************************

    (خۇراسان تۈركىيچەسىدىن ساداقەتجان ھاجى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى)
    ****************************************************
    بۇ ماقالەنى باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللاشقا بولمايدۇ
    ****************************************************


    ********************
    ئەسلى مەتىن:
    ********************


    "افغانستانده گي اوزبيك شاعر لري"

    تذكره يازيش عنعنه سي ، شرق ادبياتي نينگ قديمي عنعنه لريدن بيري دير

    معلوم كه هر بير ادبي دورده يوزلب شاعر وايجاد كار انسانلر يشه گن ، ليكناولرنينگ برجه سي ايريم دليل لر، جمله دن ديوان توزيشگه قادر بولمه گني ،ياكه مطبوعات بولمه گن دور لرده اوز دبوانلريني تورلي نسخه لرده كوچيريبقالديره آلمسليكلري باعت، بيزگه چه توليق يتيب كيلمه گن

    شرق ادبياتي تاريخيده گي بيزگه چه يتيب كيلگن
    ‌‌‍‍«تذكره » اثرلرايسه ادبيات تاريخي ساحه سيده كتته اورين گه ايگه بولگن .چونكه بو تذكره لر، گمنام ليكده يشه ب ايجاد ايتگن شاعرلر اثرلريني تهنيتيش واولر حقيده گي معلوماتني بيزگه ييتكزيش اوچون كتته خدمت قيليبكيلماقده

    .عليشير نوايي نينگ «مجالس النفايس » ناملي تذكره سي ، اونلب توركي گوي شاعرني واولرنينگ اثرنمونه لريني 15 نچي عصردن توريب ، بيزگه ته نيته دي

    بيز اوتگن هجري شمسي ييلده «افغانستانده گي اوزبيك شاعرلري» عنوانلي بير تذكره نينگ نشر ايتيليشي گه گواه بولديك

    كتاب « اميني تذكرة الشعراسي » حقيده گي پوهندوي سيد محمد عالم لبيب نينگ تقريظ مقاله سي بيلن باشلنه دي:
    «افغانستان ديب اتلگن مملكت حاضرگي زمانده كوپلب قوملر ، ملیتلر نينگ مشتركاولكه سيدير . او جمله دن ، اوشبو اولكه نينگ شمالي منطقه لري قديمالايامدن توركي خلقلر نينگ آنه وطني بوليب كيلگن ، اوزاق اوتميشلرده توركيخلقلر اساسا شو زمين دن مهاجرت قيليب ، دنيا نينگ باشقه منطقه لريدهايركين مملكتلر تشكيل ايتگنلر. شونگه بناء حاضرگي افغانستان اينيقسه ،اونينگ جنوبي توركستان ديب اته لميش شمالي ساحه لري توركي خلقلر نينگبيرينچي مدني اوچاقلريدن حسابلنه دي ....»

    مؤلف،اوزي يازگن سوز باشي سيده كتاب نينگ يره تيليشي سبب لري واوني قلم گهتارتيش يوليده گي اينتيليش لري خصو صيده سوز يوريتيب ، كتاب كم چيليكلريني تولديريش ده اوز تيلداش و قانداش قلم كشلريدن ياردم سوره يدي

    تذكره ده 53 كيشي شاعر وشاعره نينگ بيو گرافي واثر نمونه لري سيغديريلگن

    بولردن 27 كيشي سي يقين واوزاق اوتميشده وفات ايتگن شاعر لر بولسه - ده، 26 كيشي سي ايسه حيات قيديده گي زمانداشلريميزدن عبارت

    خلاصهشوكه، حرمتلي اميني يازگن تذكره سونگي ايكي – اوچ عصر مابيني ده يشه بايجاد ايتگن افغانستان اوزبيك شاعر لري خصوصيده معلومات بيرووچي اثرصفتيده كتابخوانلر قلبي گه يول آچه ي آليشي آرزوسي بيلن بو كتابدن بيرغزلني خواننده لرگه حواله ايته ميز

    محبت شعله سي

    جنيدالله «حاذق»دن

    يوزينگ كورگاج كورالمام طاقت اشكيم هجومينده
    نيچوك كيم تاب قالمس مهردين ، گردون نجومينده
    خيالينگ بيرله سين سيز دوش شيرين كام اولميشديم
    مگر كيم وصل ترياقي ايدي هجران سمومينده
    سينينگ حسنينگ كبي زلفينگ ايله نظاره كورگان يوق
    نه كاكل شام زنگينده ، نه عارض صبح رومينده
    نيچوك كيم صبحدم رنگين قوياش نينگ پنجه سي اولميش
    سر افراز ايت صبا توپراغيمي ، ياريم قدومينده
    چوچوك سوزي بيله ياريمدن ايرو بولماغيم ممكن
    ايرور نوشيغه نيش انداق كه بو لميش شهد مومينده
    لب لعلينگ، تيشينگ ابله سوزينگني آب و رنگيدن
    ساچار جوهر تنوريده ، تيرار گوهر نظومينده
    ايرور كورگاچ زمان جان بيرماق عاشقلرغه هم وا جب
    قان ايچمك گر روا ايرميش ، پريرولر رسومينده
    محبت شعله سيدن بولماغان يوز داغ دنيا تينگ
    قني بير شمع مزارينده ، قني بير لا له بومينده ؟
    ني تانگ اير ميش اگر حاذق ني كلكيدين شكر تامسه
    چو يوق وصف خطينگ دين اوزگه بير مضمون رقومينده


    بيبليو گرافيك معلومات

    - كتاب نامي : افغانستانده گي اوزبيك شاعر لري
    - مؤلف : الحاج محمد كاظم اميني

    - چاپ ييلي: 1385

    - ناشر : قلم انجمني

    - چاپ ييري : ميوند مطبعه سي ، كابل

    - تيراژ : 1000 جلد

    - سايز : 210 ضرب 140 ملي متر

    - صحيفه لر ساني : متن 232 صحيفه + مندرجه 3 صحيفه + تقريظ وسوزباشي 7 صحيفه

    - كاغذ : بيرينچي سورت

    - مقوا: رنگلي وجلا لي كاغذ
    ****************************************************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: