زامانىمىزدىكى.ئۇيغۇر.شائىرەلىرى - [ماقالەم]
_べ Tag:ئەدىبلىرىمىز 2009年02月07日
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34745474.html
زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر شائىرەلىرى
تىزىملىكنى تۈزگۈچى: ساداقەتجان ھاجى
ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۆزىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە «قۇتادغۇ بىلىك»، «دىۋان ھىكمەت»، «خەزائىنۇل مەئانى»، «دىۋان مەشرەب»، «دىۋان گۇمنام»، «دىۋان زەلىلى» قاتارلىق بىر تۈركۈم نادىر شېئىرىيەت نەمۇنىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ شېئىرىيەت خەزىنىسىنى بېيىتىپ كەلدى.
نۇرغۇن شائىرلىرىمىز مەدەنىيەت تارىخىمىزدىن تىگىشلىك ئورۇن ئالدى. گەرچە كىلاسسىك شېئىرىيەت بوستانىمىزدا بۇلبۇللارنىڭ ناۋاسىغا جۆر بولۇپ، بىر تۈركۈم قىزىلگۈللىرىمىز ئۆزگىچە خۇشپۇراقلارنى چېچىپ، روھىيەت گۈلزارىمىزغا گۈزەللىك ئاتا قىلغان بولسىمۇ، لىكىن ئۇلارنىڭ سانى بارماق بىلەن سانىغۇدەك دەرىجىدە ئاز ئىدى. شۇنداقلا بەزى گۈللىرىمىزنىڭ ئىسمىدىن خەۋەردار بولساقمۇ، ئىجادىيەت غۇنچىلىرىنى كۆرۈش بەختىگە مۇيەسسەر بولالمىغان ئىدۇق. چۈنكى، جاھالەت ۋە قاباھەت بورانلىرى بۇ غۇنچىلارنى توزۇتۇپ، دەۋرىمىزگە يەتكۈزمىگەن ئىدى.
دەۋرىمىز 20 - ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كىيىن، مەتبۇئاتچىلىق ئىشلىرىمىز تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. نەتىجىدە شائىر ۋە شائىرەلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت مىۋىلىرى خەلقىمىز بىلەن ۋاقتىدا يۈز كۆرۈشەلەيدىغان بولدى. شېئىرىيەت ئىخلاسمەنلىرى شائىر ۋە شائىرەلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ساقلاش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشتى. ھازىر مەتبۇئاتلىرىمىزدا شېئىر ئىلان قىلىۋاتقان شائىر ۋە شائىرەلىرىمىزنىڭ سانى كۆپەيدى. نۇرغۇن نادىر شېئىرلارمۇ ۋۇجۇتقا كەلدى. شېئىرىيىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتىنى چىمەنگۇل ئاۋۇتقا ئوخشاش بىر تۈركۈم تالانتلىق شائىرەلىرىمىزنىڭ ئەجرىسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس.
مەن ئۆتكەندە، مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىپ «زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر شائىرلىرى» دىگەن تىزىملىكنى تۈزۈپ، ئاساسلىق بىر نەچچە تور بىكەتلەردە ئىلان قىلغان ئىدىم.(ئەلۋەتتە، بۇ تىزىملىككە 150 نەپەر شائىرنىڭ ئىسمى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، تولۇق ئەمەس ئىدى، ھازىر قولۇمدىكى يېڭى تىزىملىكتە 500 دىن ئارتۇق شائىرنىڭ ئىسمى بار. بۇ يېڭى تىزىملىكنى كىيىن يوللايمەن)
بۇ قىتىم شائىرەلىرىمىزنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقتىم، ئېسىمدە قالغانلىرى بويىچە تۇرغۇزغىنىم ئۈچۈن، بۇ تىزىملىكنىمۇ تولۇق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. يەنە ئىزدىنىپ داۋاملىق تولۇقلايمەن. بۇ تىزىملىك ئاساسەن مەتبۇئاتلاردا شېئىرلىرى ئىلان قىلىنغان شائىرەلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرغۇزۇلدى. تور دۇنياسىدىكى شائىرەلەرنىڭ ئەسلى ئىسمىنى بىلىش قىيىن بولغاچقا، ھازىرچە ئۇلارنى تىزىملىككە كىرگۈزۈش ئىمكانىيىتى بولمىدى. بىلىدىغان تورداشلار ئىنكاس قەۋىتىگە تور دۇنياسىدىكى شائىرەلىرىمىزنىڭ ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويسا، تىزىملىككە تولۇقلىۋىتىمەن. (چۈنكى تور دۇنياسىدىمۇ شۇنداق ياخشى يازىدىغان شائىرەلىرىمىز بار)
بۇ تىزىملىك تولۇقراق تۇرغۇزۇپ چىقىلسا، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى بار ياخشى بىر مەنبە بولۇپ قالىدۇ.
‹
ئا
›
ئادالەت ئابدۇرىھىم
ئاتىكەم سىدىق ئايقۇت
ئاتىكەم مۇھەممەد
ئامانگۇل ئەزىز
ئامانگۇل ئىلى
ئامىنە دۆلەت
ئامىنە قادىر پىراقى
ئامىنىگۇل ھىكىم
ئايىمنىسا سۇلايمان
ئايتۇرا سادىر
ئايسىمە ئىدرىس
ئاينۇر (ھىلالە)
ئايگۈل مۇتىللا
ئايگۈل ھەمدۇللا
‹
ئە
›
‹
ئى
›
ئىززەتگۇل ساتتار (تولۇنئاي)
‹
ئو
›
‹
ئۆ
›
‹
ئۇ
›
‹
ئۈ
›
‹
ب
›
بىلىقىز تاھىر
بىلىقىز سۇلايمان
بۇۋىھەجەر نىمشىھىت
‹
پ
›
پاتىگۈل ئابدۇللا
پاتىگۇل قاسىم تۆرىبەگ
پاتىگۇل مەقسەتوۋا
پاتىگۇل مۇھەممەد
پاتىگۇل نىياز (ئىپارە)
پاشاگۈل ئىسمايىل
پەرىدە ياقۇپ (بەرچىنئاي)
‹
ت
›
تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن
تۇرسۇنئاي بەختى
تۇراخان توختى
تۇنىسا ئابلىز
تۇنىسا ئوسمان
تۇنىسا ھەسەن
تۇردىگۇل ئىلى
تۇرنىسا رېھىم
‹
ج
›
جەناگۈل قىيۇم
‹
چ
›
چىمەنگۇل ئاۋۇت
‹
خ
›
خاسىيەتگۈل (نالە)
‹
د
›
دىلبەر قىيۇم
‹
ر
›
رابىيەم غوپۇر
راھىلە كامال
رەشىدەم سىيىت
رەيھانگۈل غىنى
رىزۋانگۈل ھۈسەيىن
رىسالەت مەردان
رۇقىيە مامۇت
رۇخسارى يەھيا
روشەنگۇل ئابدۇسالام (ناۋال)
‹
ز
›
زەينۇرە ئەيسا
زۆھرەگۈل ئەھەد
زۆھرەگۈل غوپۇر
‹س
›
سەنەۋۋەر ئابدۇراخمان
ساجىدە سۇلايمان
سائادەت ساتتار
‹
ش
›
‹
غ
›
غەلىبە مۇھەممەد
‹
ق›
قۇندۇز مۇھەممەت
‹
ك
›
‹
گ
›
گۈلئەنبەر يۈسۈپ (زىبا)
گۈلباھار مۇسا
گۈلزار ئابلەت
گۈلسۈم ئوسمان
گۈلسۈم توختى
گۈلباھار مۇھەممەدئىمىن
گۈلبوستان ئابدۇرىھىم
گۈلباھار ئەزىز
‹
ل
›
‹
م
›
مەريەم سەپەربايىۋا
مەريەم ئەھەت
مەلىكە زىياۋۇدۇن
مەڭنىساگۇل ئوسمان
مىھرىبان نىياز چوغلۇق
مۇكەررەم ئەبەيدۇللا
مۇنەۋۋەر قۇربان
‹
ن
›
نۇرىيە ئىلاخۇن
نىگارئاي ئۆمەر
نۇرئامىنەم ئەھەت
نۇرگۇل مىجىت
نۇرگۇل ھىيىت
نۇرگۈل يۇنۇس
‹
ھ
›
ھاجى ئاتىكە مىرەخمەت
ھاۋاخان ئەخمەت
ھاياتنوپۇس مۇھەممەت
ھەجەر قادىر
ھەجەر قاسىم
ھەمراگۇل غوپۇر
ھەلىمە تۇردى
‹ۋ
›
‹ي
›
*************************************
(بۇ تىزىملىك داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ)
باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللاشقا بولمايدۇ
*************************************
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us
评论
ساجىدە سۇلايمان،
سائادەت ساتتار.