版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/224200928.html

    قاچان داۋالاش ۋىجدانىغا تىرەك تېپىلىدۇ؟


    ئاپتورى: شىيوڭ چۈەندۇڭ


    تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى(2012-10-17) ماقالىسى:
    يۈرەك قان تومۇرىغا سېلىنىدىغان تىرەك قاچان داۋالاش ۋىجدانىغا تىرەك بولالايدۇ؟
    13-ئۆكتەبىر، دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق يۈرەك-قان تومۇر مۇتەخەسسىسى خۇ دايى 23-نۆۋەتلىك سەددىچىن خەلقئارا يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە يېرىم دېگۈدەك تىرەك كارغا كەلمەيۋاتىدۇ». نوپۇزلۇق تارماقلارنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 2000-يىلى دۆلىتىمىزدە يۈرەك قان تومۇرىغا تىرەك سېلىش ئوپىراتسىيەسى 20 مىڭ قېتىم ئىشلەنگەن بولۇپ، 2011-يىلى جىددى كۆپىيىپ 408 مىڭغا يېتىپ، 20 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. (2012-يىلى 15-ئۆكتەبىر خەلق تورى، شىنخۇا تورى )
    «چەكتىن ئاشقان داۋالاش» نېمە ئۈچۈن كېسەللەرنى چارچىتىپ قويىدۇ؟
    يۈرەك قان تومۇرىغا تىرەك سېلىش قاچان كېسەللەرنى داۋالاشقا ياخشى تىرەك بولالايدۇ؟
    يۈرەك قان تومۇرىغا تىرەك سېلىش قاچان داۋالاش ۋىجدانىغا تىرەك بولالايدۇ؟ 
    «غالجىرلاشقان تىرەك» بىر ئوچۇم ئىنساپسىز دوختۇرلارنى مەنبە قىلغان، «رولىنى يوقاتقان تىرەك» بىر ئوچۇم مەسئۇلىيەتسىز تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىقىدىن كەلگەن.
    «يۈرەك قان تومۇرىغا سېلىنىدىغان تىرەكنىڭ يېرىمى كارغا كەلمەيدۇ، ھەددىدىن ئاشقان پايدا زەھەر ساتقۇچىلارنىڭ پايدىسىدىن 9 ھەسسە ئېشىپ چۈشىدۇ...» مەن سەمىمىي ئەسكەرتىش بېرىمەنكى، بۇ «ئاشكارىلاش» يۇقىرى قان بېسىمى ۋە يۈرەك كېسىلى بارلارنىڭ مەزمۇندىن تولۇق خەۋەردار بولمايلا، يۈرەك بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىشى ياكى يۈرەك رېتىمىنى تېزلىتىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىمەن.
    مۇتەخەسسىس خۇ دايى مۇنداق بىر ئاددىي مەسىلىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى، «يۈرەك قان تومۇرىغا تىرەك سېلىش» تىكى غەلىتە ھادىسىدە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئۆزىدىكى «روھىي كېسەللىك» نى مەنبە قىلىشتىن كېلىپ چىققان ئەمەس، شۇنداقلا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ تىرەك سېلىشقا قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كېتىشى، ھەتتا كۆۋرۈك سېلىشقا چوقۇنۇپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققانمۇ ئەمەس. يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار زادى قانچىلىك تىرەك سالسا كارغا كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى ھەرگىز بىلمەيدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ «ئاپەتنىڭ يىلتىزى» پەردە ئارقىسىدىكىلەر، يەنى دوختۇرخانا ياكى ئالاقىدار بۆلۈم، دوختۇرلار، كېسەللەر بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز، كېسەل بولغۇچى پەقەتلا «تىرەك سالدۇرغۇچى» ۋە «كۆۋرۈك سالدۇرغۇچى» بولىدۇ.

    «چەكتىن ئاشقان تىرەك سېلىش» ۋە «چەكتىن ئاشقان كۆۋرۈك سېلىش»نىڭ سەۋەبى قەيەردە؟
    بىر ئاددىي ھېساباتتىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، يۈرەك قان تومۇرىغا بىرتال تىرەك سالغاندا، كېسەل زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىدىن بىرقانچە ھەسسە يۇقىرى ھەتتا 10 نەچچە ھەسسە يۇقىرى ھەق تۆلەيدۇ. دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن بىر تىرەكنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى 3000 يۈەندىن ئاشمايدۇ، دوختۇرخانا بۇنى 27 مىڭ يۈەنگە ساتىدۇ. ئىمپورت قىلىنغان بىرتال تىرەكنىڭ يېتىپ كېلىش باھاسى 6000 يۈەندىن ئاشمايدۇ، دختۇرخانا بۇنى 38000 مىڭ يۈەنگە ساتىدۇ. بۇنىڭدىن چۈشىنىۋېلىش تەس ئەمەسكى، توققۇز ھەسسە ئېشىپ كەتكەن تىرەك ئېلىپ كەلگەن چەكتىن ئاشقان پايدا زەھەر ساتقۇچىلارنىڭ پايدىسىدىن ئېشىپ چۈشمەمدۇ؟ ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئالدىنقىسى «ساختا كۆرۈنۈشلۈك مۇۋاپىقلىق»، كېيىنكىسى «قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش» ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، دوختۇرخانىلار كېسەللەرگە «يۇقىرى تېخنىكا» لارنى ئىلمىي، مۇۋاپىق قوللىنىش كېرەك. ھالبۇكى، تىرەك سېلىشنىڭ يامرىشى ۋە زىيادە كۆۋرۈك سېلىش جۇڭگو تېببىي ساھەسىدىكىلەرنى پەقەت نومۇسقا قالدۇرىشىمۇ مۇمكىن.

    «زىيادە داۋالاش» نېمە ئۈچۈن كېسەللەرنى چارچىتىپ قويىدۇ؟
    مەيلى ئېتىكا جەھەتتىن بولسۇن، ياكى تېببىي ئەخلاق جەھەتتىن بولسۇن، دوختۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كېسەلنىڭ تىرەك سالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىشى ۋە قانچىنى سالدۇرىدىغانلىقىدا، دوختۇر «باش ھۆكۈمچى» بولۇپ، ئۇنىڭ ۋىجدانىغا باغلىق، ئەمما زور مەنپەئەتنىڭ ئېزىقتۇرۇشى ئالدىدا ۋىجداننىڭ يەنە قانچە پۇلغا يارايدىغانلىقى، دائىم دېگۈدەك ئېزىقتۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى دوختۇرخانىلار كېسەلنى ئوپىراتسىيە قىلىش ئۈچۈن باشقا جايلاردىن مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىدۇ. مۇتەخەسسىسنىڭ ئۆزى بولسا ئادەتتە پەقەت كېسەللىك تارىخى ۋە دوكلاتنى كۆرىدۇ. «مىقدار بويىچە ئوپىراتسىيە تۈگىگەندىن كېيىن كېتىپ قالىدۇ» غانلىق پىسخىكىسىدا بولغاچقا، كېسەلگە تىرەك سېلىش مۇۋاپىق كېلەمدۇ، ياكى قانچە تىرەك سېلىش كېرەك؟ بۇنى ئادەتتە سۈرۈشتۈرمەيدۇ.

    دوختۇرلار تىرەك «ساتىدىغان سودىگەر» بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.
    شەندۇڭ ئۆلكىلىك كۆكرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى تېببىي قۇرۇلۇش بۆلىمىنىڭ مۇدىرى ماۋ شۇۋېي مۇنداق دېدى: «كۆۋرۈكنى 3 تىن ئارتۇق سالسا كىلنىكىلىق ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ، 7 نى سالسا پۈتۈنلەي سودا سېتىق كۆۋرۈكىگە ئايلىنىپ قالىدۇ». يۈرەك كېسەللىكىنى داۋالاشنى ئېلىپ ئېيتساق، كۆۋرۈك سېلىش ئوپىراتسىيەسى ئەڭ ياخشى لايىھە بولسىمۇ، ئەمما ھازىر دوختۇرلار ئومۇميۈزلۈك كۆۋرۈك سېلىش ئوپىراتسيەسىنى ئىشلەشنى خالىمايدۇ، ئەكسىچە تىرەك سېلىشقا مايىل بولىدۇ. بەزى دوختۇرلارنىڭ «كۆۋرۈك سېلىش» نى خالىماي ئەكسىچە «تىرەك سېلىش» نى ياخشى كۆرىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، تىرەكنىڭ كەلتۈرىدىغان پايدىسى كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دوختۇر ئۈستەك ئالالايدۇ. مانا بۇ تىرەك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ «يامراپ كېتىشى» نىڭ تۈپ سەۋەبى.
    تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكىنى داۋالاشتا، يۈرەك قان تومۇرىنىڭ تارىيىشى ياكى توسۇلۇپ قېلىش ئالامىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، دورا بىلەن داۋالاش، كۆۋرۈك سېلىش ئوپىراتسىيەسى ئىشلەش، تىرەك قويۇش قاتارلىق 3 خىل ئۇسۇلنى قوللىنىش مۇمكىن. تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ جاراھىتى كىچىك بولىدىغان تىرەك سېلىپ داۋالاش بارغانسېرى كۆپلىگەن كېسەللەرنىڭ ئالدىن تاللىشىغا ئايلاندى. ھالبۇكى، پايتەخت تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ ئەنجېن دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلىمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نىيې شىياۋمىن مۇنداق قارىدى، تىرەك قويۇش قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆكرەك، قىسىلىش، دەم سىقىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى روشەن ياخشىلىسىمۇ ئەمما يىراقتىن قارىغاندا، يەنىلا يۈرەك قان-تومۇرىنى تارايتىپ قويۇش خەۋپى بولىدۇ. چەت ئەللەرگە سېلىشتۇرغاندا، دۆلىتىمىزدە يۈرەك قان-تومۇرىغا تىرەك سېلىش نىسبىتى روشەن يۇقىرى بولۇپ، «زىيادە ئىشلىتىش» ۋە «تەكرار ئىشلىتىش» ھادىسىسى مەۋجۇت.

    تىرەك سېلىشتىن قالايمىقان پايدىلىنىشنى چەكلەش كېرەك.
    بىرىنچى، ئىلمىي كومىتېتنىڭ نازارەت قىلىش باشقۇرۇش رولىنى كۈچەيتىپ، يۈرەك قان تومۇرىغا تىرەك سېلىش ئوپىراتسيەسىنى ئىشلەشتە ئىلمىي دوكلات بولۇشنى تەلەپ قىلىش ھەمدە نوپۇزلۇق ئورگاننىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك ؛
    ئىككىنچى، ھەرخىل داۋالاش مۇلازىمەتلىرىنىڭ باھا بېكىتىش مېخانىزىمىنى ساغلاملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرخىل تېببىي داۋالاش مۇلازىمەت باھاسىدا ھەقىقىي باھانى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك ؛
    ئۈچىنچى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرى مۇناسىپ تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، يۈرەك قان تومۇرىغا سېلىنىدىغان تىرەكنى قالايمىقان ئىشلىتىش ئەھۋالىنى كونترول قىلىش كېرەك؛
    تۆتىنچى، ئالاقىدار باشقۇرۇش تارماقلىرى جەمئىيەت ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان نازارەت قىلىش مېخانىزىمىنى تۇرغۇزىشى، يەنى خەلق ئارىسىدىكى داۋالاش، سەھىيە نازارەتچىلىرى ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلارنى ئارىلاپ تۇرۇشى كېرەك.

    شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، «چەكتىن ئاشقان تىرەك سېلىش»تا دوختۇرخانىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش تەرەپلىرىنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار. بىزنىڭ باشقۇرۇش تارماقلىرىغا كونكېرتلاشتۇرغاندا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش سالمىقى يېتەرسىز بولۇش قاتارلىق ئامىللارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. دوختۇرلار تىرەكتىن پايدىلانغاندا پەن-تېخنىكا ۋە مەنپەئەتنىڭ چوڭراق بولىشىنى قوشۇمچە قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يۈرەك قان تومۇرىغا سېلىنىدىغان تىرەك تەبىئىي ھالدا «كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىدىغان بولىدۇ». ئۇنىڭدىن باشقا، باھانى ئېلىپ ئېيتساق، دوختۇرخانا بىر تەرەپنىڭلا دېگىنى ھېساب بولماسلىقى كېرەك. باھا بېكىتىش تارماقلىرى سۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇشى لازىم. شۇڭا «زىيادە تىرەك سېلىش»تا بىر ئوچۇم مەسۇلىيەتسىز تارماقلارنى جازالاپ، «شەكلى ئۆزگەرگەن كۆۋرۈك سېلىشتا بىر ئوچۇم ۋىجدانسىز دوختۇرلارغا زەربە بېرىش كېرەك. (ئاپتورى: شىيوڭ چۈەندۇڭ)

    تەرجىمە قىلغۇچى: مەھەممەت بارات
    ★★★★★
    http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2012-10/17/content_238222.htm
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: