«مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى» - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:تارىخ   2011年04月04日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/114719785.html

    «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى»نى چۈشىنىش

    مىسىر جەمئىيىتىدىكى داۋالغۇشنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇزاققىچە «سەل قارالغان» يىڭى كۈچلەر ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولدى ھەم «سەھنە»نىڭ ئالدىغا ئۆتتى. بۇ دەل ھەممە يەردە ئۆزىنىڭ كەڭ قورساقلىقىنى نامايەن قىلىۋاتقان «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتى»دۇر.


    «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىيئىتى»نىڭ بەلگىسى

    بەزى غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىدا: «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى»نىڭ باش كۆتۈرۈشى غەربكە بەش تۈرلۈك تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. دەپ ئېنىق ئىيتىلدى. يەنى:
    ئۇ ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن سىياسىي پارتىيە بولۇپ، غەربنىڭ ھاكىمىيەت ئەندىزىسىگە قارشى؛
    ئۇ ئىزچىل غەربنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئەيىبلەپ كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە ئۆچ؛
    ئۇنىڭ يىتەكچى ئىدىيەسى بويىچە، بۇ تەشكىلات خىرىستىيان دىنىغا، ئاياللارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشىغا قارشى؛
    «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى» كەلگۈسىدىكى مىسىر ھۆكۈمىتىگە قاتناشسا، مىسىر ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان تىنىچلىق شەرتنامىسىدىن چېكىنىپ چىقىشى مومكىن؛
    بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى قايتا گۈللەندۈرۈش.
    شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى» ياۋرۇپا ۋە ئامىرىدىكى دۆلەتلەرنى تەشۋىشكە سالىدۇ.

    «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى» ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا باش كۆتۈرگەن.


    ھەسەنۇل بەننا

    «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى» 1928-يىلى 3-ئايدا ئىسلام سوفىزىم مۇتەپەككۇرى ھەسەنۇل بەننا (1906~1949-يىللاردا ياشىغان.) تەرىپىدىن ئىسمىرىيەدە قۇرۇلغان.
    دەسلەپ قۇرۇلغاندا ئەنگىلىيە ھەربىي لاگىرىدىكى ئالتە مۇسۇلماندىن تەشكىللەنگەن.
    ئاساسلىق پائالىيتىدە «مېھرىبانلارچە تونۇشۇش» ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، ئىسلام دىنى ئەقىدىسىنى تەشۋىق قىلىپ، مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىققا قارشى تۇرغان.
    1932-يىلى ھەسەنۇل بەننا باش ئىشتابنى ئىسمىرىيەدىن قاھىرەگە يۆتكىگەن. كىيىن مىسىرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 50 نەچچە تارماق جەمىيئەت قۇرغان.
    1933-يىلى رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرۇلۇپ، ھەسەنۇل بەننا «باش يىتەكچى» بولۇپ سايلانغان.
    1935-يىلىدىن 1939-يىلىغىچە، تەشكىلات پىرىنسىپى ۋە سىياسىي پىرۇگراممىسىنى بېكىتىپ، تەشكىلات ئاپپاراتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىنىي سىياسىي تەشكىلات بولۇپ قالغان.
    ئۇنىڭ ئاساسىي سىياسىي پىرۇگراممىسى مۇنداق:
    «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەرنى ئەڭ ئالىي يىتەكچى پىرىنسىپ قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى ئەقىدىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مىسىر جەمئىيىتىنىڭ دىندىن خالىيلىشىشى ۋە غەربنىڭ تۈرلۈك چىرىك ئىدىيە، مەدەنىيەتلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇش، ئىسلام ئەللىرىدىكى دەرىجە پەرقىنى يوقىتىش، ئىسلام شەرىئىتىنى يولغا قويۇپ، خەلىپە تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پان ئەرەبىزىمنىڭ ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش.
    «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى»نىڭ ئەزالىرى تۆت تۈرگە بۆلۈنگەن. يەنى، ياردەمچى قىرىنداش (ھىماتچى)، رەسمىي قىرىنداش (رەسمىي رەسمىيەت ئۆتەپ ئەزالىققا قوبۇل قىلىنغۇچى)، ھەرىكەتچى قىرىنداش (تۈرلۈك ئەمەلىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشقۇچى) ۋە غازاتچى قىرىنداش.
    مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمىئىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن تىزدىن تەرەققىي قىلدى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى مىسىردا تەخمىنەن 500مىڭ ئاكتىپ ئەزاغا ئىگە بولدى. شىمالىي ئافرىقىدىكى ماراكەش، تۇنىس؛ غەربىي ئاسىيادىكى سۈرىيە، ئىراق، ئىئوردانىيە؛ ئاسىيادىكى ھىندىنوزىيە، لىۋان ۋە پەلەستىن؛ جەنۇبىي ئاسىيادىكى پاكىستان ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەردە تارماقلىرى قۇرۇلۇپ، پان ئىسلامىزىمنىڭ دىنىي سىياسىي تەشكىلاتى بولۇپ قالدى.
    بۇ تەشكىلات مىسىرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زور تۈركۈمدە مەسچىت، دىنىي مەكتەپ ۋە ئىسلام كۇلۇبلىرىنى سېلىپ، سودا، ئوقەتچىلىك شىركەتلىرى دېگەندەك ئىشلار بىلەن شۇغۇللاندى.
    بۇ تەشكىلاتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي نەشىر ئەپكارلىرىدىن «ئاگاھ»، «يول بەلگىسى»، «سادا»، «چىن ئېتىقاد»، «ئىسلام تاللانما ئەسەرلىرى» قاتارلىقلار بار.

    پەلەستىندىكى «خاماس» بولسا «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى»دىن تەرەققىي قىلىپ مەيدانغا كەلگەن


    خاماسنىڭ رەھبىرى ياسىن

    لىۋاندا چىقىدىغان «ئەلچى»دە بېرىلگەن خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى:
    ناۋادا كىشىلەر «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى»نى بىلمىسە، ئۇنداقتا چوقۇم پەلەستىندىكى خاماسنى بىلىدۇ، خاماس دەل «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى»دىن تەرەققىي قىلىپ مەيدانغا كەلگەن، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى قۇرۇلغان، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىنىڭ ئاخىرى مىسىردا قۇرۇلغان «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى»نى خاماسنىڭ ئاساس سالغۇچىسى دېيىشكە بولىدۇ.
    مىسىر دۆلەت ئىچىدە، «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى»مۇ ئوخشاشلا كۆپچىلىكنىڭ تالاش-تارتىشىنى قوزغىغان. قاتار يىرىم ئارال تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى «wilkiLeakws» تورىنىڭ مىسىر دائىرىلىرىنىڭ بۇ تەشكىلاتقا تۇتقان پۇزىتسىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك مەخپىي دىپلۇماتىيە تىلگىراممىسىنىڭ تىكىستىنى ئاشكارىلىدى.
    مىسىرنىڭ مۇئاۋىن پىرىزدىنتى سۇلايمان ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ تۇرىۋاتقان مەزگىلدە «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى»نى «قوراللىق رادىكال ئۇنسۇرلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان توپ» دەپ سۈپەتلىگەن. ئۇ «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى»نىڭ «مىسىر ئىسلام غازات تەشكىلاتى» ۋە «ئىسلام گورۇھى» قاتارلىق 11رادىكال تەشكىلاتقا تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئەيىپلىگەن.
    ئەمما، بۇ نۆۋەت سۇلايمان «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى» بىلەن سۆھبەتلىشىشكە مەجبۇر بولدى. 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن قانۇنسىز دەپ قارالغان «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى» ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە مسىرنىڭ مۇئاۋىن پىرىزدىنتى سۇلايمان بىلەن بىۋاستە سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىلىندى.
    ئەمەلىيەتتە، «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى» ئىزچىل قانۇنسىز يەر ئاستى تەشكىلاتى ھالىتىدە تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، ئۇنىڭ ئامما ئارىسىدىكى تەسىرى ئىنتايىن زور.
    شۇ جايدىكى تەھلىلچىلەر: نەچچە 10يىل جەريانىدا «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى»نىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى تەدرىجىي كۈچەيدى،دېدى.
    بۇنىڭدىن سىرت، مسىرنىڭ غەربكە «تايىنىشى» دىن پەيدا بولغان ئىتىقاد كىرىزىسى بەزى مىسىرلىقلارنى «ئىسلامغا قايتىش»قا تەلپۈندۈرگەن. بۇ تەشكىلات يەنە تۈرلۈك خەير-ساخاۋەت تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، نورغۇن ئاممىنى ئۆز توپىغا جەلپ قىلغان.
    نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مەلۇم ئامبۇلاتۇرىيەنىڭ خوجايىنى مۇنداق دېدى:
    گەرچە مالىمانچىلىقنى ياقتۇرمىساممۇ، ئەمما «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى» كىشىلەرگە ئۈمىد ۋە ئىستىقبالنى كۆرسىتىپ بەردى. ھازىر نورغۇن كىشىلەر ئىبادەت قىلمايدۇ، «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى» بولسا دىنىي قائىدىگە ئەمەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بۇ تەرىپى كىشىلەرنى مەنىۋى يۆلەنچۈككە ئېرىشتۈرىدۇ.

    غەرب «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى»نىڭ يەر شارى دائىرىسىدە كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا


    غەرب «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى»نىڭ تىز تەرەققىي قىلىشى ياۋرۇپا، ئامېرىكىنى تەشۋىشكە سېلىپ قويدى، ئۇلار بۇ تەشكىلاتنىڭ پۈتۈن ئوتتۇرا شەرق، ھەتتا، يەر شارى دائىرىسىدە كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
    ئىئوردانىيەدە، غەرب «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى» قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىگە ھەم سىياسىي پارتىيە-ئىسلام ھەرىكەت سېپى بولۇپ قۇرۇلغان، پارلامېنتتا ئەڭ كۆپ ئورۇنغا ئىگە؛
    بەھرەيىندە؛ غەرب «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى»نى قوللايدىغان سىياسىي پارتىيە-ئىسلام كېڭىشى غەرب مۇزىكىسى، كىنو ۋە بارلىق «نامۇۋاپىق كۆڭۈل ئېچىش»لەرگە قاتتىق قارشى تۇرىدۇ؛
    ئىراقتا، غەرب «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى» قوللايدىغان سىياسىي پارتىيە ئىسلام پارتىيەسى سادام ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنلا قانۇنلۇق تەشكىلات بولۇپ قالدى، بۇ پارتىيە ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا ئەسكەر تۇرغۇزۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى بىلەن داڭق چىقارغان؛
    سەئۇدىي ئەرەبىستاندا، غەرب «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى» قانۇنلۇق تەشكىلات، ئەمما، بۇ تەشكىلاتنىڭ سەئۇدىي ئەرەبىستان دائىرىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس. بۇ تەشكىلات ئىلگىرى سەئۇدىي ئەرەبىستان خان جەمەتىنى «دىنىي ئەقىدىگە خىلاپلىق قىلدى» دەپ ئەيىپلىگەن. سەئۇدىي ئەرەبىستانى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولسا بۇ تەشكىلاتنى «قانۇنسىز ئىشلارنى قىلىشقا ئۇرۇندى»، «ئوتتۇرا شەرقتىكى بارلىق مالىمانچىلىقلارنىڭ مەنبەسى» دەپ ئەيپلىگەن.


    «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى»نىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن سىرت، ھازىر شىمالىي ئافرىقىدىكى ئالجىرىيە، سۇدان، تۇنىس ۋە لىۋىيە، ھەتتا ئىسرائىلىيە ۋە ياۋرۇپا، ئامېرىكىدىكى نورغۇن دۆلەتلەردە تارماقلىرى بار.
    گىرمانىيەدە چىقىدىغان «دەۋر ھەپتىلىكى گېزىتى»دە: «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى»نىڭ ھازىر دۇنيادا 70 تىن ئارتۇق تارماق ئاپپاراتى بار، دېيىلدى. بۇ گېزىتتە گېرمانىيە ئاخبارات تارمىقىنىڭ دوكلاتى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، گېرمانىيەدىمۇ «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى»نىڭ نەچچە مىڭ ئەزاسى ياشاۋاتىدۇ، دېيىلدى.
    گەرچە مىسىردىكى «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى»نى مەنبە قىلغان تەشكىلاتلاردا يەر شارى خاراكتىرلىك ئاپپارات مەۋجۇت بولمىسىمۇ، ھەر قايسى تارماقلىرى ئوتتۇرىسىدا پەرق زور، بەزىلىرى مۆتىدىل، بەزلىرى رادىكال، بەزىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقونۇش مەۋجۇت، مەسىلەن: سۈرىيەدىكى «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى» بىلەن خاماس دەل مۇشۇنداق. ئەمما، غەربلىكلەر «مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى»نىڭ رايۇن خاراكتېرلىك، ھەتتا يەر شارى خاراكتىرلىك تەسىر شەكىللەندۈرگەنلىكىدىن، ئۇنىڭ ئالدىنى ئالماي بولمايدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
    ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلسى بويىچە سابىق پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى روس مۇنداق دېدى:
    بۇ قېتىم شىمالىي ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرقنى قاپلىغان «ئىنقىلاب»نىڭ كۆرۈنۈشى خىلمۇخىل، تەرەققىيات ھالىتى تۈرلۈك بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن «مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتى»نىڭ سايىسىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «شىنجاڭ ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»(2011-04-02)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://xjnida.com/ji/2/381.html
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.uyghurqamus.com/read.php?tid=728
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址:

    评论

  • Blogingiz tashlinip qal ghili uzaq bolghan idi, emdi qayta yizishni bashlapsiz he!