بېيجىڭ-ئافغانىستان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:جۇڭگو   2012年10月30日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/224199007.html

    بېيجىڭ-ئافغانىستان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت
     

    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(12.07.2012) ماقالىسى:
    بېيجىڭ-ئافغانىستان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت-(1)
    ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! ئەمدى «بېيجىڭ ئافغانىستان ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇناسىۋەتلىرى شۇنداقلا 2014-يىلىدىن كېيىكى كەلگۈسى ھەققىدە سۆھبەت» ناملىق پىروگراممىنى دىققتىڭلارغا سۇنىمىز.
    دەرۋەقە، ئۆتكەن ئاينىڭ 20-، 21-كۈنلىرى چېكاگودا ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرىنىڭ 2014-يىلىغىچە ئافغانىستاندىن چېكىنىپ بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ۋاقىت بەلگىنىلىشى شۇنداقلا 6-ئىيۇندىن 7 ئىيۇنغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدىمۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا تېخىمۇ كۈچلۈك رول ئوينىشى كېرەكلىكى ھەقىقىدە قارار ماقۇللىنىشى قاتارلىق يېڭى ئۆزگىرىشلەر ھازىر خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان قىزىق تېمىغا ئايلاندى.
    دېمىسىمۇ، ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرى بىلەن ئامېرىكا قىسىملىرى چېكىنىپ چىقىدىغان 2014-يىلىدىن كېيىنكى كەلگۈسىگە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر يېقىندىن باش قاتۇرۇپ كەلمەكتە. بۇلارنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. شۇڭا بېيجىڭ دائىرىلىرى ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتكى ۋەزىيىتىگە ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدۇ. بولۇپمۇ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرگە نەقەدەر زور ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە قىممەتلىك كان مەھسۇلاتلىرى ساھەسى بويىچە تۈزۈلگەن ئۆزئارا كېلىشىملەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
    مەسىلەن، مۇشۇ يىل فېۋرالدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە بىنائەن، بېيجىڭ دائىرىلىرى ئافغانىستاننىڭ سارىپۇل ۋە فەرياپ ۋىلايەتلىرىدە پات يېقىندا نېفىت بۇرغىلاشنى باشلايدۇ. بۇ كېلىشىمنىڭ مۇددىتى 25 يىللىق بولۇپ، بۇنىڭدىن يالغۇز ئافغانىستانغىلا 7 مىليارد دوللار كېرىم بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا. بىيجىڭ دائىرىلىرى يەنە ئافغانىستاننىڭ تۈنجى نېفىت بۇرغىلاش بازىسىنى ياساپ بېرىدىغان بولغاندىن سىرت، لوگار ۋىلايىتىدىكى تەخمىنەن 88 مىليارد دوللارلىق مىس زاپىسىغا ئىگە «ئاينار لايىھەسى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان مىس قىزىپ چىقىرىش خىزمەتلىرىنىمۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. يېڭى لايىھەلەر ئىچىدە يەنە توك ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇپ بېرىش، بېيجىڭ ، تاجىكىستان، ئافغانىستان ۋە پاكىستاننى بىر بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول لىنىيەسى قۇرۇش لايىھەلىرىمۇ بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بېيجىڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئافغانىستاندا ئىشقا ئاشۇرۇلىۋاتقان يەنە 33 ئاساسىي قۇرۇلۇش لايىھەسى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئومۇمىي قىممىتىمۇ 500 مىليون دوللارغا يېتىدىكەن[1].
    قىسقىسى، بېيجىڭ دائىرىلىرى ئافغانىستاندىن كۈتۈۋاتقان نۇقتىلىق سىياسىي مەنپەئەتلەردىن باشقا يەنە بۇ خىل ئىقتىسادى مەنپەئەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ ئافغانىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. شۇڭا بۇ قېتىمقى 12-نۆۋەتلىك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەر يىغىنىدا ئافغانىستان بىلەن بىيجىڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، ئسىتراتېگىيەلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىگە چىقىرىلىپلا قالماستىن ھەتتا ئافغانىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى سالاھىيىتىمۇ كۆزەتكۈچى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى.

    بىز بۇ ھەقتە پىكرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاتاقلىق تەتقىقاتچىلاردىن ئادنان مەندىرىس ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۇمى ئوقۇتقۇچىسى شۇنداقلا خەلقئارا ئىستىراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىدارىسى ئافرىقا تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دوچەنت دوكتور سەلچۇق چولاق ئوغلۇنى زىيارەت قىلدۇق.
    دوچەنت دوكتور سەلچۇق چولاق ئوغلۇ ئەپەندى ئۆز پىكىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
    «دېگىنىڭىزدەك بۇ قېتىم بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەر يىغىنىدا ئافغانىستاننىڭ تەشكىلاتتىكى سالاھىيىتى ھىندىستان، پاكىستان ۋە ئىرانغا ئوخشاش كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىگە كۆتۈرۈلدى. بۇ ئارقىلىق ئافغانىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ رەسمىي ھالغا كەلگەن بولدى. شۇڭا بۇ نۇقتىدىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي مۇناسىۋەتلىرى دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيگەن بولدى.
    ئەمدى ئافغانىستانغا كەلسەك، ئافغانىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقان ۋە بۇ تۇقتىدىن تەشكىلاتنىڭ زاپاس شېرىكى سۈپىتىدە كۆرۈلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرسى. چۈنكى تەشكىلاتنىڭ كەلگۈسىدىكى كېڭىيىشى جەھەتتىنمۇ ئافغانىستان بىلەن موڭغۇلىيە ھازىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى نامزاتلىرى ۋە زاپاس كۈچى قاتارىدا سانالماقتا. بۇلاردىن باشقا كۆزەتكۈچى ئەزالىرى ۋە دىيالوگ شېرىكلىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە تەشكىلاتقا ئەزا بولالىشى تازا مۇمكىن ئەمەستەك كۆرۈنمەكتە.
    بۇ يەردە تەبېئىيكى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەكشىلاتى قىسىملىرىنىڭ 2014-يىلى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىىشىغا ئوخشاش ئالاھىدە ۋەزىيەتمۇ بار. دېمىسىمۇ ئافغانىستان يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ سېۋىت ئىتتىپاقى ئىشغالىيىتىدىن كېيىن شىددەتلىك ئۇرۇشلارنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان بىر دۆلەت. ئافغانىستان 2001-يىلى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەكشىلاتى قىسىملىرىنىڭ كىرىشى ۋە تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلىشى بىلەن يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويغان ئىدى. بۇ قېتىم 2014-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەكشىلاتى قىسىملىرىنىڭ چېكىنىشى مۇقىملاشقاندىن كېيىن ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسى يېقىندىن تالاش تارتىش قىلىنماقتا، بولۇپمۇ رايوندىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا شۇنداق. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىمۇ بۇ نۇقتىدىن ئافغانىستان ۋەزىيىتىنى يېقىندىن تەقىب قىلماقتا. چۇنكى ئافغانىستان زاپاچ كۈچ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تېخىچە كونتىرول قىلىش مۇمكىن بولماي كېلىۋاتقان بىر دۆلەت. ھازىرمۇ نۇرغۇن ئىچكى قالايمىقانچىلىقلار مەۋجۇت. شۇڭا رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكى نۇقتىسىدىنمۇ ئافغانىستان مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى خەلقئارالىق جىنايەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە بىر تۈركۈم بۆلگۈنچى تەشكىلاتلارنىڭ بۇ دۆلەتنى ماكان تۇتۇتىشى، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنىڭمۇ بۇ دۆلەتتىن خەلقئاراغا يېيىلىشى قاتارلىق مۇرەككەپ مەسىلىلەرمۇ بار، شۇڭا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستانغا كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتى بېرىش ئارقىلىق تېخىمۇ يېقىندىن تەقىب قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتالايمىز.

    دوچەنت دوكتور سەلچۇق چولاق ئوغلۇ ئەپەندى يەنە، بۇ مەسىلىگە شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككى لاگىر نۇقتىسىدىن نەزەر سالغاندا، شەرق لاگىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ كۈچلۈك قەلئەلىرىدىن بىرسى سۈرىيە ئىكەنلىكى ۋە بۇ قەلئەنىڭ چۆكۈش ئالدىدا تۇرغانلىقى شۇڭا شەرق لاگىرى بىر قەدەم ئاقرىغا چېكىنىپ، ئافغانىستاننى قەلئە قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى ياكى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا شاھمات ئويىنىدىكىگە ئوخشاش روك روك قىلىپ، ئورۇن ئالماشتۇرماقچى بولۇۋاتقانلى ھەققىدىكى قاراشلار ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، مۇنداق دېدى:
    ئەگەر شەرق لاگىرى دەپ، بىيجىڭ بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى كۆزدە تۇتىلىۋاتقان بولسا، ئۇنداقتا بىيجىڭ بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسدا بۇ مەنىدىن بىرەر ئىستىراتېگىيەلىك ئىتتىپاقلىق ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس، ئەسلىدە 1990 يىللىرى غەرپنىڭ جۈملىدىن ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن سىياسىتىگە قارشى شۇنداقلا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كېڭىيىشىگە قارشى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا يېقىنلىشىش مەيدانغا كەلگەن ئىدى. بىراق 2000-يىللاردىن كېيىن بولۇپمۇ ۋىلادىمىر پۇتىن دەۋرىدە رۇسىيە غەرب ئەللىرى بىلەن ئايرىم ئالاھىدە مۇناسىۋەت ئورنىتىش يولىغا قاراپ مېڭىشقا باشلىدى. بۇنىڭدىن بىز رۇسىيە بىلەن بىيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەممىلا نۇقتىدا ئىستىراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىنىڭ بىردەك ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. سۇرىيە مەسلىسى بولسا، رۇسىيەگە نىسبەتەن ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى سۇرىيە ئەسلىدە رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى قەلئەسى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ قەلئە ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا غەرپ تەرەپدارى بىر ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى رۇسىيەگە نىسبەتەن چوڭ بىر تەھدىت ھسابلىنىدۇ. بۇنى ھەرگىزمۇ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۈچۈنمۇ شۇنداق، دېيەلمەيمىز. گەرچە سۈرىيە كىرىزىسىدە بىيجىڭ غەرب ئەللىرىگە ۋە سىرتتىن مۇداخىلە قىلىشقا قارشى چىقىپ، رۇسىيە تەرەپتە تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما سۈرىيەدىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىرى ناھايىتى ئاجىز. بۇ مەسىلىگە رۇسىيە ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بۆلۈپ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى ساقلاپ قىلىشقا تىرىشماقتا. شۇڭا ئەگەر تىرىشچانلىق نەتىجە بەرمەي، سۈرىيە قەلئەسى ۋەيران بولغان تەقدىردە، رۇسىيە بىلەن جۇڭگۇ سۈرىيەدە تارتقان زېيىنىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن غەرب كۈچلىرى بىلەن باشقا بىر سودىلىشىش يولىغا مېڭىشى مۇمكىن.
    ئەمدى قەلئەنىڭ ئافغانىستانغا يۆتكىلىشىگە كەلسەك، ئوتتۇرىدا يەنە مۇنداق بىر مەسلىمۇ بار. ناتو قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىشىغا ئەسلىدە بىيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن رۇسىيە ئانچە خوشال ئەمەس، چۈنكى ئۇلار چېكىنگەندىن كېيىن ئافغانىستاندا چوڭ بىر خەۋپسىزلىك مەسىلىسى كېلىپ چىقىش ئېىھتىمالى يۇقىرى. ئۇ چاغدا بۇ خەۋسىزلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ناتونىڭ ئورنىنى كىم تولدىرىدۇ؟ بۇ يەر كونتىرول سىرتىدا قالسا قانداق بولىدۇ؟ دەيدىغان ئەندىشلىرىمۇ بار. شۇڭا ھەتتا بۇ جەھەتتىن بىيچىڭ دائىرىلىرى بىلەن رۇسىيە ئۆزئارا رىقابەتكىمۇ چۈشۈپ قىلىشى مۇمكىن. قىسقىسى بۇ جەھەتتە رۇسىيە بىلەن بىيجىڭ چوقۇم ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ، دېگىلى بولمايدۇ. بۇ ۋەجىدىن شەرقنىڭ ئارقىغا چېكىنىشى ۋە ئافغانىستاندا قەلئە قۇرۇشى دېگەندەك ئومۇملۇققا ئىگە بىر تەرىپلەشتە بولۇش ناھايىتى قېيىن بىر ئىش، دەپ ئويلايمەن.

    دوچەنت دوكتور سەلچۇق چولاق ئوغلۇ ئەپەندى يەنە بىيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن كۈتۈدىغان مەنپەئەتلىرى ۋە 2014-يىلىدىن كېيىنكى بېيجىڭ ئافغانىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:
    بىيجىڭ ھۆكۈمىتى باشقا قوشنا دۆلەتلەردىكىگە ئوخشاش ئافغانىستاندىمۇ زور تەسىرگە ئىگە. بولۇپمۇ ناتونىڭ ئافغانىستاندىكى ئىشغالىيىتىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىرى بارغانچە كۈچلىنىشكە باشلىدى. يەنە كېلىپ بېيجىڭ دائىرىلىرى ئافغانىستاننىڭ قىممەتلىك كان بايلىقلىرى جەھەتتە نورغۇن چوڭ مۇئەسسەلەرنى قۇرۇپ بولدى. ئامېرىكا ھەربىي جەھەتتىن تەسىر كۈچىنى ئاشۇرسا، بېيجىڭ دائىرىلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەسىرىنى كۈچەيتتى. شۇڭا بىيجىڭغا نىسبەتەن ئافغانىستان ئىنتايىن مۇھىم بىر دۆلەت. يالغۇز ئىقتىسادى نۇقتىدىنلا ئەمەس، بەلكى ھەم سىياسىي ھەم خەۋپسىزلىك نۇقتىسىدىنمۇ مۇھىم ئاچقۇچلۇق بىر دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندا بىخەتەرلىكنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى ۋە ئافغانىستاندا قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ياخشى ئۆتىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئافغانىستاندىن ئەڭ چوڭ ئەندىشىسى بولسا، خىتاينىڭ قول ئاستىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ۋە تىببەتلىك بۆلگۈنچى تەشكىلاتلارغا ئافغانىستاندىن ياردەم كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. شۇڭا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاستىدا خۇددى تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستانغا ئوخشاش ئافغانىستاننىڭمۇ ئۆزلىرى بىلەن ياخشى ئۆتۈشىنى بۇ ئارقىلىق بۆلگۈنچى تەشكىلاتلارنىڭ ئافغانىستاندا بازا قۇرۇشىنىڭ ئالدى ئېلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ھەمدە ئافغانىستانغا سىياسىي جەھەتتىن ئىنتايىن يېقىندىن كۆڭۈل بولىدۇ.

    سەلچۇق چولاق ئوغلۇ يەنە، غەرب تەرەپدارى ھېسابلىنىدىغان ھامىت كارزائىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورنىغا غەربكە قارشى بولغان تالىبان ھۆكۈمىتى قۇرۇلسا، شاڭخەي ھەمكارلىقى تەشكىلاتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ ئىشىغا يارايدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
    «يېقىندىن بۇيان بىيجىڭنىڭ پاكىستانغا ئوخشاش بەزى دۆلەت ئىستىخبارات ئىدارىلىرى ۋاستىسى ئارقىلىق تالىبانلار بىلەن ئالاقە باغلاشقا تىرىشۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر تۈركۈم قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئەمما تالىباننىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى ۋە قانداق سىياسەت تۇتىشى باشقا ئايرىم بىر تېما. مېنىڭچە ئەگەر تالىبان ھۆكۈمەت بېشىغا كەلسە، غەرب ئەللىرى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولمايدۇ، دېگىلى بولمىغانغا ئوخشاش، ئەگەر ئۆزئارا كېلىشىش ئاساسىدا تالىبان ھۆكۈمىتى قۇرۇلسا، غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناۋىتى ئانچە ناچار بولمايدۇ، دېگىلىمۇ بولىدۇ. شۇنىڭدەك تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارىتا رۇسىيە ۋە بىيجىڭ دائىرىلىرىنىڭمۇ چوڭ ئۈمىد باغلىغانلىقىنى ياكى ئىجابىي قارايدىغانلىقىنىمۇ ئېيتالمايمىز. چۈنكى تالىبان ھۆكۈمىتىدىن رۇسىيە ۋە بىيجىڭ دائىرىلىمۇ ئەنسىرەيدۇ. بولۇپمۇ بۇرۇنقى چاغلاردا دىندار ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ تالىبان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ياردەمگە ئىرىشكەنلىكى ياكى ھېچ بولمىغاندا ئەركىن پائىلىيەت قىلىش شارائىتى يارىتىپ بېرىلگەنلىكى نۇقتىسىدىن جۇڭگۇنىڭ خىلى قاتتىق ئەندىشىسى بار ئىدى. رۇسىينىڭمۇ چېچەن تەشكىلاتلىرىغا ۋە باشقا كاۋكاز بۆلگۈنچى گۇۇپپىلىرىغا تالىبانلار ياردەم قىلىۋاتىدۇ، دېگەندەك گۇمانى بار ئىدى. شۇڭا بۇ نۇقتىدىن تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇسىيە بىلەن جۇڭگۇنى چوقۇم ئىجابىي قارايدۇ، دېيەلمەيمىز. قىسقىسى، مېنىڭچە ئۇلار نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى يېقىندىن تەقىپ قىلىپ، يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ پوزىتسىيەدە تۇتىشى مۇمكىن»

    ھۆمەرتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! ۋاقىت مۇناتسىۋىتى بىلەن پىروگراممىمىزنى مۇشە يەردە توختاتتۇق، پىروگراممىمىزنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى دۈشەنبە كۈى ئاڭلايسىلەر، خەير خوش.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    ئىزاھات:
    [1] - بۇ ئابزاس زامان گېزىتى يازغۇچىسى فىكرەت ئەرتان ئەپەندىنىڭ «بىيجىڭ ۋە ئافغانىستان مۇناسۋەتلىرى» ناملىق ماقالىسىدىن ئېلىندى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    ★★★★★
    مەنبە: http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=eafd27c0-fd08-4261-898c-53e8594a43d4
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: