版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/224200069.html

    نېمە ئۈچۈن ئاچارچىلىقنى ھېس قىلىپ بېقىش كېرەك؟
     

    تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى(2012-10-19) ماقالىسى:
    نېمە ئۈچۈن ئاچارچىلىقنى ھېس قىلىپ بېقىش كېرەك؟
    يېقىندا، «ھېس قىلىش» بىر قىزىق سۆزگە ئايلاندى. 10-ئاينىڭ 1-كۈنى دۇنيا ئاشلىق كۈنى بولۇپ، دۆلەتلىك ئاشلىق ئىدارىسى تۇنجى قېتىم ئاشلىق ساھەسى بويىچە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن 24 سائەت ئاچارچىلىقنى ھېس قىلىش پائالىيىتىنى تەشەببۇس قىلدى. 10-ئاينىڭ 17-كۈنى بولسا نامراتلىقنى تۈگىتىش كۈنى، جۇڭگو نامراتلىقنى يۆلەش فوندى جەمئىيىتى بىلەن ب د ت دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى «6.3 يۈەننى ھېس قىلىپ بېقىش» پائالىيىتىنى قوزغاپ، ئاممىنىڭ 6.3 يۈەن بىلەن بىر كۈن «جاپالىق كۈن» كۆرۈشكە چاقىرىق قىلدى.
    ئاشلىق مول، ماددىي ئېھتىياج مول بولغان بۈگۈنكى كۈندە يەنە نېمىشقا ئاچارچىلىقنى ھېس قىلىپ بېقىش، نامراتلىقنى ھېس قىلىپ بېقىش كېرەك؟
    بۈگۈنكى كۈندە توردا ئومۇملاشقان بىر خىل تور ئاتالغۇسى بويىچە ئېيتقاندا، يۈەن فاڭ سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
    ئىسلاھات ئىشىكىنى ئېچىۋېتىش يولغان قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بېرى، جۇڭگولۇقلارنىڭ ماددىي تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، قۇرسىقى توق بولۇش مەسىلىسى ئاللىبۇرۇن ھەل بولۇپ، يەپ-ئىچىشتە تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ بىخەتەر، ئۆزگىچىلىكنى تېتىپ بېقىشتەك يېڭى ئېھتىياجلار بارلىققا كەلدى. بۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرلىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «قۇرساق تويغاندىن كېيىن» كى مەسىلىلەر تۇغۇلدى. ئاچارچىلىق، قەھەتچىلىك قاتارلىق سۆزلەر نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ خاتىرىسىدىن ئۆچۈرۈلۈپ كېتىپ، ئاچارچىلىقنى ھېس قىلىش بەزى كىشىلەرنىڭ ئورۇقلاش ئۈچۈن تىرىشىشىدىن «بەختنى ھېس قىلىش»غا ئايلىنىپ، كىشىلەر «تەخسىدىكى تاماق» قا ئانچە ئېتىۋار بەرمەيدىغان، جۇڭگو خەلقىنى نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى ئازاپلىغان ئاشلىق مەسىلىسىگىمۇ ئانچە ھۇشيار بولماي قالدى.
    بىر روشەن ئىپادە، يەنى ئىسراپچىلىق جەمئىيەتتىكى جاھىل كېسەللىككە ئايلاندى. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، مەملىكەتتە بىر يىلدا يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە ئىسراپ بولىدىغان ئاقسىل ماددىسى بىلەن ياغنىڭ مىقدارى 8 مىليون توننا ۋە 3 مىليون توننىغا يەتتى، بۇ 200 مىليون نوپۇسنىڭ بىر يىللىق ئاشلىقىنى تۆكۈۋەتكەنلىك بىلەن باراۋەر!!!
    يۈيگو ئىلگىرى مۇنداق دەپ ئېيتقان، ئىنسانلاردىكى بىرىنچى خىل ئاچارچىلىق دەل نادانلىق. ھۆكۈمەتتىن تارتىپ شەخسلەرگىچە ھەر خىل ئىسراپ قىلىش ھادىسىلىرىنىڭ كەينىگە ھەم ھەشەمەتچىلىك ھەم چەت ئەلچە بولۇشقا ئىنتىلىش، يۈز- ئابروي سېلىشتۇرۇشتەك ئىستېمال خاتالىقلىرى ساقلانغان، ھەم ئاشلىق مول بولغان ئەۋزەل شارائىتتا ئاشلىق خەۋىپىگە قارىتا ئويلىنىش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئېڭى كەمچىل. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، دۆلىتىمىز ئاشلىقتىن ئۇدا مول ھوسۇل ئېلىۋاتقاچقا، تۇنجى قېتىم «ئۇدا 9 يىل ئېشىش» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئۈمىد بار، لېكىن ئاشلىق بىخەتەر ۋەزىيىتىدىن ئەنسىرىمەي بولمايدۇ.
    ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تۇپراق بىلەن ئادەمنىڭ مەسىلىسى. ئەمەلىيەتنى ئەكىسچە ئويلىغاندا، بۇ ئىككىلا تەرەپ يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. بىر تەرەپتىن ھەر قايسى جايلاردا زاۋۇت قۇرۇش، سودا خاراكتېرلىك ئېچىش قاتارلىق قىزىق نۇقتىلار گۈللەنمەكتە، بۇنىڭغا يەنە مۇھىت بۇلغىنىشىنى قوشقاندا، نۇرغۇنلىغان تېرىلغۇ يەرلەر بولۇپمۇ، ئەلا سۈپەتلىك تېرىلغۇ يەرلەرنى قايتا تاپقىلى بولمايدۇ، 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقى ھازىر ناھايىتى ئاجىزلىشىپ كەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يۈرەكلىك ھالدا شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچى بولۇشىغا ئەگىشىپ، يېزىلار بوش قېلىش مەسىلىسى ئېغىرلاشماقتا، بۇنىڭغا يەنە دېھقانچىلىق ئەشيالىرىنىڭ باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ئاشلىق تېرىشقا زەربە بېرىش ئاكتىپلىقىنى قوشقاندا، دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىنى ئاق قويۇش بارغانسېرى ئومۇملىشىپ، «كىم يەر تېرىش» كۆرۈنەرلىك مەسىلىگە ئايلاندى.
    بۇ مەسىلىلەر ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى يۇشۇرۇن ئەندىشىگە ئايلاندى، ئەگەر يەنە ئەھمىيەت بېرىلمىسە ھەم ھەل قىلىنمىسا، جۇغلىنىپ ھاسىل بولىدىغان خەتەرنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، خەلق ئۈچۈن ئاشلىق ھەممىدىن مۇھىم، ئاشلىق يەنىلا دۆلەتنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى، 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇسلۇق چوڭ دۆلەت ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدە ھەر قانداق خاتالىق ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ، بۇ ئىش دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ۋە ھەر بىرەيلەننىڭ تىرىكچىلىكىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.
    بۇرۇنقى دانىشمەنلەردە خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرگەندە، خەۋەپ-خەتەرنى ئويلاشتەك ساۋاق بار، ئەل ئارىسىدا ئاچنىڭ دەردىنى توق بىلمەس دەيدىغان گەپ بار، «ئاچارچىلىقنى ھېس قىلىش» نىڭ مەقسىتى بولسا، ھەرگىزمۇ بىر كۈن ئاچ قىلىش بولماستىن، بەلكى «ئاچلىقتىن ماغدۇرسىزلىنىش»، «ئاچلىقتىن كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىش»تەك فىزىئولوگىيەلىك ئىنكاستىن، روھىي تەسىراتقا ئىگە بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكى ئىستېمال ئادىتىنى ئويلىنىپ، ھەر بىر تال ئاشلىقنىڭ ئاسانلىقچە كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، كەلگۈسىدىكى ئاشلىق بىخەتەرلىك خەتىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىش كېرەك. بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى سىستېمىلىق ھالدا باشلامچىلىق بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈش زۆرۈر بولۇپ، ئاشلىق ئورگانلىرى ۋە كادىرلىرىنىڭ كۈلپەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، باشقۇرۇش، توشۇپ ساقلاش قاتارلىق ھەر قايسى ھالقىلاردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ «ئاشلىق ئامبىرى» نى ياخشى ئىدارە قىلىش كېرەك.
    بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەيلى «24 سائەت ئاچارچىلىقنى ھېس قىلىش» ياكى «6.3 يۈەننى ھېس قىلىش» پائالىيىتى ئاۋال ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھېس قىلىش تۈرىگە ئايلىنىش لازىم. شەھەر باشلىقلىرى پەقەت گۈرۈچ خالتىسىنى كۆپرەك كۆتۈرۈپ، كۆكتات سىۋىتىنى كۆپرەك پۇلاڭلىتىپ، ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا كۆپرەك سىغدىشىپ چىقىپ باقسا، ئاندىن ھەقىقىي تۈردە مەمۇرچىلىقنىڭ كەينىدىكى ئازاپ-ئوقۇبەتنى ھېس قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاسان ئەمەسلىكى ۋە ئىنتىزارلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ ئوچۇق، ئاڭلىق ھالدا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ «ياخشى كۈن» ئۆتكۈزىشىدە ۋەزىپىسىنى تەلتۆكۈس ئادا قىلالايدۇ.

    تەرجىمە قىلغۇچى: ئالىمجان نەسىردىن
    ★★★★★
    http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2012-10/19/content_239070.htm
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: