مىسىر ئىنقىلابىدىن ئوتتۇرا شەرققە نەزەر - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:تارىخ   2011年02月10日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/104116389.html

    مىسىر ئىنقىلابىدىن باشلانغان ئوتتۇرا شەرقنىڭ ھەقىقىي مۇستەقىللىقى

    تاناكا ساكاي (ياپۇنىيە)


    تۇنىس ئىنقىلابىنىڭ يالقۇنى مىسىرغا تۇتاشتى.
    مىسىر 1920-1950-يىللىرىدا ئەرەب مىللەتچىلىكىنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى بولغان بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا ئەرەب خەلقلىرىنىڭ دېموكراتىك ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق، ھەرقايسى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىشىپ، ئەرەب بىرلىكىنىڭ خەلقئارادا زور بىر كۈچ سۈپىتىدە باش كۆتۈرۈپ چىقىشى كۈتۈلگەن ئىدى. ئەمما، ئۇنىڭدىن كېيىن كۈچلەنگەن سوغۇق ئۇرۇشنىڭ رامكىسى ئىچىدە، ئامېرىكا ئەرەب ئۆلكىلىرىنى قايتا بۆلۈش سىتىراتىگىيىسىدە غەلىبە قىلدى ۋە مىسىر ئۆزىمۇ ئامىرىكاپەرەس، مۇستەبىت دۆلەت ھالىتىگە چۈشۈپ قېلىپ، ئامىرىكىنىڭ ئوتتۇرىغا كىرىشى نەتىجىسىدە، ئىسرائىلىيە بىلەنمۇ يارىشىۋالدى. شۇنداق قىلىپ مىسىردا ئەرەب دۇنياسىنىڭ بۆلۈنمە ھالىتىگە پەرۋا قىلمايدىغان بىر ھالەت مەۋجۇت ئىدى.
    لېكىن ھازىر، تۇنىستىن باشلانغان ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشنى مەقسەد قىلغان ئاممىۋىي خەلق ئىنقىلابىنىڭ ئۇچقۇنلىرى مىسىرغىمۇ چاچراپ، ئىئوردانىيە، يەمەنگىچە تارقىلىشقا باشلىدى. 50 يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئامىرىكا تەرىپىدىن بۆلىۋىتىلگەن، قورچاق ھاكىميەتلىك ھالەتتىن ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش مۇمكۇنچىلىكى بولغان ۋەزىيەت شەكىللىنىشكە باشلىدى.
    ئەرەب دۆلەتلىرىدە، ئامىرىكا-ئەنگىلىيە تەرىپىدىن يېتىشتۈرۈلگەن ئارمىيەنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ، «مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمىئىيىتى» قاتارلىق ئىسلامىي كۈچلەرنى قاتتىق باستۇرۇپ، ھەر ۋاقت مۇستەبىت ھۆكۈمەتنى ياكى پادىشاھلارنى قوغداپ كەلدى. بۇندىن كېيىن، مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرنىڭ كەينى-كەينىدىن يىقىلىشى بىلەن، ئارمىيە بىلەن ئىسلامىي كۈچلەرنىڭ تىركىشىش ھالىتى شەكىللىنىدۇ.
    ئىسلامىي كۈچلەر ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تۆۋەن قاتلام خەلق ئارىسىدا كەڭ دائىرىدە قوللاشقا ئىگە بولۇپ، ئامىرىكىنىڭ دىگىنى بويىچە، ئوتتۇرا شەرق پۈتۈنلەي دېموكراتىيىلەشسە، ھەر قايسى دۆلەتتە تارماقلارغا ئىگە بولغان «مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمىئىيىتى» تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرىلىدىغان ئەرەب بىرلىكى، يەنى «ئەرەب ئىسلام ئىنقىلابى» مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن. بۇ ئەرەب تەرەپنىڭ ئامېرىكىغا قارشى كۈچلەردىن بىرىگە ئايلانغانلىغىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھالەتتە، ئامېرىكا ئېغىزىدا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ دېموكىراتىيىلىشىشىنى تەلەپ قىلسىمۇ، ئىچكى قىسمىدا ئارمىيەنى قوراللاندۇرۇپ ئىسلامىي ئېقىمچىلىقنى باستۇرۇشى مۇمكىن. ئەرەب خەلقى، بۇ قېتىمقى ئىنقىلابتا ھازىرغىچە ئامېرىكىغا قارشى شۇئار توۋلايدىغان، ئامېرىكىنىڭ يۇلتۇزلۇق، يوللۇق بايرىغىنى كويدۈرىدىغان ھەرىكەتلەردە بولمىغان بولسىمۇ، ئەگەر، ئامىرىكا ھەر قايسى ئەرەب دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ ئىسلامىي كۈچلەرنى باستۇرىشىغا كۆز يۇمسا، خەلق ئامىرىكىغا قارشى ھالەتكە ئۆتۈپ، ئىسلامىي كۈچلەرنى قوللىشى تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن. بۇ چاغدا ئىنقىلاب ئۇزۇنغا سۇزۇلۇپ، ھىچ بولمىغاندا بۇ يىل ئاخىرغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن.
    تۆۋەندىكىلەر، ئۆزەم ھەر كۇنى تارقىتىۋاتقان «پەيتلىك ئانالىزلار»نىڭ ئىچىدىن تاللاپ ئالغان مىسىرغا مۇناسىۋەتلىك پارچىلار:
    2011-يىلى يانۋارنىڭ (قەھرىتان) 29-كۈنى، نامايىشچى ئاممىغا زوراۋانلىق ۋاستىسى قوللىنىۋاتقان ساقچىلار قاھىرەنىڭ كوچىلىرىدىن نەلەرگىدۇر غايىپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا نامايىشچىلارنى باستۇرمايدىغان قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسىملىرى ھەر يەرلەرگە ئورۇنلاشتى. خەلقنىڭ ئىچىدە، ئارمىيە مۇبارەكنى قوغلاپ چىقىرىپ بېرىدۇ، دەيدىغان ئۇمىد كۈچلۈك بولۇپ، كوچىلاردىكى جەڭچى بىلەن خەلقنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى. شۇ كۇنى، مۇبارەك 30 يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى تەيىنلىدى. مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى بولغان سابىق ئىستىقبارات ئىدارە باشلىقى سۇلايمان ئەسلىدە ھەربى بولۇپ، مۇبارەك ئارمىيىگە يول قويغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمدى، مۇبارەكنىڭ ئىستىپا بېرىپ، سۇلايماننىڭ ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىش ئېھتىمالىنىمۇ نەزەردىن ساقت قىلىشقا بولمايدۇ.
    مۇبارەك ئەسلىدە، 1981-يىلى ئالدىنقى نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسى سادات قەستلەپ ئۆلتۇرۇلگەندە، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسلىك ھالىتىدىن تەختكە چىققان بولۇپ، ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ھازىرغىچە مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى تەيىنلىمەي كەلگەن ئىدى. سۇلايمان بولسا 90-يىللاردا «مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىىيىتى»نى ئاجىزلاشتۇرۇپ ھاكىميەتنى قوغداپ قالغان توھپىكار. ئامېرىكا، «مىسىر ھۆكۈمىتى دېموكراتىيىلىشىشكە يول قويمىسا، ھەربى ياردەمنى توختىتىمەن» دىدى. دېموكراتىيلىشىشكە يول قويۇلسا، تۆۋەن قاتلامدا كەڭ دائىرىدە قوللاشقا ئىگە «مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمىئىيىتى» ھاكىمىيەتچى پارتىيىگە ئايلىنىدۇ. بۇندىن كېيىنكى مىسىردا، ئارمىيە بىلەن «مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمىئىيىتى» ئۇزۇن مەزگىلگىچە تىركىشىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىدىغاندەك قىلىدۇ.
    مىسىردىكى سايلام پەقەت شەكىل ئۈچۈنلا بولسىمۇ، ئامىرىكا ئەزەلدىن «سايلام ئېلىپ بېرىلىدىغان دېموكراتىك دۆلەت» دەپ مۇبارەكنى قوللاپ كەلگەن ئىدى. ئەمما، 30 يىل ئامېرىكىنىڭ قورچىقى بولۇپ خىزمەت قىلغان مۇبارەك ھاكىمىيىتى قاچان ھالاك بولسىا ھەيران قالغۇچىلىگى يوق. ھازىرقىدەك ۋەزىيەتتە، ئامىرىكا ئۇنى تاشلىۋېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. ئامىرىكا مۇشۇ ئون يىلدىن بېرى، «پۈتۈن دۇنيا دېموكىراتىيلىشىشى كېرەك» دەپ تەشەببۇس قىلىپ كەلگەچكە، ھالاك بولۇش ئالدىدا تۇرغان مۇبارەك ھاكىميىتىنى قوللىيالماي، ئوتتۇرا مەيداندا تۇرغان قىياپەتكە كىرىۋېلىشقا مەجبۇر بولدى. مۇبارەك، ئىچكى كابېنتىنى قايتا تەشكىللەپ، ئىسلاھات ئېلىپ بارغان بولىۋالاي دىسىمۇ، ئامېرىكا «ئىچكى كابېنتىنى قايتا تەشكىللەشلا يىتەرلىك بولمايدۇ» دەپ ئىپادە بىلدۇردى.
    2011-يىلى 29-قەھرىتان، قاھىرەگە جايلاشقان ئىسرائىلىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى، تىك ئۇچار بىلەن ئەلچىخانىدىن قېچىپ چىقىپ، مىسىر ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئارقىلىق ئىسرائىلىيىگە قايتتى. مىسىرنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ مىسىردىن چېكىنىشى، مۇبارەك ھاكىمىيىتىنىڭ ھالاك بولۇشقا ئاز قالغانلىغىنى كۆرسىتىدۇ. «مۇبارەكنىڭ ئىزباسارى» دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان، مۇبارەكنىڭ چوڭ ئوغلى جامال مۇبارەك ۋە ئىنىسىنىڭ ئائىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە لوندونغا قاچقانلىغىمۇ جەزىملەشتۇرۇلدى.
    بۇندىن كېيىن، مىسىر بۇرۇنقىدەك ئىسرائىلپەرەس ھۆكۈمەت بولۇشتىن قالىدۇ. يېقىن ئەتراپتىكى ئىسرائىلپەرەس كۈچلەردىن ئىئوردانىيە بىلەن پەلەستىن ۋاقتلىق ھوكىمىتىلا قالغان بولسىمۇ، ئىئوردانىيەدىمۇ مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمىئىيىتى نەچچە كۈنلەپ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشنى قانات يايدۇرماقتا. پەلەستىندىمۇ «پەلەستىن ئاخباراتى»نىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىش سەۋەبى بىلەن، پەلەستىن ۋاقىتلىق ھوكۇمىتىنى ئەيىپلەش سىياسى ھەرىكىتى كۇچەيمەكتە. ئوتتۇرا شەرقتە ئامېرىكىنىڭ مونوپوللۇق كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ، ئىسرائىلىيە گېزىتلىرىمۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ يالغۇز قېلىشىغا بولغان ئەنسىرەشلىرىنى ئىپادىلىمەكتە.
    پەلەستىندە، پەلەستىن ۋاقتلىق ھوكۇمىتىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان مەخپى ھوججەتلەر نەلەردىندۇر قولغا چۈشۈرۈلۈپ، ئابباس ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەگە كۆپ تەرەپلىمە يول قويغانلىقى ئەلجەزىرە قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلىۋېتىلدى. بۇنىڭ بىلەن، مىسىر ۋە ئىئوردانىيەنىڭ ئىسلاملىشىش ئالدىدا تۇرغانلىقىدەك ۋەزىيەت بىلەن قوشۇلۇپ، ئابباسنىڭ ئورنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. ئابباس قوللىغۇچىلىرىنى توپلاپ «پەلەستىن ئاخباراتلىرى ساختا» دەپ جار سالغۇزۇش تاكتىكىسىنى قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭ قاچانغىچە كارغا كېلىدىغانلىغىغا بىر نەرسە دىگىلى بولمايدۇ. ئابباس ھاكىميىتى ئۆزىنى ساقلاپ قالدى دىگەن ھالەتتىمۇ، ئىسرائىلىيىگە قارىتا ئەمدى قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇشتىن باشقا يولى يوق.
    مىسىر بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم قورغانلىرىدىن بىرى بولغان ئامېرىكاپەرەس ھۆكۈمەت يەمەندىمۇ، جۇمھۇر رەئىسى سالىھ ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەتلەر ئەۋج ئالماقتا.
    15-قەھرىتان، تۇنىس ھۆكۈمىتى يىقىلغاندىن بويان، مىسىر، يەمەن، ئىئوردانىيەلەردە ئامېرىكاپەرەس ھۆكۈمەتكە قارشى پائالىيەتلەر كۈچلەنمەكتە. ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەممىسىدە ھۆكۈمەتنىڭ يىقىلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يوقىرى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىر كۈچى پۈتۈنلەي بەربات بولمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ. يەنە بىر ئامىرىكاپەرەس دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستاندا، ھۆكۈمەت مۇبارەكنى قوللايدىغانلىغىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، دېڭىز ساھىلىدىكى شەھەر جىددەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار يۈز بەردى. بۇ تۆت دۆلەت ھاكىميىتىدىن مەيلى قايسىسى يىقىلسۇن، ئۇنىڭدىن كېيىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىدىغان ھۆكۈمەتتە ئېنىقكى ئىسلامىي پۇراق كۈچىيىپ، ئامېرىكا بىلەن ئەمەس، سۈنئىي-شىئە مەزھەپلىرى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتلەردىن ھالقىپ، ئىران بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇشى مۇمكىن.
    2011-يىلى 28-قەھرىتان، مۇبارەك دۆلەتلىك تېلىۋىزوردا نۇتۇق سۆزلەپ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىدىغان ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە ئىچكى كابىنتىنى پۈتۈنلەي قايتا تەشكىللەيدىغانلىغىنى بىلدۈردى. كۆپ قىسىم خەلق، مۇستەبىت مۇبارەكنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىپ، ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەت پەسەيمەستىن ئەتىسىمۇ داۋاملاشتى. ئۇ كۇنى، بۇ قېتىمقى ئىنقىلاب باشلىنىپ تۇنجى قېتىم ئارمىيە كوچىلارغا يۈرۈش قىلدى ۋە خەلق تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى. تۇنىستىكىگە ئوخشاش، ئارمىيە خەلق تەرەپتە تۇرۇپ، مۇبارەكنى تەختتىن چۈشۈرۈپ بېرىدۇ دەپ ئۇمىد قىلاتتى. ئارمىيەدىكى ئوفېتسىرلار، مۇبارەكنىڭ ئورنىنى ئوغلى جامالغا مىراس قالدۇرىشىغا قارشى بولغاچقا بۇ قېتىمقى خەلق ھەركىتىگە كەڭچىل پوزىتسىيە تۇتتى دەپ كۆرسىتىلمەكتە.
    ئوخشاش كۇنى، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى، «مىسىر خەلقىنىڭ نارازىلىقى يوللۇق بولۇپ، مۇبارەك ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ تەلىپىگە قۇلاق سېلىشى كېرەك» دەپ بىلدۈردى. «ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مىسىرغا بېرىۋاتقان يىلىغا بىر مىليارد 500 مىليون دوللارلىق ھەربى ياردەمنى توڭلىتىشتىن يانمايدۇ» دەپ تەھدىت سالدى. بۇ پوزىتسىيە مىسىر ئىنقىلابىغا تېخىمۇ ئوت تۇتاشتۇردى.
    2011-يىلى 28-قەھرىتان، جۈمە نامىزى پۇرسىتىدە، مىسىردىكى ئەڭ چوڭ ئوكتىچى پارتىيە-«مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمىئىيىتى» ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتكە رەسمى قېتىلىپ، مۇبارەكنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. مىسىر ئىنقىلابى ھازىرچە مىللەتچىلىك رامكىسى ئىچىدە كېتىۋاتسىمۇ، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئىسلامىي پۇراقنىڭ كۈچىيىدىغانلىقى «نيۇيورك ۋاقت گېزىتى»دىمۇ پەرەز قىلىنماقتا. «مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمىئىيىتى» مىسىردا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بارلىق ئەرەب ئۆلكىلىرىدە تەشكىلاتلارغا ئىگە پانئەرەب، ھەمدە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ كونا ئىسلام پارتىيىسىدۇر. ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇھىم يېرى بولغان مىسىردا يۈز بەرگەن بۇ ئىنقىلاب پۈتۈن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىسلام ئىنقىلابىغا تەرەققىي قىلىپ، ھېندونوزىيەدىن تارتىپ ماراكەشكىچە بولغان پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، سىياسىي جۇغراپىيىلىك زور بىر بۇرۇلۇشقا ئايلىنىشى مۇمكىن.
    ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىر كۈچىنىڭ تېز سۇرئەتتە ئاجىزلىشىشىغا سېلىشتۇرما بولغان ھالدا، ئىراننىڭ سىياسىي تەسىرى تېزلىكتە كېڭەيمەكتە. لىۋاندا ئىرانپەرەس «ئاللاھ پارتىيىسى» ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىپ، ئىراقتىمۇ شىئە مەزھەپتىكى ئىسلامىي ھاكىمىيەت تىكلەندى. ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ قۇيۇقلاشماقتا. سۈرىيە بىلەن تۈركىيەمۇ بىر قانچە يىلدىن بويان ئىرانغا يېقىن خاھىشتا. بۇلارنىڭ ھىچقايسىسى ئىراننىڭ مۇنداقلا قورچىقى بولماستىن، قارشىلىشىش تەرەپلىرىمۇ مەۋجۇت بولسىمۇ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا-ئەنگىلىيەنىڭ قورچىقى بولۇش كونا ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ تاشلاش نوقتىسىدا ئىران بىلەن ھەمكارلاشماقتا. مىسىر بىلەن ئىئوردانىيەدە ھاكىمىيەتلەر يىقىلسا، ئىران بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتىكى ئىسلامىي كۈچلەر زورىيىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاندىمۇ پادىشاھلىق ھاكىمىيەت ساقلىنىپ قالدى دىگەن تەقدىردىمۇ ئىسلامى ئېقىمغا ماسلىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئوتتۇرا شەرق، سۇنئى ۋە شىئە مەزھەپلىرى ئارىسىدىكى ئەزەلدىن بار بولغان قارشىلىقلىرىنى توختۇتۇپ، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ مونوپوللىقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مۇستەقىل بىر يۆنۈلىشكە قاراپ ماڭىدۇ.
    2011-يىلى 27-قەھرىتان، ئوتتۇرا شەرق مۇتەخەسىسى، ئەنگىلىيە مۇخبىرى روبېرت فىسك دېموكراتىيىنى ياخشى كۆرىدىغان ئەنگىلىيە ( ئەنگىلىيە-ئامېرىكا)نىڭ تاكتىكىسىنىڭ ساختىلىغىنى كۆرسەتتى. تارىختىن بويان ئەنگىلىيە مىسىردىن «دېموكىراتيىلىشىش»نى تەلەپ قىلىپ كەلدى. ئەمما، 1910-يىللاردىن باشلاپ مىسىردا دېموكراتىك ھەرىكەتلەر يۈز بېرىپ، ئەنگىلىيەنىڭ قورچىقى بولغان پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئاغدۇرماقچى بولغاندا، ئەنگىلىيە تەرەپ پائالىيەتچىلەرنى تۈرمىگە تاشلاپ، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە «دېموكراتيىلىشىش» تەلىپىنى تەكرارلاپ كەلدى. ئامېرىكا-ئەنگىلىيەلەر مۇبارەكنىڭ مۇستەبىتلىكىگە سەۋر قىلىپ، «دېموكىراتيىلىشىش» تەلىپى بىلەن بېسىم قىلىش ئارقىلىق، مىسىرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قورچىقى بولۇش ھالىتىنى ساقلاپ كەلدى. ھازىرقىي مىسىردا مەيدانغا كەلگەن بۇ ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەت، ئامېرىكا، ئەنگىلىيەنىڭ بۇ خىل ساختا تاكتىكىسىغا بولغان خەلقنىڭ قارشىلىغىدۇر. مىسىردا ھەقىقى دېموكىراتىيە ئەمەلگە ئېشىپ، ئىسلامىي ئېقىمدىكى بىر ھاكىميەت تىكلەنسە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيەلەر ئۇنى «ئىسلامىي مۇستەبىت» دەپ ئەيىپلىشى مۇمكىن( ئىران ئىسلام ھاكىميىتىنى ئەيىپلىگەندەك)، ئەمما ئامېرىكا، ئەنگىلىيەنىڭ مونوپوللۇق كۈچى ئاجىزلىشىش ھالىتىدە بولۇپ، ئەيىپلەشمۇ «پەرۋا قىلغۇچىلىكى يوق» گەپ بىلەنلا چەكلىنىشى مۇمكىن.

    (ياپۇنچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئويغۇر ئاكادېمىيسىدىن دوكتور ئابلەت تۇران)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://uyghuracademy.com/?p=13649
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: