版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/224200815.html

    «پىيادەلەر يولىدىن جۇڭگوچە ئۆتۈش»


    تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى(2012-10-17) ماقالىسى:
    «پىيادەلەر يولىدىن جۇڭگوچە ئۆتۈش» قانداق پىسخولوگىيەنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ؟
    يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى، مۇنداق بىر بۆلەك مەزمۇن مىكرو بىلوگدا تارقىلىشقا باشلاپ، خەلقىمىزنىڭ كوللېكتىپ ھالدا قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش يامان ئادىتىنى مەسخىرە قىلدى: «بىر توپ كىشىلەر مېڭىشقا باشلىدى، ئۇلارنىڭ نە قىزىل، نە يېشىل چىراق بىلەن چاتىقى يوق ئىدى» دەپ يېزىلغان، ھەمدە «پىيادىلەر يولىدىن جۇڭگوچە ئۆتۈش» دەپ نام بېرىلگەن. بۇ بىر ئابزاسنى ئۇلاپ تارقاتقان كىشىلەر ئاز ئەمەس. بەزى تورداشلار يەنە ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى قوشۇپ مۇنداق دېگەن: بۇ يولدىن ئۆتۈشمۇ ياكى جىڭياڭگاڭدىن ئۆتۈشمۇ، شۇنچە كۆپ ئادەم ماشىنىنى توسۇپ! نېمە دېگەن مەدەنىيەتسىزلىك!!
    خۇرسىنىش ھامان خۇرسىنىش بولىدۇ، لېكىن ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلاپ باقساق، بۇ بىر بۆلەك مەزمۇندا ناھايىتى توغرا ئىپادىلەنگەن. ئادەتتە بىز يولنى كېسىپ ئۆتكەندە، بۇنداق كېسىپ ئۆتۈش دائىم ئۇچرايدۇ، بىر-ئىككەيلەن يۇۋاشلىق بىلەن يېشىل چىراقنىڭ يېنىشىنى كۈتسە، ھەمراھىنىڭ ئاغرىنىشىغا ئۇچرايدۇ: تېز بول، ساقلاپ تۇرماي! كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، ئۆزىمىزمۇ بىلمەيلا مېڭىپ سالىمىز، بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ قارىساق، قىزىل چىراق يېنىۋاتقان ئىكەن ئەمەسمۇ، قانداق قىلىپ ئۆتۈپ كەتتىم!؟
    قانداق بولۇپ بۇ خىل «كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق» يۈز بېرىدۇ؟ چوڭايتىپ ئېيتقاندا، بۇ بىزنىڭ تاللىشىمىزدىكى بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
    كەڭ ئامما تاللاشتا ئاساسلىنىدىغان ئىككى نەرسە بار بولۇپ، بىرى نەتىجە نەزەرىيەسى، يەنە بىرى پىرىنسىپ نەزەرىيەسى. نەتىجە نەزەرىيەسىنى ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئالدىنئالا قىلمىشنىڭ نەتىجىسىگە ھۆكۈم قىلىش، پايدىسى بولسا ئۆتۈش، زىيىنى بولسا ئۆتمەسلىك، يەنى پايدىنى كۆزلەپ، زىياندىن قېچىشتىن ئىبارەت. بۇ خۇددى يېتىپ تۇرۇپ كىتاب كۆرسە كۆرۈش قۇۋۋىتىگە زىيانلىق بولسا، باشنى تۆۋەن ساڭگىلىتىپ ئوقۇسا بويۇن ئومۇرتقىسىغا زىيانلىق، ئۇنداقتا ئۇنداق قىلماي، مۇۋاپىق مىقداردا بەدەن چېنىقتۇرسا ساغلاملىققا پايدىلىق بولغاچقا، داۋاملاشتۇرغانغا ئوخشاشلا بىر ئىش. پىرىنسىپ نەزەرىيەسى بولسا، مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشتىن ئىلگىرى مەلۇم بىر پىرىنسىپقا ئاساسلىنىپ ياكى جەمئىيەتنىڭ مەلۇم بىر كېلىشىمىگە، ياكى كۆڭۈلدىكى ئەخلاق قارىشىغا ئۇيغۇن كەلسە قىلىپ، ئۇيغۇن كەلمىسە قىلماسلىقنى، ئاقىۋىتى بىلەن ھېسابلاشماسلىقنى كۆرسىتىدۇ.
    بۇ ئىككى نەزەرىيەنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىشلىتىش ساھەسى جەھەتتە ياخشى-يامانلىق پەرقى يوق. بەزىدە، كىشلەر بۇ ئىككى نەزەرىيەنى بىرلا ۋاقتىدا، يۇغۇرۇپ قوللىنىپ، يەنىلا پايدىنى كۆزلەيدۇ. بىز رودمېنتلاشقان پىرىنسىپ، نەزەرىيە ۋە چاكىنا بولغان نەتىجە نەزەرىيەسىدىن ھۇشيار بولۇشىمىز كېرەك. چاكىنا بولغان نەتىجە قارىشى، يەنى ھەق-ناھەقلىقىنى ئايرىماستىن، قائىدىگە رېئايە قىلماستىن، پەقەت پايدا-زىياننىلا كۆزلىسىلا، ھەتتا كۆز ئالدىدىكى كىچىككىنە مەنپەئەتنى كۆزلىسىلا ياكى ئۆزىنىڭ كىچىككىنە قولايلىقنى ئويلاپ ھېچنەرسىدىن تەپتارتمايدۇ، قائىدىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويىدۇ.
    بۇ خىل بىر تەرەپلىمىلىك ياخشى تاللاش بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ئۇششاق نۇقتىلىرىدىمۇ ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. يۇقىرى بوشلۇقتىن نەرسە تاشلاش، گۈل-گىياھلارنى دەسسەش، قىزىل چىراغنى كۆزگە ئىلماي، پىيادىلەر يولىنى كېسىپ ئۆتۈشتەك ناچار قىلمىشلار ھەممىلا جايدا ئۇچراپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ كەينىگە چاكىنا بولغان نەتىجە نەزەرىيەسىنىڭ سىيماسى يۇشۇرۇنغان. بۇنىڭ خاراكتېرى بولسا بىلىپ تۇرۇپ ئاممىۋى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ، گەرچە خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، بىراق كۆڭلىدە پىرىنسىپ «قېتىپ» قالغاچقا، پەقەت نەتىجىگىلا ئېسىلىۋالىدۇ، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئېغىر ئەمەسما؟ كۆڭلىدىكى خاتىرجەمسىزلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن، يەنە تېخى «باشقىلارمۇ شۇنداق قىلىدۇ» دېگەن سەپسەتىنى باھانە قىلىۋالىدۇ.
    بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، يىپادىلەرنىڭ قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتۈشىگە قويۇلىدىغان جازانى ئېغىرلىتىش كېرەكمۇ -قانداق؟ يەككە ھالدا نەتىجە نۇقتىسىنى چىقىش قىلىپ قول سالغاندا، پىيادىلەر قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتسە، قانچىلىك دەرىجىدە جەرىمانە قويىلىدۇ؟ يەنە ئېلىپ ئېيتساق، جەرىمانىنى ئىجرا قىلماقچى بولسا، تۇرمۇشنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى باشقۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭغا قانچىلىك يۇقىرى بولغان تەننەرخ كېتىدۇ؟ ھەق-ناھەق كۆز قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، قائىدىنى توغرا تونىغاندىلا، ئاندىن زامانىۋى مەدەنىيەت يولىغا قەدەم قويغىلى بولىدۇ.

    تەرجىمە قىلغۇچى: ئالىمجان نەسىردىن
    ★★★★★
    http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2012-10/17/content_238173.htm
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: