جۇڭگولۇقلار نېمىگە ئالدىرايدۇ؟ - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:جۇڭگو   2012年10月16日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/223793305.html

    جۇڭگولۇقلار نېمىگە ئالدىرايدۇ؟


    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى(2012-10-16) ماقالىسى:
    2012-يىلى 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭ يەرئاستى تۆمۈر يولىدا بىر ياشانغان كىشى بىر ياش بىلەن جېدەللىشىپ، ياشانغان كىشى جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكتىن نەق مەيداندا قازا قىلدى. 7-ئۆكتەبىر گۇاڭجۇ يەر ئاستى تۆمۈر يولى 4-لىنيىسىدە بىر ياشانغان كىشى بىر يىگىت بىلەن ئورۇن تالىشىپ قان تۆكۈشۈپ ئۇرۇشتى. 6-ئۆكتەبىر ۋۇخەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئۈچ يولۇچى يۈك-تاقلىرىنى ئېلىش جەريانىدا ئۇرۇشۇپ قالدى.
    جۇڭگولۇقلار زادى نېمىگە ئالدىرايدۇ؟
    قالايمىقان جىددىيلىشىش، ئاچچىقلىنىش، قىستاشتىن سۈركىلىش كېلىپ چىقىدۇ. كىچىككىنە ئىش كۆرۈلسە بەزى ئەرلەر سالاپىتىنى يوقىتىدۇ، بەزى ئاياللار ئوبرازىغا پىسەنت قىلمايدۇ، بەزى ياشقا چوڭراق كىشىلەر كەڭ قورساقلىق قىلمايدۇ، ياشتا كىچىكلەر ھۆرمەتلەشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ-دە، ھەدېسىلا ئاممىۋى سورۇنلاردا جېدەللىشىدۇ، قان تۆكۈشىدۇ.
    بۇ زادى نېمە ئىش؟
    بەزىلەر مۇنداق دېدى: ئالدىرىمىسا بولمايدۇ، جىددىي ئىش قىلمىسا زىيان تارتىدىغان ئىش-تە. كوچا ئاپتوبۇسىغا چىققاندا بىر قەدەم كېيىن قالسا ئورۇن قالمايدۇ-دە، بالدۇر چىقىپ ئورۇن ئىگىلىۋالغانلارغا ھەسەتخورلۇق بىلەن قاراپ تۇرماقتىن باشقا ئىلاج يوق؛ سودا ماگىزىنلىرى تاۋارلارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرگەنلىك خەۋەرلىرىنى تارقاتسا، ماگىزىن ئالدى ئەتىگەندىلا ئادەم بىلەن توشۇپ كېتىدۇ، ماگىزىن ئىشىكىنى ئېچىش بىلەن ئادەملەر دولقۇنى ماگىزىنغا ئېتىلىپ كېرىپ، ماگىزىننى بىردەمدىلا قۇرۇقداپ قويىدۇ؛ ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى شارائىتى ياخشىراق يەسلىلەردە ئوقۇتۇشقا ئالدىرايدۇ-دە، تاڭ ئېتىشى بىلەن تىزىملىتىش ئورنىغا بارىدۇ، بىراق بەزىلەرنىڭ يېرىم كېچىدە كېلىپ تۇرغانلىقىنى كىممۇ ئويلىسۇن؟ دېمەك، ئالدىرىمىسا ئەرزان نەرسىلەر سىزگە قالمايدۇ.
    بۇ خىل سەۋەبلەردىن كۆپلىگەن كىشىلەر ئالدىراش يۈرىدۇ. بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.
    كىم بىزنى ئادەم كۆپ، بايلىق ئاز جەمئىيەتتە ياشىسۇن دەپتۇ؟
    بەزى ئەھۋاللاردا ئالدىرىمىسىمۇ بولمايدۇ. بىراق كۆپلىگەن ۋاقىتلاردا ئالدىراشنىڭ ھاجىتى يوق. پويىزغا چىقىشنى ئېلىپ ئېيتساق، پويىزغا چىققاندىن كېيىن، ھەممە كىشى ئورنىنى تېپىپ ئولتۇرسا بولىدۇ، مەيلى بالدۇر چىقسۇن ياكى كېيىن چىقسۇن، ھېچ كىم سىزنىڭ ئورنىڭىزنى ئىگىلىۋالمايدۇ. لېكىن كۆپلىگەن كىشىلەر دائىم بېلەت تەكشۈرمەستىن بېلەت تەكشۈرۈش ئېغىزىغا توپلىنىۋالىدۇ. ئىشىك ئېچىلىشى بىلەن ھەممە ئادەم قىسىلىپ پويىز ھازىرلا كېتىدىغاندەك يۈگۈرىدۇ.
    نېمىگە ئالدىرايسىز؟ نېمىگە قىستايسىز؟
    كۆپلىگەن كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئالدىرىۋاتقانلىقىغا قاراپ شۇنداق قىلىدۇ. بۇنى تۈزىتىشكە ئامال يوق. جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇ خىل جىددىيلىشىش خاراكتېرىنى تۈزىتىشى ئاسان ئىش ئەمەس. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن بۇنداق بىر نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك. ئىلگىرى كىشىلەر ئۇزۇن مەزگىل ماددىي نەرسىلەر كەمچىل بولۇپ، تەمىنلەش ئېھتىياجىدا قاندۇرالماسلىق سەۋەبىدىن شۇنداق قىلغان ئىدى. ھازىر تۇرالغۇ ئۆي، داۋالاش، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە بايلىق يېتەرلىك بولماسلىق، تەقسىمات نامۇۋاپىق بولۇش مەسىلىلىرى يەنىلا مەۋجۇت. بۇ مەسىلىلەرنى تامامەن ھەل قىلماي تۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ جىددىيلىشىشتىن ئىبارەت نۇقتىسىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.
    ئۇندىن باشقا، پۇقرالارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. خۇددى يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، بەزى ئەھۋاللاردا تىت–تىت بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق. كوچا ئاپتوبۇسلىرىدا ئۆزئارا يول قويۇش، مەدەنىيەتسىز بولماسلىق كېرەك. ماشىنىنى ئاستىراق ھەيدەش، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش لازىم. ئۆچرەتتە تۇرۇش، ئەدەپلىك بولۇش كېرەك. زۆرۈرىيىتى بولمىسا تىت–تىت بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
    ★★★★★
    http://www.uycnr.com/xwzx/lwzg/201210/t20121016_395141.html
    ★★★★★


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: